|
|
|
|
يەنە غۇربەتتە كەتتىم
شاھ مەشرەپ شېئىرى
دۇنيا سارىغا كىلىبان غەمزادە كەتتىم،
بىر لەھزە دەم ئالماي تۇرۇپلا لەھزىدە كەتتىم.
بىر ئاشىقى ھەمرا جاھان ئىچرە تاپالماي،
ھەسرەت ئوتىدىن كۆيدىمۇ ماتەمزادە كەتتىم.
----------------------------
سۈرتمەي بۇ قارا يۈزنى بىرىپ گۈلشەنلەرگە،
ئارماندا يۈرۈپ لىكىن بۇزۇق كۈلبىدە كەتتىم.
ھەر جان كىلەريۇ كەتكۈسىدۇربىلسەم ئۇنى ھەم،
كەتمەسچە يۈرىبان يەنە غۇربەتزادە كەتتىم.
----------------------------
تىكەن بولۇبان دۇنيادا يۈردى نىچە گۇمراھ،
يالىڭاچ كىلىپ مۇندا يەنە جاڭجالدا كەتتىم.
غاپىل كىشىلەر كىچەيۇ-كۈندۈز تىلىگەي مال،
دۇنيا ئىلە دىننى ساتماي غەمزادە كەتتىم.
--------------------------
تا يارنى خىيال ئەيلىدى مەشرەپ،كۆزنى ئاچتى،
يۈز دەردۇ-ئەلەم بىرلەكى مىھنەتزادە كەتتىم.
----------------------------
تەييارلىغۇچى مۇھەممەد بابۇر
|
|
|
|
|
|