قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبەرگەيوللىغان نەسىرىم ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتە پەرزەنتلەر مەسىلىسىدە مەكتەپ ۋەئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى توغرىلىق ئوخشىمىغان مۇنازىرىلەرنى قوزغاپتۇ، شۇسەۋەپ مەن ئۆزۈم دۇچ كەلگەن مۇنۇ بايانلارنى تورداشلار نەزىرىگە سۇنۇشنى لايىق تاپتىم،بۇنى ھەممىمىز بىردەك مۇلاھىزە قىلىپ باقساق.
مېنىڭ ئۆيگە قايتقۇم يوق
كوچا ئاپتوبوسىدا يېنىمدىلا ئولتۇرغان ئىككى قىزنىڭ سۆھبىتى دىققىتىمنى تارتتى.
-ئاداش ،بۈگۈن قايسى ئۆيگە بارىسەن؟
-ئىككىلا ئۆيگە بارغۇم يوق،-نىمىشقا؟
-دادامنىڭ يېنىغا بارسام ئاپاڭنىڭ يېنىغا بار دەيدۇ،ئاپامنىڭ يېنىغا بارسام داداڭنىڭ يېنىغابار دەيدۇ،ئىككى ئوتتۇرىدا قېقىلىپ –سوقۇلۇشتىن خويمۇ تويدۇم، قىز ئۇلۇق-كىچىك تىندى.
يۈرىكىمگە سانجىلغان ئاچچىق ئازاپتىن مەنمۇئېغىر تىندىم.
ئۇلار ئاجرىشىپ كەتسە بولاتتى
دوستى:-ئاداش داداڭ بىلەن ئاپاڭ ئاجرىشىپ كەتتىمۇ؟
-ياق تېخى ،ئۇلار ئاجرىشىپ كەتسە بولاتتى.
-نىمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟
-ئۇلارنىڭ كۈندە جاڭجاللىشىپ يۈرگىنىدىن ئاجرىشىپ كەتكىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟يا ئۆي ئۆيگە ئوخشىمىغان يا ئادەم خاتىرجەم ئۈگۈنۈش قىلغىلى بولمىغان،يا مەن بىلەن كارى بولمىغان.
-ئۇلار ساڭا پۇل بەرمەمدۇ؟مېنىڭ ئاتا-ئانامئۇرۇشۇپ قالسىلا ماڭا پايدا ئۇلار قولۇمغا پۇلنى تۇتقۇزۇپ «ماڭە سىرتقا چىقىپئوينا» دەيدۇ.
-پۇلنىغۇ بېرىدۇ،لېكىن پۇل قانداقمۇئاتا-ئانىنىڭ ،ئىللىق ئائىلىنىڭ ئورنىنى باسالىسۇن ئاداش.....
-ئۇ دىگىنىڭغۇ راست،بىراق سىلەر مەندىن ياخشىكەنسىلەر،مەن ئۇنداق چاغدا پۇل دەيدىغان بولسام ،ئۇلار مېنى بىر-بىرىگەئىتتىرىشىپ پومزەك قىلىپ ئوينايدۇ،-ئۈچىنچى قىز سۆز قىستۇردى.
-نىمىسى ياخشى،سىرتتا يالغۇز تايىنى يوق نەرسىلەرنى يەپ ئىشىككە تەلمۈرۈپ ئولتۇرىدىغان گەپ شۇ.
ماگىزىندا
-ئاداش بۈگۈن بۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى خەجلىۋېتەيلى.ئاپاملارغا مۇكاپات بېرىپتىكەن ئۆتكەنكى ئىشنى دادامغا دەپقويمىغىنىم ئۈچۈن ماڭا مۇكاپات بەردى.
-سەن مۇكاپاتنى ياخشى ئالىدىكەنسەن،مېنىڭ ئىمتىھان نەتىجەم يۇقۇرى چىقمىسا مۇكاپات تۇرماق پۇلمۇ يوق.
-قورقما مەن بار ئەمەسمۇ ،بۈگۈن ئالدىرىمايدىغانسەن؟
-ياق ئالدىرىمايمەن،بەرىبىر ئۆيگە بارساممۇئاپام-داداملار يوق.
-بىراق سەن يەنىلا مەندىن بەختلىك چۈنكى ئاپاڭ بىلەن دائىم بىللە بولالايسەن.
مانا بۇ مەن ئەتراپىمدا ئۇچراتقان،ئاڭلىغان ۋەكۆرگەن ئىشلارنىڭ بىر قىسمى.بۇلار ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى بالىلار.بۇلاردىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان،مەكتەپ ۋە جەمىيەتنى ئەندىشىگەسېلىۋاتقان بىر قىسىم ناچار خاھىشلارنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ قورقماس ،بەتخەج،بىپەرۋابولۇپ كېتىشىنىڭ تۈپ مەنبەسى يەنىلا بىز ئاتا-ئانىلار ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكەبولىدۇ.
ھازىر مەكتەپ ۋە جەمىيەت بالىلارنىڭ كەلگۈسىتوغرىسىدا باش قاتۇرىۋاتىدۇ،« پەرزەنت تەربىيسىنى كۈچەيتىش » ھەممىلا جايداتەكىتلىنىۋاتىدۇ.ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئورۇنلىرى، مەكتەپلەر بۇ ئىشقا ئالاھىدەكۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.مەكتەپلەر مۇتەخىسسىسلەرنى تەكلىپ« سۆھبەت يىغىنى »ئۇيۇشتۇرۇپ پەرزەنتلەردە كۆرىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە يۈرگۈزىۋاتىدۇ.مەنبىر قېتىملىق ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا مۇنداق بىر ئىستاتىستىكا نەتىجىسىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن ئىدىم.
50-يىل 70-يىل يېقىنقى
ئائىلىنىڭ تەسىرى %20 50 70
مەكتەپنىڭ تەسىرى 30 30 10
جەمىيەتنىڭ تەسىرى 50 20 20
مانا بۇ بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى،ئائىلىنىڭ پەرزەنتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى يېقىنقى يىللاردا ئىنتايىن چوڭ بولىۋېتىپتۇ.
پەرزەنتلەر ھەممىمىزنىڭ يۈرەك پارىسى،جەمىيەتنىڭ،مىللەتنىڭ كەلگۈسى.ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن ئاز بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار يۇقۇرقىدەك ناچارخاھىشلار بىلەن پەرزەنتلىرى قەلبىدە داغ قالدۇرۇپ پەرزەنتلىرىنىڭ ھىسسىياتى،ئارزۇسى،كەلگۈسىگە سەل قارىماقتا.
پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئانا ئائىلىدە مۇھىمھىساپلىنىدۇ. يۇقۇرقى بايانلار قىزلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان. بىر قىز بالا ئۈچۈنئانا ئۇنىڭ ھەم دوستى، سىردىشى ھەم يول باشلىغۇچىسى،ئۇستازى بولالىشى كېرەك. پەرزەنت تەربىيسىدە ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى،مەجبۇرىيىتى بىر قەدەر ئېغىر.بۇ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئاتىنىڭ مەسئۇلىيىتى يوق دىمەكچى ئەمەسمەن. پەرزەنت قەلبىدىكى ياخشى ئاتابولماقمۇ ئاسان ئەمەس،بۇ زور مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تەلەپ قىلىدۇ. ئاتائائىلىنىڭ تۈۋرۈكى،شۇڭا ئۇ ئائىلىدىكى تۈۋرۈكلۈك، ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ھالقىلىق پەيتلەردە بىرى چوقۇم قۇربان بېرىشكە توغراكېلىدۇ.كۆپىنچە بۇ قۇربان بېرىشنى ئاياللار ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئانابولغانلىقى بىلەن قەدىرلىنىدۇ، «ئانا !» دىگەن بۇ سۆزنىڭ سالمىقى ئىنتايىنئېغىر.قىزلارنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بولۇشى،ئەلبەتتە بىز ئانا بولغۇچىغا باغلىق. شۇنداقبىر ئاتا-ئانا بولۇڭ كى، پەرزەنتلىرىڭىز سىزنى خۇرسىنىپ،غەزەپلىنىپ تۇرۇپ ئەمەس، پەخىرلىنىپئاتايدىغىن بولسۇن. ئاتا-ئانا بولغۇچى پەقەت ئۇلارنىڭ كىيىمىنى، پۈتۈن ،قورسىقىنى توق قىلىپلا مەكتەپ بوسۇغۇسىغائاپىرىپ قويساق بولمايدۇ. ئالدى بىلەن ئائىلىمىزنى ئىناقلىققا، پەرزەنتلىرىمىزقەلبىنى خاتىرجەملىك ۋە شاتلىققا تولدۇرىشىمىز لازىم. ئۇلارنىڭ يولسىز بولغان تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ،يوللۇق ئارزۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ۋاختىمىز قىس بولسىمۇ ئۇلارئۈچۈن ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ ،ئۇلارنىڭكۆڭۈل كۆزىنى كۆرەيلى،قەلبىگە سىڭىپ كىرەيلى.ئۇلارنى قېيدىشىشنىڭ، پۇلنىڭ قورالىقىلىپ قويمايلى.ئاتا-ئانىلاردىن مەيلى قانداق سەۋەنلىك ئۆتۈشۈدىن،بىر-بىرىدىن قانچىلىك رەنجىشىدىن ھەتتا ئاجرىشىپ كېتىشىدىن قەتئىنەزەر پەرزەنتلەر گۇناھسىز. ئۇلار بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنىدەك، بىزمۇئۇلار ئۈچۈن مۇھىم. ئۇلارنى بىر-بىرىمىزگە ،شۇنداقلا سىرتقا ئىتتىرمەيلى. ئۇلارنىڭيۇمران قەلبىنى ئازاپقا ئەمەس خۇشاللىققا تولدۇرايلى. ئۇلارغاكۆيۈنۈشنى،سۆيۈشنى،مىننەتدار بولۇشنى بىلدۈرەيلى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلايلى،كەلگۈسىگە بىر ئەۋلات ياراملىق پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ھەممىمىز بىردەك تىرىشايلى.
2014. 9
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-15 02:32 PM