مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1630|ئىنكاس: 38

ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداش چاقىرىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6072
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8555
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 565 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 10:15:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداش چاقىرىقى





ئاتالمىش سالونلارنىڭ كۆچۈرمىكەشلىكىگە، ئاپتورنىڭ ھوقۇقىغا بولغان دەخىل-تەرۇزىگە چىداپ تۇرغىلى بولماس،  شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم مۇشۇنداق مەنبەسى، ئاپتورى ئەسكەرتىلمىگەن يازمىلارنى كۆرگەندە بارمىقىڭىز ئاپتۇماتىك ھالدا ئوڭ بۇرجەكتىكى خەنزۇچە (پاش قىلىش) دىگەن خەتنى بېسىۋىتىپ قالسۇن، ھەم مەن قالدۇرغا ئىۋۇ بىر نەچچە چاسا خەتنى چاپلىۋىتىشنى ئۇنۇتماڭ!!!


ئەگەر ئەسەر ھوقۇقى، ئەقلىي مۈلۈك دىگەنلەرنىڭ بىز ئۈچۈن ئانچە مۇنچە پايدىلىق نەرسە دەپ قارسىڭىز، قېنى بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ پاش قىلىش مەشغۇلاتى قېلىپ قويۇڭ!


قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ھۆكۈمىران ئەپەندى يوللاۋاتقان ئەھمەد ۋاھىدى ئاپتورلىقىدىكى«ئامېرىكىغا سەپەر» ماۋزولۇق تېما ھېچقانداق رۇخسەت-تەكەللۇپسىز مەلۇم بىر سالۇندا تارقىلىپ يۈرۈپتۇ، مۇنبەرداشلارنىڭ ئۇچىرىغان ھامان پاش قېلىشىپ بېرىشىنى، پاش قىلىش مەشغۇلاتى قىلىش ئارقىلىق ئاپتۇر ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىمىز،!


پاش قېلىش سەۋەبى:


著作权受侵犯


گەرچە قارىماققا بۇ ئاددى بىر ئىشتەك، بىز چىدىماسلىق قىلىۋاتقاندەك كۆرىنىمىز، نۇرغۇن ئادەم، (- نىمە بوپتۇ، ياخشى نەرسە پىنھان قالمىسۇن دىگەندۇ.) دىيىشى مۇمكىن.


بىراق بۇ ئۇنچە ئاددىي ئىش ئەمەس، سىز بىر ئەسەرنى نۇرغۇن زېھنى كۈچىڭىزنى سەرىپ قېلىپ تەييارلىسىڭىز، ئىجاد قىلسىڭىز، نەتىجىدە قىلغان ئەمگىكىڭىز ئانىسىنى تۇنىمايدىغان ئەقىلسىز بالىدەك كوچا كويلاردا لاغايلاپ يۈرسە، سىز يا ئۇنى مېنىڭ دىيەلمىسىڭىز، سىناپ بېقىڭە قانداق ھېسياتتا بولىدىكەنسىزكىن!!!


ئاشۇ ياخشى ئەسەرنى پىنھان قالمىسۇن دىگۈچىلەر، نىمە ئۈچۈن ياخشى نەرسىنى ئاپىرىدە قىلغان ياخشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 01:24 PM  


قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2557
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21685
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9908 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 10:21:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەھمەد ۋاھىدى ئاكىمىز يازغان ‹‹ئامېرىكىغا سەپەر›› ناملىق زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تۇنجى بابىنى يوللىغان چېغىمدىلا قىسقىچە ئەسكەرتىش بېرىپ، بۇ ساياھەت خاتىرىسىنىڭ كىتاب بولۇپ نەشىردىن چىقىدىغانلىقى، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا قەتئى رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدىم.
  ساياھەتنامىنىڭ 5- بابىنى يوللاپ نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئاپتوردىن ۋە ئاپتورنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ ئەسەرنىڭ بۇرۇن يوللانغان قىسىملىرى قايسى بىر ئۈندىدار سالۇنىدا تارقىلىپ يۈرۈپتۇ. ئۇ يۈزى قېلىن سالۇنچى ئەسەرنىڭ ئاپتورى، كۆچۈرۈپ ئېلىنغان تور بېكەت ھەققىدە قىلچە ئەسكەرتىش بەرمەيلا قالماستىن يەنە تېخى (داۋامىنى داۋاملىق ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.) دەپ يازما ئاخىرىغا سۆز قالدۇرۇپتۇ. بىز ئۇ ئۇندىدار سالۇنىنىڭ ئىسمىنى بىلەلمىگەچ ( بىرەيلەن شۇ ئەسەرنىڭ ئۇندىداردىكى ھالىتىنى رەسىم شەكلىدە كىيۇكىيۇ دا ئەۋەتىپتىكەن، لېكىن سالۇننىڭ ئىسمى بار يەرنى چىقارماپتۇ. كېيىن قايتا-قايتا ئۇچۇر ئەۋەتىپ شۇ سالۇننىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىشنى ئۈتۈنسەممۇ جاۋاب قايتۇرمىدى) ئامال قىلالمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئاپتور ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئەسەرنىڭ داۋامىنى بەرمەسلىك قارارىغا كەلگەن ئىدۇق.
   كېيىن دۆلىتىمىز ئىچى-ۋە سىرتىدىكى تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، تورداشلارنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن داۋامىنى مۇنبەردە داۋاملىق بېرىۋاتىمىز. بۇ ئەسەر ئەھمەد ۋاھىدى ئاكىمىز تەرىپىدىن يېزىلىپ، چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن تۈزۈتۈلگەندىن كېيىن، مېنىڭ  كومپىيوتېردا بېسىپ تەھرىرلىشىم بىلەن مۇنبەرگە يوللىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن زېھنىمىز، ۋاقتىمىز سەرپ بولۇۋاتىدۇ.
ئۈندىدار سالۇن قۇرغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم:   
بۇ ئەسەرنى شۇنداقلا بارلىق ئاپتورلارنىڭ قىممەتلىك ئەجىر-مېھنىتى بىلەن پۈتكەن ئەسەرلىرىنى سالۇنىڭىزغا قالايمىقان كۆچۈرمەڭ! كۆچۈرسىڭىزمۇ ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ! باشقىلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشنى يەنىلا توختاتمىسىڭىز سىزنى كۆتۈۋالىدىغىنى قانۇننىڭ جازاسى بولىدۇ.
  شۇڭا بارلىق ئاپتورلارىن ئۆزىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداشنى بىلىشىنى، ئۇندىدار سالۇن قۇرغۇچىلىرىنىڭمۇ ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ئەسەرلەرنى كۆچۈرۈپ تارقىتىشىنى، كېيىنكى كۈتۈلمىگەن ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.     
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 12:46 AM  


ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109417
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2014-8-24
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 10:33:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەھلا  
راسىت، دائىملا ئاپتورنىڭ نامى ئۆچۈرۈلۈپ يوللىنىدۇ، بۇ بىر ئەخلاقسىزلىق، كىشىنىڭ بېغىنىڭ مىۋىسىنى يىگەندە ئاۋۋال سورايمىز ئاندىن يەپ بولۇپ ياكى قولىمىزغا ئېلىپ رەھمەت ئېيتىمىز، سورىماي (رەھمەتقۇ ئېيتمىسۇن بولدى)ئالغان نەرسە ئوغۇرلۇققا كىرىدۇ، بىر ئوبدان سالوننى قۇرۇپ ،«ئوغۇرلۇق»قىلىپ ،كۈن ئالماق نومۇسلۇق ئىش.
ئاپتورلرىمىزنىڭ قەلىمى ھارمىسۇن، يالتايمىسۇن، بەلكىم بەزىلىرى يۇقىردىكى توردىشىمىز دىگەندەك نەشىرگە سۇنغان ياكى سۇنۇش ئالدىدا تۇرغان ئەسەرلەر بولىشىمۇ مۇمكىن، ھەممىلا كىشى كۆرۈپ بولسا ئۇنى نەشىر قىلىشنىڭ ئەھمىيتى قالامدۇ؟
ئاپتورلىرىمىزنى مۇمكىن بولسا رىغبەتلەندۈرەيلى............

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7103
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 10:43:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللايمەن

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10432
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 10:46:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇ  قوللايمەن

شاھزاد

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2557
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21685
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9908 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 11:01:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلاردىن ‹‹ئامېرىكىغا سەپەر›› ناملىق ئەسەرنى تارقىتىۋاتقان ئۈندىدار سالۇنىنى كۆرگۈچىلەر بولسا، شۇ سالۇننىڭ ئىسمىنى قىسقا ئۇچۇر ياكى ئىنكاس ئارقىلىق ماڭا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا سەمىمىي رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-16 11:04 PM  


ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97764
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-9-11
ئاخىرقى: 2014-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 11:06:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 11:01 PM
تورداشلاردىن ‹‹ئامېرىكىغا سەپەر›› ناملىق ئەسەرنى تار ...

نېمە دىگەن نۇمۇسسىزلىق بۇ؟

روھلان تور بېكىتى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26911
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7604
تۆھپە نۇمۇرى: 1047
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 11:06:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 10:21 PM
ئەھمەد ۋاھىدى ئاكىمىز يازغان ‹‹ئامېرىكىغا سەپەر›› ن ...

بەك ياخشى گەپ بولۇنۇپتۇ، بۇنى تولۇق قوللايمەن، ھازىر بىزدە شۇنچىلىك يۈزى قېلىن سالونچىلىرىمىز باركى: ئۇچۇر قىلىپ ئەسكەرتسە كۆچۈرسەم قانداق قىلىسەن؟ ئەمىسە يوللىمىساڭ بولمامدۇ؟ دېيىشتىنمۇ يانمايدۇ، قايسى مۇنبەر، قايسى سالوندىكى تېما كۆپ كۆرۈلگەن بولسا شۇ ھامانلا ئۇنى ئەينەن كۆچۈرۈپ، مەنبە ھەتتا ئاپتۇرنىمۇ ئەسكەرتمەي خەقنىڭ بالىسىغا ئاتا بولۇپ يوللايدىغانلارنى بەك كۆپ ئۇچراتتىم.
مەنمۇ بىر تور بېكەت قۇرغۇچىسى ۋە سالون ئېگىسى بولۇش سۈپىتىم بىىلەن مۇشۇنداق سالونچى ۋە مۇنبەرچىلەرگە ئۇيغۇر تورچىلىقىدا باشقىنى قىلالمىساقمۇ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەيدىغان، ئەڭ ئەقەللى بولغان ئەخلاقى قاراشنى شەكىللەندۈرۈشىنى ئېيتىپ قويغۇم بار.
پات ئارىدا ئاشۇنداق نۇمۇسسىز، يۈزى قېلىن سالونلارنى روھلان، مىسرانىم قاتارلىقلاردا ئاشكارىلىۋېتىشنى ئويلىغان ئىدىم، بولسا بۇنى مىسرانىم باش بولۇپ تەنقىدلەش ئېلىپ بارسا ياخشى بولاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7007
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10547 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 11:21:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى نەرسە مەخپى قالمىغۇلۇق. ياخشى يېزىلغان بىر پارچە ئەسەر، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭرىلىكى، ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەنلا تېخىمۇ جۇلالىنىپ نۇر چاچىدۇ، لىكىن ھەر ئىش قىلىشنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق يولى بولىدۇ، ئەسەرلەرنى سالونغا كۆچۈرۈپ تارقىتىشنى ئويلىغانكەنمىز، ئالدى بىلەن ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشىمىز، ئاندىن سالونغا ئاپتۇر، تور بىكەن ھەققىدە ئىزاھ بېرىشىمىز لازىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1035
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 11:42:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باھادىر يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 11:21 PM
ياخشى نەرسە مەخپى قالمىغۇلۇق. ياخشى يېزىلغان بىر پارچە ...

ۋاي بامۇ سلى ھاياتكانلا ھە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش