مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12518|ئىنكاس: 58

شىنجاڭ خەلقىنىڭ سوۋېت ۋەتەن ئۇرشىغا قىلغان يارىدەملىرى ، [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22187
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6381
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 12:52:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ خەلقىنىڭ سوۋېت ۋەتەن ئۇرشىغا قىلغان يارىدەملىرى ،
1941-يىلى 22-ئىيۇن گىرمانىيە  سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندىن كىيىن ،سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرشىغا  ئاتلاندى .
بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن ،سوۋېت خەلقى قاتارىدا ،سوۋېتتا ياشىغۇچى ئۇيغۇر خەلقىمۇ جان تىكىپ كۈرەش قىلدى .
ئۇيغۇر جەڭچىلىرىمۇ مۇسكىۋا،سىتالىنگىرادلارنى قوغداش جەڭلىرىدە ،ئوكرائىنا ۋە فىنلاندىيە تۇپراقلىرىدا ، بىرلىن كوچىلىرىدا  بولغان شىددەتلىك جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرسەتتى .
ياش ئۇيغۇر زەمبىرەكچى سۈلھى لۇتپۇللىن، گىرمانىيەنىڭ ئوننەچچە تانكىسىنى پاچاقلاپ تاشلاپ،نەچچە يۈز ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، ‹‹ سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى  ››
دىگەن نامغا ئېرشتى .

SulhiLutfulin Уйгуры-Герои СССР -.JPG

سۈرەتتە ‹‹ سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى  ››  سۈلھى لۇتپۇللىن 1923-????
بۇ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ۋە ئوردىنغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر يىگىتلىرىمۇ  ئاز ئەمەس  .
سوۋېت -گىرمانىيە ئۇرشى باشلىنىشى بىلەن تەڭ ،شىنجاڭدىكى گىزىت -ژۇرناللار بۇ ئۇرۇش توغۇرلۇق خەۋەر بىرىپ تۇردى .
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان شىنجاڭ خەلقى ،1941-يىلى 8-ئايلاردىن باشلاپ سوۋېت خەلقىنىڭ گرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۆرشىنى قوللاپ ،كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات
ئېلىپ باردى ۋە ئىئانە توپلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتتى .
شۇ ۋاقىتتىكى ئون ۋىلايەت ،78 ناھيە ،2400 دىن ئارتۇق يىزا  خەلقى  ،1943-يىلى  جاللات شىڭ شىسەي سوۋېتتىن  ۋە سوتسىيالىزىمدىن ۋاز كەچكەنگە قەدەر ،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرشىغا ناھايىتى كۆپ يارىدەم قىلغان .
ئىئانە قىلىش ھەركىتى باشلىنىش بىلەن تەڭ ،جايلاردىكى شىركەتلەر، دىھقانلار ،ئىشچى -خىزمەتچىلەر،ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ،ھۆنەرۋەن ،سەنئەتچى ،يازغۇچىلارنىڭ  ئىئانە قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى .
ئارخىپخانىلاردا ساقلىۋاتقان شىنجاڭ گىزىتى ۋە قەشقەر گىزىتىنىڭ 1942-يىللىق سانلىرىدا خاتىرلەنگەن يارىدەملەر، ئومومى سوممىسى نەچچە يۈز مىليۇن دوللارغا يىتىدىغان بۇلۇپ ،بۇلاردىن شىركەتلەرنىڭ ۋە  شەخسىيلەرنىڭ  يارىدىمى مۇنداق خاتىرلەنگەن .
شىركەتلەر
ئىتتىپاق شىركىتى 100000 دوللار   ( ئىتتىپاق شىركىتىنىڭ 50 يېقىن يۈك ماشىنىسىنى ئۇرۇشقا ئىشىلتىمىز مەجبۇرى تۇتۇپ قالغان )

تۆگە تىرانسىپۇرىت  شىركىتى 35000 دوللار
غەيرەت شىركىتى 22000 دوللار
ئۈمىد شىركىتى 17000 دوللار
كارۋان شىركىتى 35000 دوللار
ياشلار شىركىتى 10000 دوللار
كۆنچىلەر شىركىتى 8000  دوللار
تۆمۈرچىلەر شىركىتى 6400 دوللار
غۇلجا شىركىتى 10000 دوللار
شەخىسلەر
قەشقەرنىڭ سابىق ۋالىسى ئابدۇكىرىمخان مەخسۇم 17 زەمبىرەك كەلگۈدەك نەخ پۇل  .
ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى مەتنىياز مەخسۇم ( ئابدۇغۇپۇر شاپتۇل داموللىنىڭ ئوغلى ) 24000 دوللار
باۋۇدۇن مۇساباينىڭ قىزى بىلقىز باۋۇدۇن 18000 دوللار
ھۆسەنباينىڭ ئوغلى تەلئەت مۇساباي زاۋۇت نامىدىن 35000 دوللار
مۇساباي ئائىلسىدىكى ئۇششاق -چوڭ ھەممىسىنىڭ 45000 دوللار
مۇساباي تىرە زاۋۇتى 5000 جۇۋا 6000 ئاياغ ئىئانە قىلغان
ئۈچتۇرپاندىكى شاھ ھاجىم  ئائىلسى  36000 دوللار
كۇچادىكى مىجىت ھاجىم 30000 دوللار  
قەشقەردىكى ئىمىن ھاجىمنىڭ قىزى ئامىنىخان 10000 دوللار ئىئانە قىلغان .
يۇقارقى نەخ پۇلدىن سىرىت،خەلىقتىن يىغىلغان نۇرغۇنلىغان ،يۇڭ ،پاختا ،تىرە ...........................قاتارلىق ماددى بۇيۇملارمۇ بار .
بۇلار سوۋېت ۋەتەن ئۇرشىغا يارىدەم بەرگەنلەردىن ،گىزىتتە ئىلان  قىلىنغانلىرى بۇلۇپ ،يەنە ئىلان قىلىنمىغانلارمۇ نۇرغۇن بۇلىشى مۇمكىن .


ئەسكەرتىش ؛بۇ تىمىدا دىيىلگەن دوللار شۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭ دوللىرىنى  كۆرسىتىدۇ .
مەنبە ؛ شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى 38- سانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى .



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94107
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2013-3-30
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 12:33:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىككى بۆلۈك بولۇپ بىر بۆلىكى سوۋىت ئىتتىپاقى ئۈچۈن جېنىنى سەپبەرگەن ، بىرلىرى گىرمانىيە قوشۇنى ئۈچۈن جېنىنى سەپبەرگەن . ئەمما ئۇلارنىڭ ئورتاق ئۈمىدى ئۆز ۋەتىنى ، ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئىدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109844
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-9-11
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 12:44:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارمۇ دوللار ئىشلىتىپتىكەن  قالتىستە ئۇيغۇر دىگەن ياشنا ئۇيغۇرۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109844
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-9-11
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 12:44:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارمۇ دوللار ئىشلىتىپتىكەن  قالتىستە ئۇيغۇر دىگەن ياشنا ئۇيغۇرۇم

ئاستا ماڭساڭمۇ،

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8146
يازما سانى: 848
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59256
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 12:47:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت تارىخى بىلىمگە ئىگە بولدۇق،،جاپا چىكىپسىز،قېرىندېشىم..

ئاستا ماڭساڭمۇ،ئالدىڭغا قاراپ ماڭ!
‹‹ئەرلىرى يىغلاۋاتىدۇ، نامازلاردا،
  ئاياللىرى ئەيىش ئىشرەتتە،قاۋاقلادا.››
بولسا بۇندا مىللەت يول تاپالماس ھەرزامان،
تاپتى گەر،كاللا كەتتى بۇزدى شۇزامان. !!!!!!
1،2،3     دەل مۇشۇنداق ،      


سىز1  مەن 2 كىم3؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1000
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 01:07:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ چاغلاردا بىزنىڭ مەھەللىدىن نۇرغۇن ئادەملەر چىقىپ كېتىپتىكەن ...شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى ئەمەسمۇ...

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109577
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-8-30
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 01:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت تارىخى بىلىمگە ئىگە بولدۇق  ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ 1943-يىللىردىلا  شۇنچىلىك شېركەتلەرنى قۇرغانلىقىنى مەن تىخى بىلمەيدىكەنمەن تىما ئىگىسىدىن سورىۋالاي-شۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭ دوللىرى قانداق دوللار ئىدى قىممىتى قانچىلىك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 01:52:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچە پۇلنى بىكاغىلا بىرىپتا سۇۋىتقا، قىززىق كىشىلەر باركەنتۇق ھە 45-يىللىرى،،،!

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 02:23:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراخان تورداش!
سىزگە نېمە دەپ رەخمەت ئېيتىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن. سۇلھى لۇتپۇللايېف مېنىڭ مومامنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بىرى ئىدى.مومام نامەنگەندە تۇغۇلغان ۋە 1938-يىلى ستالىننىڭ  زىيالىلارنى،بايلارنى يوقىتىش، تۆھمەت قىلىپ،تۈرمىگە ئېلىشتەك زۇلمىدىن قېچىپ ئىلىغا كەلگەن.ئۇ ھاياتلىقىدا سۇلھى ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى››مېدالىغا ئېرىشىپتۇ.ئۇنى كۆرەرمەنمۇ،دەپ ئارمان قىلاتتى. سۈلھى لۇتپۇللايېۋ 1991-يىلى ۋاپات بولغان،دېگەن ئۇچۇرنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەت ياخشىلانغاندىن كېيىن ئۇ تەرەپتىن كەلگەن تۇققانلاردىن ئاڭلىغان ئىدۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 02:26:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن 2002-يىلدىن باشلاپ جەمەتىمىزنىڭ شەجەرىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە بەزى قىممەتلىك ماتېرىياللارغا ئىگە بولغان،رەتلىگەن ئىدىم.ئانام تەرەپنىڭ(بۇ كىشى ئانامنىڭ ئانىسىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن) بۇ داڭلىق ئەۋلادى ھەققىدە ئاساسەن خەۋىرىم بولسىمۇ،رەسىمىنى تاپالمايۋاتاتتىم.


ئۇنىڭ قىممەتلىك رەسىمىنى ساقلىۋالدىم.رەخمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش