ئىتتىپاقلىق بار يەردە چىن دانالىق
دوستلۇق دېسە ئەستىن چىقار ئاچلىقىم،
تەڭ باراۋەر بولساق ئالەم شاتلىقىم.
دەز كەتمىسۇن چىن دوستلۇقنىڭ رىشتىگە،
چاپچىپ تۇرسۇن دۇلدۇل كەبى ياشلىقىم.
قاباھەتتۇر ئىناقسىزلىق، يامرىسا،
دوست قەدرىنى بىلمىگەنلىك نادانلىق.
ئىناق بولماي قايدا بىزگە يۈكسېلىش،
ئىتتىپاقلىق بار يەردە چىن دانالىق.
چاڭقىغاندا تەشنالىقنى قاندۇرار،
دوستلار سۇنغان زىلال بۇلاق ـ ئابىنار.
ئۆملۈك بىلەن زەپەر قۇچۇپ كەلدۇق بىز،
56 مىللەت رىشتى چىمەنزار.
ھەممە مىللەت گۈلشەن باغنىڭ سەھنىسى،
ئۇندا يوقتۇر پىتنە ـ غەيۋەت جەندىسى.
مىللەت ئارا ئىجىل ـ ئىناق دەۋر بۇ ـ
پارلاق شۇڭا مىللىتىمنىڭ ئەتىسى.
2014-يىلى 8-ئاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-15 09:02 PM