يالقۇن روزىنىڭ ئائىلىدىكى كىرزىس ۋە ئائىلە مەدەنىيىتى تېمىسىدىكى لىكسىيىسى ۋە ئىمىننىياز ئىسلام <مۇۋەپپەقىيەت> نىڭ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسى تېمىسىدىكى نادىر لىكسىيىسى
(دىيارىمىزدىكى داڭلىق ئوبزورچى - يالقۇن روزى)
يالقۇن روزى (شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى، داڭلىق ئەدەبىي ئوبزورچى، <تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما>، <مەن نىمىشقا ئوبزور يازىمەن>، <لاي قەلئەنىڭ سىرى> قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىزگە مەنىۋى ئوزۇق بىرىۋاتقان داڭلىق ئوبزورچى، ناتىق، مىللىي سانائەت تارىخى ۋە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تەتقىقاتچىسى.
(شىنجاڭ مۇۋەپپەقىيەت خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى - ئىمىننىياز ئىسلام)
مۇۋەپپەقىيەت مەسلىھەت مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ مۇۋەپپەقىيەت خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى، دۆلەت دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى، مۇۋەپپەقىيەت ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ئائىلىسى پروگراممىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، دىيارىمىزدىكى كۆپلىگەن مىللىي كارخانىلارنىڭ مەسلىھەتچىسى، ناتىق، مۇناسىۋەتشۇناس.
ھازىر جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەردىكى ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى چوڭ بولماقتا. جەمئىيەت ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئاتا - ئانىلار ئۈچۈن زور باش قېتىمچىلىقلىرىنى ئېلىپ كەلگەندەك، ئىقتىسادىي كىرزىس ۋە كارخانا باشقۇرۇشتىكى ئىلمىيسىزلىق كارخانىلارنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىپ كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرماقتا. ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش، كارخانىچىلارنىڭ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە شىركىتىمىز يەنە بىر قېتىملىق لىكسىيە ئورۇنلاشتۇردۇق. سىز پەرزەنتىڭىزنى چۈشىنەمسىز؟ پەرزەنتىڭىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى بايقاپ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئورتاقلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ نىمە ئۈچۈن بەزى ئائىلىلەردە پەرزەنت تەربىيىسىدە مەسىلە كۆرۈلىدۇ؟ ئائىلە مەدەنىيىتى دېگەن نېمە؟ ئۇنى چۈشىنەمسىز؟ قانداق قىلغاندا خىزمەت ۋە كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ؟ سىزنىڭ نىشانىڭىز زادى قانچىلىك ئېنىق؟ كارخانا مەدەنىيىتى ئۇقۇمىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەلەيدىنمۇ؟ مۇشۇنداق بىر قاتار سۇئاللارغا ۋە ئۆزىڭىزنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ۋە كارخانا تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىڭىزگە جاۋاپ تاپماقچى بولسىڭىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ!
لىكسىيە ۋاقتى: 2014 - يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى (چۈشتىن كېيىن) لىكسىيە ئورنى: قەشقەر چىنىباغ مېھمانسارىيى 4 - قەۋەت كىرىش ۋاقتى: 1:30 دا (شىنجاڭ ۋاقتى) بېلەت باھاسى: 100 يۈەن سېتىش ئادرېسى: قەشقەر مىرەن رەقەملىك مەھسۇلاتلار شەھەرچىسى بىناسى 3 - كورپۇس 904 - ئىشخانا بېلەت زاكاس قىلىش تېلېفۇنى: 0998-2629339 13999090356 13999095697 13999096354 13279015099 لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ مۇۋەپپەقىيەت خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قەشقەر مۇۋەپپەقىيەت سودا مەسلىھەت مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى
|