دۇنيا
ياتسىرىدىم سېنىڭدىن دۇنيا،
ناتونۇشتەك ئىككىمىز بۇرۇن.
سەنمۇ مېنى تونۇيالمايسەن،
بىزنى ئايرىپ تۇرغىنى سورۇن.
قېنى سېنىڭ مەرتلىكىڭ قېنى،
لىقلاپ قۇيماي تولدۇرۇپ جامنى.
چىراقلىرىڭ غۇۋا بەك غۇۋا،
ياندۇرغاندەك گويا بىر شامنى.
رەڭلىك سورۇن ،سەتەڭ نازىنىن،
تولغىنىدۇ قاش ،كۆزئوينىتىپ.
كۆزلەر خۇمار،روھى بەك زەئىپ،
قەلبلەردە ئستەك ئويغىتىپ.
دۇنيا شۇنداق رەزىل بەك رەزىل،
بىرى ئاچلىق ئىلكىدە غەمدە.
بىرى ئەمەل تەختىدە شاھتۇر،
بىرلىرىنىڭ ئىغىزى «يەمدە».
خىياللىرىم تىپچەكلەر ھەريان،
جاۋاپسىزمەن سوئاللار سانسىز.
قالدى نېچۈن تالاي بالىلار،
كوچىلاردا ئاتا-ئانىسىز.
ئەرقۇت
مەنبە:ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-15 08:41 PM