|
|
|
|
يەتتىنجى باپ. ئامېرىكىنىڭ سودا شەھەرچىلىرى
ئاپتورى: ئەھمەد ۋاھىدى
مەن بۇ دۆلەتنىڭ باش باھار مەۋسۇمى ئاپرىلدا، ئىللىق ئاپتاپنىڭ تەسەللىسىنى ۋە ئانا تەبىئەتتىكى جانلىقلارنىڭ جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنى ئىختىيارسىز ھېس قىلماقتىمەن. ئىللىق قۇياش نۇرىغا باغرىنى مەھكەم يېقىپ ياتقان ئەت تۇپراقنىڭ خۇشبۇي ھىدىدا، كوللى مەۋجۇدات ھاياتلىق نۇرىدا يۇيۇنۇپ، ئويغىنىپ ئاينىشقا باشلىغان، نورۇز بايرىمىمىز يېقىنلىشىپ قالغان چاغ ئىدى. قىزىمىز بىزنى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ كاتتا سودا شەھەرچىلىرىنىڭ بىرى-تەينىس كورنېر (Tysons Corner Mall) دەپ ئاتىلىدىغان سودا شەھەرچىسىگە باشلاپ باردى.بىز ماشىنىغا چىقىشتىن بۇرۇن ماشىنا قويىدىغان جاي (parking) نىڭ غېمىنى قىلىدىغان ئىش ھەرگىز يادىمىزدىن چىقمايدىكەن.ھەر قانداق سودا شەھەرچىسى ياكى ئىدارە مەكتەپ سارايلارنىڭ يېنىدا ناھايىتى كەڭ ماشىنا قويۇش مەيدانى بولىدىكەن.ياكى 4-5 قەۋەتلىك مەخسۇس ماشىنا قويىدىغان بىنالار بار ئىكەن.بۈگۈن بىز ماشىنىدىن چۈشمەيلا ئەنە شۇنداق ھەيۋەتلىك ئېگىز بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتۇق.مەن دەسلەپتە ماگىزىنغا كىردۇق دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. بىر چاغدا ماشىنا ئايلىنىپ ئېگىزگە ئۆرلەپ 5-قەۋەتكە چىقىپ قالدى.مەن ھەيران بولۇپ، ئەمما چاندۇرماي ئالدىمغا ماڭدىم.ئازادە، كۆركەم، گۈلزارلىق بىر ماگىزىنغا كىرىپ قالغىنىمدا ئاندىن بىلدىمكى، ماشىنا قويىدىغان بىنا ماگىزىن بىلەن تۇتاش ئىكەن. ماگىزىندىن قايسى قەۋەتكە چىقماقچى بولساق شۇ بىنانىڭ ئۇدۇل قەۋىتىگە ماشىنىنى توختىتىپ، شۇ جايدىنلا ئۇدۇل ماگىزىنغا كىرىپ سودىنى تۈگىتىپ چىقىپ يەنە شۇ قەۋەتتىن ماشىنا قويىدىغان جايغا كېلىپ ماشىنىغا چىقىپلا قايتىپ كېتىدىكەنمىز.بىز بۇ ماگىزىندىن چىقىپلا پىيادە تەيسىنس كورنېر Tysons Corner كىردۇق.
سۈرەتتە: ئاپتور ئايالى بىلەن تەيسىنىس كونرا سودا شەھەرچىسىدىكى بىر ماگىزىندا
بىز كىرگەن تەيسىنىس كونرا سودا شەھەرچىسىگە تۆت تەرەپتىن كىرىپ چىقىشقا بولىدىكەن. بۇ سودا شەھەرچىسىنىڭ ئۇستى ئەينەك بىلەن يېپىلغانلىقتىن خۇددى ئۇستى ئۇچۇق مەيدانغا ئوخشاش يورۇق، ھاۋاسى ساپ ۋە قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن بولىدىكەن. ماگىزىن ئىچىدە تۆت كوچا بولۇپ،كوچا دوقمۇشىدا ناھايىتى گۈزەل بېزەلگەن بالىلار ئارامگاھى بار ئىكەن.تۇرسۇنئاي بىلەن رازىيە ماگىزىن ئارىلاپ كەتتى، مەن نەۋرەمنى شۇ ئارامگاھتا قۇيۇپ ئۆزۈم ئارامگاھنىڭ چۆرىسىگە قۇيۇپ قۇيۇلغان يۇمشاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بالىلار تاماشىسىنى كۆردۈم، 5-6 ياشلىق ئۆسمۈرلەر بۇ ئارامگاھتا تۈرلۈك ئويۇنلارنى، قونچاقلارنى ئوينايدىكەن، ئەتىگىنى كىرىپ كەچكىچە ئوينىسىمۇ ھەقسىز ئويناۋېرىدىكەن. شۇڭا ئامېرىكىنى «بالىلارنىڭ جەننىتى، ياشلارنىڭ جەڭگاھى،ياشانغانلارنىڭ دوزىخى» دەيدىكەن. مەن سېرىق چاچ، كۆك كۆزلۈك ئوماق بالىلارنى ئاجايىپ گەۋدىلىك ئانىلارنى، بالىلارنى پەپىلەپ ئوينىتىۋاتقان قېرى –چۆرىلەرنى كۆرۈپ بۇ تاپقىلى بولمايدىغان گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالماقچى بولدۇم.ئاپپاراتنى ھېلىقى قارا تەنلىك،ئاق تەنلىك ئوماق بالىلار بىلەن بىللە ئېگىزرەك بىر سىيرىلمىدىن قۇچاقلىشىپ چۈشۈۋاتقان نەۋرەمگە توغرىلاپ بىر ئىككى پارچە سۈرەتكە تارتتىم. بىر كەمدە ئۇدۇلىمدا ئولتۇرغان بىر قارا تەنلىك ئايال ئالدىمغا كېلىپلا ماڭا چىرايلىرىنى سەتلەشتۈرۈپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ بىر نېمىلەرنى دەپ كايىغاندەك قىلدى،ئۇنىڭ ھەرىكىتىدىن «رەسىم تارتساڭ بولمايدۇ » دېگەنلىكىنى چۈشەندىم. ئەمما مەنمۇ بوش كەلمەي «ئەنە ئاۋۇ ئادەملەرمۇ رەسىم تارتىۋاتىدىغۇ،مەن تارتسام نېمە بوپتۇ؟» دېگەن مەنىنى قۇلۇم، چىرايىم بىلەن شەرەتلەپ ئۇقتۇردۇم.ھېلىقى قارا تەنلىك ئايال مىنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ كەينىگە يېنىپلا مەن رەسىمنى تارتىۋالغان بۈدۈر چاچلىق قىزچاقنىڭ ئاپىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ «بالاڭنى ئاۋۇ كىشى رەسىمگە تارتتى» دەپ چېقىشتۇرۋاتقىننى ئۇقتۇم. ئەمما ھېلىقى قىزچاقنىڭ ئاپىسى مىنىڭ قېشىمغا كېلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ،باش بارمىقىنى چىقىرىپ «ياخشى قىپسىز،بوپتۇ يەنە تارتىڭ » دېگەننى ماڭا ئۇقتۇردى، ئاندىن ھېلىقى قارا تەنلىك ئايال يېنىمدىن كېتىپ قالدى، مېنىڭمۇ كۆڭلۈم تىندى،چۈنكى قىزىمنىڭ رەسىم تارتماسلىق توغرىسىدىكى نەسىھىتى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ تۇراتتى، ئەمما پات ئۇچراتقىلى بولمايدىغان گۈزەل تۇرمۇش كارتىسىنى مېنى دەرھال خاتىرلىۋېلىشىمغا دالالەت قىلىپ كۆز ئالدىمدا نامايان بولغاندا ئۆزۈمنى تۇتالماي قالاتتىم –دە، نېمە كۆرسەم كۆرەيچۇ، رەسىم تارتقانغا جىنايەت ئارتسا ئۇنىمۇ كۆرەرمەن دەپ بەزىدە مەخپىي، بەزىدە ئاشكارا رەسىم تارتىۋەردىم.
سۈرەتتە: ئاپتورنىڭ نەۋرىسى نازىلە تەينىس كورنېر سودا شەھەرچىسىنىڭ بالىلار باغچىسىىدا
بىز چۈشتە مۇشۇ سودا شەھەرچىسىنىڭ مەخسۇس ئاشپۇزۇللىرى بار كوچىسىغا كىرىپ غىزالانماقچى بولدۇق. ياپونچە، تۈركچە، ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە، ئەرەبچە، خەتلەر يېزىلغان ئاشخانىلارنىڭ ئالدىدا ھەشەمەتلىك بېزەلگەن 4 كىشىلىك ۋە 6 كىشىلىك ئۇستى ئۇچۇق، يانلىرى گۈللەر بىلەن توسۇلغان ئايرىمخانىلىرى، 2 كىشىلىك، يالغۇز كىشىلىك ئورۇندۇقلا قويۇلغان ئازادە تاماق يەيدىغان قاتار –قاتار شىرەلىرى بار ئىكەن. بىز ئالتە كىشىلىك بىر ئايرىمخانىغا جايلاشتۇق،قىزىم بىزنى كۆرسۇن دەپ ئەنە شۇنداق بىر يەردە ئولتۇرغۇزۇپتۇ،قارىسام ئالدىمدا ئاستا ئايلىنىپ كېلىۋاتقان سىيرىلما شىرە ئۈستىدە يېمەك-ئىچمەك، سوغۇق ئىچىملىك قۇتىلىرىغا كۆزۈم چۈشتى.بىلدىمكى،كىم نىمىنى خالىسا شۇنى ئېلىپ يەيدىكەن. ھېلىقى سىيرىلما شىرەنىڭ بىر ئۇچى ئىككى چاقىرىمدەك يىراقلىقتىن ئالدىمىزغا كېلىپ توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدىكەن.ئۇنىڭدا ئاساسەن سوغۇق تاماق،ساندىنۋىچ (قات نان) بولكا،سېرىق ماي، تاتلىق قورۇمىلار، بېلىق، قوي، توخۇ گۆشى كاۋاپلىرى، گۈرۈچ تاماقلىرى، پېچىنە –پىرەنىك....... بار ئىكەن.
ئالدىڭىزدىن ئۆتۈپ تۇرۇۋاتقان يېمەكلىكلەردىن خالىغاننى شارتتىدە ئېلىپ يەيدىكەنسىز. يېگەن قۇرۇق قۇتا،قاچىلارغا قاراپ پۇلىنى ھېسابلايدىكەن.
سۈرەتتە: تەيسىنىس كورنېر سودا شەھەرچىسىنىڭ ئىنگلىزچە ئاشپۇزۇلى
دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى تاماق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئامېرىكىنىڭ مۇشۇنداق ئاشخانىلاردىن تاپقىلى بولىدىكەن،« تېز » لىكنى مۇھىم ئالاھىدىلىك قىلغان ئاشخانىلار، يەنە ئاددىي يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان كىچىك تىپتىكى ئاشپۇزۇللارمۇ كۆپ ئىكەن. كىشىنى ھەيران قىلىدىغىنى تېز تاماقخانىلاردا ئەتىگەندىن–كەچكىچە، ھەتتا كېچىلىرىمۇ مۇلازىمەت قىلىنىدىكەن. ھاراق –شارابنى كەچتە ساتمايدىكەن. كەچتە چوڭلار كەلسە بوتۇلكىنى قارا سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ بېرىدىكەن. ھاراق ئىچىپ لاغايلاپ يورۇش قاتتىق مەنئى قىلىنىدىكەن، بىز ئۇنداقلارنى پەقەت كۆرمىدۇق.
ماكىدانا تېز تاماقخانىسى يېمەكلىكلەر ساھەسىنىڭ پېشۋاسى ئىكەن، تائاملىرى ياخشى پۇلى ئەرزان پاكىز، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق بولۇپ، ھازىرقى زامان تۇرمۇشنىڭ تېز رىتىمغا ماسلىشىپتۇ، ئامېرىكىلىقلار تازا ئالدىراش چاغلىرىدا كۈندىلىك ئۈچ ۋاخ تامىقىنى پۈتۈنلەي مۇشۇنداق تېز تاماقخانىدا يەيدىكەن. ماكىدانا تېز تاماقخانىسىنى تىجارەت سەركەردىسى دېيىشكە راسلا مۇناسىپ ئىكەن. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت ھالقىغان بۇ يېمەكلىك كارخانىسىنىڭ ئومۇمىي كاپىتالى 4 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يىتىدىكەن. بۇنىڭ ئامېرىكىدا ۋە دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا جەمئىي 17 مىڭ تارماق دۇكىنى بار ئىكەن، ھامبۇرۇگ بولكىسى، ساندىۋىچ (قات نان)دىن باشقا كىنداگى،توخۇ كاۋىپى، ئىتالىيەچە گۆش نان، گۆش بىلەن قوناق قوشۇلغان مېكسىكا ھورنېنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خېرىدار ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكلەر ئىكەن، بۇنداق تېز تاماقخانىلاردا خېرىدارلار تاماقنى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ يەيدىكەن، بۇ خىل ئۇسۇل ۋاقىتنى تېجەپ قېلىشقا ھەمدە تاللاپ يېيىش ئىمكانىيىتى بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەن، قانچىلىك يېگۈسى كەلسە شۇنچىلىك يەيدىكەن، تاللاپ ئالغان تاماقلىرىنى يەپ بولالماي ئاشۇرۇپ قويسا ياكى تۆكۈپ ئىسراپ قىلسا «تەربىيە كۆرمىگەن ئادەمكەن» دەپ ھېسابلايدىكەن. سىز تاماقنى يەپ قوپۇپ كەتكۈچە مۇلازىمەتچىلەر نەچچە قېتىم يېنىڭىزغا كېلىپ شىرەنى تازىلايدىكەن، سوغۇق ئىچىملىكلەر بىلەن تەمىنلەپ، سىزدىن ئەھۋال سورىغاچ، تاماققا شۇنداقلا مۇلازىمەتكە قارىتا پىكىر تەلەپ قىلىپ تۇرىدىكەن.
مېنىڭ تاماق يېگۈم بولمىسىمۇ مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئىللىق چىرايىنى، خىزمەت پوزىتسىيىسىنى، يېقىملىق گەپلىرىنى ئاڭلاشقا خۇشتار بولۇپ ئۇزاقراق ئولتۇردۇم، ئەتراپىمدىكىلەرنى يېقىندىن كۆزەتتىم.
مەن بىر نەچچە خىل ئاشپۇزۇللارغا، تېز تاماقخانىلارغا، رېستورانلارغا، كىرىپ تاماق يەپ مۇنداق ئىككى خىل دەرىجە پەرقنى ھېس قىلدىم، بىرى رېستورانلارنىڭ تائام تەملىرى، ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت تۇرلىرى ئوخشىمىغاچقا دەرىجىسىمۇ ئوخشاش ئەمەس ئىكەن. ئالىي دەرىجىلىك رېستورانلاردا كۈتكۈچى ئۆزى باشلاپ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزسا شۇ قېتىمقى تاماق راسخوتنىڭ تاپان ھەققى 20-15 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن، ئادەتتىكى رېستورانلاردا خېرىدارلار ئۆزى ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېسە بۇنىڭ تاپان ھەققى ئەرزانراق ئىكەن، تاپان ھەققى ئېلىش ئامېرىكىنىڭ ھەممە يېرىدە ئومۇملاشقان بىر خىل ئادەت ئىكەن.
بىز ئايروپىلاندىن چۈشكەندە ئالاھىدە مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان بىلەت بولغاچقا بىزنى ئىككى قىز 3 چاقلىق ئىتتىرىپ ماڭىدىغان ھارۋىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئايرۇپورتتىن چىققۇچە خىزمەت قىلدى. بىز ئۇلارغا 10 دوللاردىن پۇل بەردۇق. مىنىڭ كۆزىتىشىمچە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە كۆپلىگەن جۇڭگوچە رېستورانلار بولۇپ، تۇلۇق بولغان ستاستىكىغا قارىغاندا 25 مىڭدىن كۆپرەك رېستوران بار ئىكەن، نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىقلار بۇنداق رېستورانلارنىڭ تامىقىنى ياقتۇرۇپ يەيدىكەن، بىزمۇ ۋاشىنگتون، نيۇيوروك، بالتىمۇر قاتارلىق شەھەرلەردە خەنزۇلارنىڭ تېز تاماقخانىلىرىنىڭ، رېستورانلىرىنى، كوچىلاردا توختىتىپ قۇيۇپ تىجارەت قىلىدىغان ماشىنىلىرىنى ئۇچراتتۇق، ئۇنىڭدا يېمەك-ئىچمەك ۋە تۈرلۈك ماللار بار ئىكەن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەممە يەردە، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەممە دۆلەتلىرىدە بىر تۇتاش ئىشلەيدىغان ئىناۋەتلىك كارتۇشكىسى بولىدىكەن، تۈرلۈك ماللار ماگىزىنلىرىدا، مېھمان سارايلىرىدا، ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدا ۋە بارلىق رېستورانلىرىدا ئىناۋەتلىك كارتۇشكا ئارقىلىق پۇل تۆلەيدىكەن. شەخسلەرنىڭ ئىناۋەتلىك كارتۇشكا ئېلىش رەسمىيەتلىرى بەك ئاددىي، قۇلايلىق، ئاسان بولغاچقا ئامېرىكىدا كارتۇشكا كەڭ ئومۇملىشىپتۇ، مېنىڭ بالىلىرىمنىڭمۇ ئەنە شۇنداق ئىناۋەتلىك كارتۇشكىسى بار ئىكەن. مەيلى رېستوراندا تاماق يەيلى، مەيلى سودا ماگىزىنلىرىدا مال سېتىۋالايلى، ۋە ياكى ماشىنىغا ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدىن ماي قاچىلايلى ھېلىقى ئىناۋەتلىك كارتۇچكىنى ماشىنىغا سۈركەپ قۇيۇپ كېتىۋېرىدىكەن. ماڭا يەنە بىر ياققان ئىشى، كارتۇشكا سۈركەيدىغان يەردە قاراپ تۇرىدىغان ئادەم بولمايدىكەن.
ناگاندا قوغۇن تاۋۇز، كۆكتات بازارلىرىدا ئادەم كۆرسەممۇ باشقا چوڭراق دۇكانلاردا ئادەم كۆرمىدىم، بەلكى يىراقتا تۇرۇپ كۆزىتىش ئەسۋابىدا كۆزىتىپ تۇرغاندۇ. ھەممە ئادەم ئاڭلىق ھالدا بەش-ئالتە قەدەم يىراقلىقتا ئۆچىرەتتە تۇرۇشۇپ ئالدىرىماي كېلىپ پۇل تۆلەيدىغان ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ماشىنىغا سېلىپ پۇل تۆلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى، ئاڭلىق، مەدەنىيەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈرگىنى ئىشىكتىن كىرىپ چىققۇچە ئالدىمغا ئۇچرىغانلا كىشى مېنى تونۇپ قالغان قېرىندىشىدەك تەبەسسۇم قىلىپ ئالدىمدا تاق توختاپ يول بېرىشتى، ئىشىكنى داغدام ئېچىپ قۇيۇپ ئاۋۋال كىرىشىمنى ياكى چىقىشىمنى ساقلاپ تۇرۇشتى، بەزىدە قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىشلىرى بولدى. شۇنداقلارنى ئامېرىكىلىق ياكى ياۋروپالىقلار دېسەك ۋارقىراپ –چىرقىراپ كالىدەك ئۇتۇپ كەتكەنلەرنى ئاسىيالىقلار دەيدىكەنمىز.
داۋامى ئىنكاس ئارقىلىق داۋاملىشىدۇ......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-16 11:52 AM
|
|
|
|
|
|