|
|
|
|
يىغلايمەن
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ
ۋىسال ئارمانلىرىم قىيناپ پىغان -ھەسرەتتە يىغلايمەن ،
مۇھەببەت دەشتىدە سەرسان يۈرەك قان - لەختە يىغلايمەن .
ئىزىم كۈلگەيمۇ شات ئەيلەپ رەقىب قەستىنى مات ئەيلەپ ،
كېچە - كۈندۈز تىلەپ نۇسرەت ئۈمىت - غەيرەتتە يىغلايمەن .
نادان يايرىمغا توۋا دەپ پۇشايمانلىق ھالۇ - قىسمەت ،
شەرەت قىلسام ئەجەپ بىلمەس پىغان - ھەسرەتتە يىغلايمەن .
ھاياتىم شاتلىغى دەيتتىم جېنىمنىڭ تاتلىغى دەيتتىم ،
بۈگۈن شەيتان بولۇپ كۈلسە راھەت ، غەپلەتتە يىغلايمەن .
ھوزۇرۇمدا قىلىپ سەيلى ئۆزىنى كۆرسىتىپ لەيلى ،
چاھار باغلار كېزىپ يۈرسە ئۆزۈم بىر چەتتە يىغلايمەن .
ئېلىپ سىرىمنى ھەر جايدا مېنى قويدىغۇ غەم ،داغدا ،
ئۇلۇغ مەنزىللرىم كۆزلەپ سەپەر - ھىجرەتتە يىغلايمەن .
ئېگەم سالغان ئاشىقلىقنى تاپالماي بەختى شاتلىقنى ،
كۆيۈپ قاخشال ئوتۇن بولدۇم روھىم ۋەسۋەستە يىغلايمەن .
مەنبە ؛ ئىجادىيتىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا KUMALTAGH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-16 07:25 PM
|
|
|
|
|
|