يىـڭى ئــەزا
ئەخلاق ئىنسان تەبىئىتىگە ئورۇنلىشىپ كەتكەن ھالەت بولۇپ، ئۇ ياخشى ياكى يامان، چىرايلىق ياكى سەت ھەرىكەت سۈپىتىدە ئاشكارا بولىدۇ. ئۇ تەبىئىتىدىن ياخشى، يامان تەربىيەنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئەگەر پەزىلەت ۋە ھەققانىيەتنى ئۈستۈن بىلىش، ياخشىلىق ۋە ياخشى ئىشلارغا قىزىقىش، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرۈش، قەبىھلىكنى يامان كۆرۈش ئاساسىدا تەربىيەلەنسە ئىنساننىڭ روھىيىتىدىن گۈزەل، ياخشى ئىش – ھەرىكەت ناھايىتى ئاسان بارلىققا كېلىدۇ. مانا بۇ گۈزەل ئەخلاق دېيىلىدۇ.
ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىدىن بارلىققا كەلگەن گۈزەل ئەخلاق دەپ ئاتالغان ئاشۇ ئىش – ھەرىكەتلەر — ھايالىق بولۇش، كەڭ قورساق بولۇش، سەبىرچان بولۇش، چىداملىق بولۇش قاتارلىق ئەخلاقى – پەزىلەت ۋە روھى مۇكەممەللىكلەردىن ئىبارەت.
شۇنىڭدەك، ئەگەر ئىنسان تەبىئىتىگە سەل قارالسا ئۇنىڭدا گۈزەل ئەخلاق بولمايدۇ. ياخشىلىق يىلتىز تارتمايدۇ ۋەياكى ناچار تەربىيەگە ئۇچرىسا ئۇنىڭغا نىسبەتەن يامان ئىش ياخشى ئىشقا، ياخشى ئىش يامان ئىشقا ئايلىنىپ، ئىش – ھەرىكەتتىكى ناچار، رەزىل ئەھۋاللار ئۇنىڭدىن ئاسانلا سادىر بولىدۇ. بۇ ناچار ئەخلاق دېيىلىدۇ. بۇ ناچار ئەخلاق دەپ ئاتالغان يامان گەپ، يامان ئەھۋاللار: خىيانەت قىلىش، يالغان ئېيتىش، ئاچكۆزلۈك، رەھىمسىزلىك، قوپاللىق، بۇزۇقلۇق، ئېغىزى يامانلىق، پەسلىك، چىدىماسلىق قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى گۈزەل ئەخلاقنى مەدھىيلەپ مۇسۇلمانلارنى شۇنىڭ بىلەن تەربىيىلەشكە، ئۇنى روھى دۇنياسىدا يىلتىز تارتقۇزۇشقا چاقىردى. ئۇ بەندىنىڭ ئىمانىنى، ئۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىسلامىنى گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئۆلچىدى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى گۈزەل ئەخلاقلىق دەپ ماختاپ مۇنداق دېگەن: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن.» (سۈرە قەلەم، 4-ئايەت). گۈزەل ئەخلاققا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: «ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ.» (سۈرە فۇسسىلەت، 34-ئايەت). يۈكسەك ئەخلاقنى يۇقىرى جەننەتكە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبى قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغفىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان – زىمىنغىچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار. تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل – مال) سەرپ قىلىدىغانلار، ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.» (سۈرە ئال ئىمران، 133-134-ئايەتلەر). ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى گۈزەل ئەخلاقنى تاماملاشقا ئەۋەتكەن بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاقنى تاماملاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم.» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۈزەل ئەخلاقنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «تارازىغا گۈزەل ئەخلاقتىن ئېغىر نەرسە يوق.» (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). يەنە مۇنداق دېگەن: «ياخشىلىق گۈزەل ئەخلاق» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان) يەنە مۇنداق دېگەن: «مۇئمىننىڭ ئىمانى ئەڭ مۇكەممىلى – ئەخلاقى ئەڭ ياخشىسىدۇر.» (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). يەنە مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ يېقىن ئولتۇرىدىغان كىشى – ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل كىشىدۇر.» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئەۋزەل؟ دەپ سورالغاندا «گۈزەل ئەخلاق» دېگەن. جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەل قايسى؟ دەپ سورالغاندا «ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق» (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) دېگەن. يەنە مۇنداق دېگەن: «بەندە ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئاخىرەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجە ۋە ئەڭ ئېسىل ئۇرۇنغا ئېرىشەلەيدۇ. ۋاھالەنكى ئۇ ئىبادەتنىڭ ئاجىزى.» (تىبرانى رىۋايەت قىلغان).
پاش قىلىش
يېتىلىۋاتقان ئەزا
مەخەتجان
تەجىربىلىك ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ