شەنبە، يەكشەنبە
نۇرمۇھەممەت ئۆمەر
ئاران كەلدى بۇ شەنبە ئەتە بارغۇ يەكشەنبە ،
دىمە !كەلمەس بۇ كۈنلەر، يىراق ئەمەس دۈشەنبە .
ئاتا-ئاناڭ يوقلىۋال دىدارىغا قىنىۋال،
يوق بولسا گەر بەرگۈدەك شىرىن سۆزۈڭ قېلىۋال.
بالاڭمۇ كۈن سانايدۇ قاچان كىلەر شەنبە دەپ،
باغچىلاردا سەيلە قىل قوللىرىدىن يىتىلەپ.
ئۆيلىرىڭنى راسلىۋال خۇش ھىد تولسۇن ئۆيۈڭگە،
ھەر كۈننىڭ ئۆز ئىشى بار قالدۇرمىغىن كىيىنگە.
ئەمگەك دىگەن بەخىتكى، جان بارىدا قىلىۋال،
تىرىكلىكتە جان ئاداش كۆپرەك ئىشلەپ بېيىۋال.
ئارمانى كۆپ تۇرمۇشنىڭ تېرىش-تىرماش بىلىم ئال ،
ئۇخلاپ يۈرسەڭ شەنبىدە خەقلەر نەدە بىلىپ قال.
شىكەر شەنبە يەكشەنبە ئاراندا بىر كەلگەندە،
بولۇپ يۈرمە لايغەزەل قولۇڭغا پۇل كىرگەندە.
قەدىرلەيلى شەنبىنى، ئەتىنى، يەكشەنبىنى،
سەھەر تۇرۇپ سۈرەيلى ئارام كۈننىڭ پەيزىنى.
مەنبە :تۈمەن 0998
2014-9-15
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-15 08:53 PM