مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2518|ئىنكاس: 5

قانغا ئايلانغان ياش (داۋامى 3 بۆلەك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109231
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2014-8-17
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 01:26:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىنىپتا يېقىن ئۆتىدىغان دوستى ئازىگۈلنىڭ سىنىپ يىغىنى باركەن دەپ كىرىشى بىلەن ئۆيگە قايتىش توغۇرلۇق بۇلىنىۋاتقان پاراڭلار جايىدىلا توختاپ قالدى ، ئۇلار سىنىپقا چىقىپ  بىر دەم ئۆتكەندىن كىيىن مۇئەللىم كىرىپ كەلدى ھەمدە ھېيت ۋە بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن 7 كۈن ئارام ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ، يىغىن تۈگىگەندىن كىيىن مىھرىگۈل ياتاققا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ چىقتىدە نەرسە كىرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۋەتكەندىن كىيىن  دوستى ئىلمىنۇر بىلەن بىلەت ئېلىش ئۈچۈن ماڭدى ، تەلىيىگە بىلەت بار ئىدى ، بىلەت شۇ كۈنى كەچ 8 نىڭ ئىدى ، ئۇلار ياتاققا كىرىپ نەرسىلىرىنى ئالغاندىن كىيىن ئۈرۈمچى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
ئۆز يۇرت دىگەن باشقىچە بولىدۇدە ، ئۇ پويىزدىن چۈشۈپ يۇرت ھاۋاسىدا قانغۇچە نەپەس ئالدى. ئۇ پويىزدىن چۈشۈپ ئۆزى چوڭ بولغان يېزىسى تەرەپكە قاراپ 2 سائەتچە ماڭغاندىن كىيىن ئۆيىگە يىتىپ كەلدى ، ئىشىكتىن كىرىپلا ھويلىدا قويلارغا يەم بېرىۋاتقان ئانىسىنى كۆردى ، «ئانا..!»دەپ چاقىرشى بىلەن قويلارغا يەم بىرىۋاتقان تۇرسۇنخان ئانىنىڭ قولىدىكى قويغا يەم بىرىۋاتقان داس يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ۋۇي شەيتان ئەجەپ قورقۇتۇڭا ئادەمنى ، تىشلىق كەلدىڭمۇ ، ماڭدىم دەپ تىلفۇنمۇ قىلۋەتمەپسەنغۇ؟ ، شۇ سىلەرنى ھەيران قالدۇراي دەپ ... ،جۈر قىزىم ئۆيگە كىرەيلى . دادامچۇ ، ئۇكام يوقمۇ ؟  داداڭ ئۆيدە، ئۇكاڭ مەكتەپكە كەتتى .
ئۇ ئۆيگە كىرىپلا كارۋات ئۈستىدە ئۇرۇن تۇتۇپ ياتقان دادىسىنى كۆردى ، ئۇ دادىسى بىلەن تىشلىق ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن ئانىسىنى سىرىقا چاقىرى . ئانا بۇ نىمە ئىش ؟ سىز دادامنى ياخشى تۇرۋاتىدۇ ، بازارمۇ بازار ياغ ئەچىقۋاتىدۇ ، سودىمۇ بەك ياخشى دەۋاتاتىڭىزغۇ ؟ نىمىشقا بۇنداق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئۇرۇقلاپ كىتىپتۇ ؟ قىزىم داداڭ سىنى خاتىرجەم ئۇقۇسۇن دەپ مىنى دىگىلى قويمىدى ، سەن ھېيتلىق قۇيۇپ بىرىدىكەن دەپ تىلفۇن قىلغان كۈن سەل ياخشى ئىدى لىكىن بۈگۈن ئەتىگەن تەرەت قىلغىلى چىقىپ كىتىپ يىقىلىپ قاپتۇ ، يۈلەپ ئەكىلىپ ياتقۇزۇپ قويدۇم .   ئاپا دادامنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ باقايلىمۇ ؟ مەن سەل ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن .                                  داداڭ بىلەن دىيىشكەن ھېيتىن كىيىن بارىدىغان بولدۇق  ، قايسى كۈنى دوختۇرغا ئاپىراي دىسەم بارمايمەن دەپ تۇرۋالدى ، ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئاخىر ھېيتىن كىيىن بارىدىغانغا كۆندۈردۈم .  
جېنىم ئاپا ئائىلىنىڭ پۈتۈن يۈكى سىزگە چۈشىۋاتىدۇ ، ناۋادا ئوقىمىغان بولسام ئازراق بولسىمۇ بېسىم يەڭگىللەيتى ...
قىزىم بىرىنجى قېتىم بۇ گەپنى قىلدىڭ ئىككىنجى قېتىم ھەرگىز دەپ سالما ، داداڭ ئىككىمىزنىڭ شۇنچە جاپا تارتىشى ئۇكاڭ ئىكىڭلار ئۈچۈن . نىمە تاماق يىگۈڭ بار ئوخشۇتۇپ تاماق ئىتىپ بىرەي ، ئۇكاڭمۇ ھېلىغىچە قورسىقى ئاچ يېنىپ كىلىدۇ ھەقاچان . پولو ئىتىپ بىرەمسىز ئەمسە سىزنىڭ ئەتكەن پولورىڭىزنى شۇنچە سېغىنىپ كەتتىم ، مەكتەپتىمۇ ئىتىدۇ بۇ پولونى لىكىن سىزنىڭ ئەتكەن پولورىڭىزنىڭ تەمىنى تاپقىلى بولمايدۇ .   ماقۇل ئەمسە پولو ئتىپ بىرەي، ھېرىپمۇ قالغانسەن ئۆيگە كىرىپ بىردەم ئارام ئېلىپ تۇر ، تاماقنى ئىتىپ بۇلۇپ چاقىراي .
ئۇ ئۆيگە كىرىپ ئەمدى ئۇخلاي دىيىشىگە تىلفۇن كىلىپ كەتتى ،تىلفۇننى تۇلۇق ئوتتۇرىدا بىللە ئوقىغان ساۋاقدىشى ، ياتقدىشى ، ئەڭ يېقىن دوستى ئايگۈزەل ئۇرغان ئىدى . « ۋۇي خان بامۇ ، تىشلىق تۇرغانسەن ؟ مەن تىلفۇن قىلمىسام تىلفۇن قىلىپ قويايمۇ دىمەيسەن ، ھەراسىت سەن دىگەن ھازىر داشۆسىڭ  بىزدەك دېھقان ئاداشلىرىڭنى ياراتمايسەن !»
«ۋاي ۋۇي جېنىم ئادىشىم تۈزۈكرەك تىشلىق ئامنلىقمۇ سوراپ سورىمايلا تەنە گەپ دىگەننى ياغدۇرۋەتتىڭغۇ ؟ ئۆزەم تىشلىق سەنچۇ ؟ خاپا بولمىغىنە ، مەن شۇ ئالدىراش بولۇپ قېلىپ سەن بىلەن ئالاقىلىشىپ بولالمىدىم ، كەچۈرگىن ھە !»
«كەچۈرۋەتتىم  ، ماقۇل خاپا بولماي ، نەدە بولۇپ كەتتىڭ ؟ ھېيتتا قۇيۇپ بەردىمۇ ؟ يېنىپ كىلەسەن ؟ سىنىڭ كۆگۈڭ كەلمىگەن بىلەن مىنىڭ كەلدى .»دېدى سەل پەسكويغا چۈشكەن ئايگۈزەل .
مەن ھازىر ئۆيدە بايىلا پويىزدىن چۈشتۈم ، ئۆيگە كەلسەم دادام ئاغرىققكەن شۇ ئاپام بىلەن پاراڭلىشىپ ئۆيگە كىرىپ يېتشىمتى سىلەرنىڭ ئۆيدىكىلەر ياخشىمۇ ؟
ھەممىسى ياخشى ، ئاپام سىنى ھېيتتا يېنىپ كىلىپ قالسا بىزنىڭ ئۆيگە كەلسۇن كرگۈم كەلدى دىگەن ، ھېيتتا بىزنىڭ ئۆيگە كىلەرسەن ؟   
بۇ ئىشنى ئاپامغا مەسلىھەت سېلىپ ھېلى ساڭا تىلفۇن قىلاي .
مىھرىگۈل بىلەن ئايگۈزەل ئىكىسى تۇلۇق ئوتۇرىدا بىر سىنىپقا بۈلۈنگەن بۇلۇپ ئۇلار بىر سىنىپتا ئوقۇش داۋامىدا تۇنۇشقان ، مىجەزى تىزلا چىقىشىپ قالغانلىقتىن مۇئەلىملەرگە دەپ بىر ياتاققا بۈلۈنۋالغان ، بۇ ئىككىسى پات پات بىر بىرىسىنىڭ ئۆيىگە باراتتى ئىككىلا ئائىلىدىكى ئاتا ئانا بۇ قىزلارنىڭ ئىكىلىسىنى ئۆز قىزىدەك كۈرەتتى ، شۇڭا پات پات ئايگۈزەلنىڭ ئاپىسى دادىى مىھرىگۈلنى ، مىھرىگۈلنىڭ دادىسى ئاپىسى ئايگۈزەلنى سوراپ قۇياتتى . ئايگۈزەلنىڭ ئمتاھاندا تۈۋەن ئېلىپ قېلىش سەۋەبى بىلەن بۇ قىز ئالىي مەكتەپكە بارالماي تۇلۇق ئوتۇرىنى پۈتكۈزۈپلا دېھقان بولۇپ كەتكەن ئىدى .
                                           داۋامى يولىنىۋاتىدۇ ......



ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10517
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 02:53:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي شۇندا قىزقىپ  ئوقۇۋاتسام  تۈگەپ   كەتتىيا   ....................................



داۋامىغا  ئىنتىزامەن قەيلىسا  تىزراق يوللىسلا  ماقىما  ھا

شاھزاد

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10972
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2224 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 05:27:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرباشتىن ئوقۇپ چىقاي......


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3086
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5809
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2663 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 10:22:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى  تېمىغا ئۇلاپلا داۋامى دەپ ئەسكەرتىپ يازسىڭىزچۇ

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99556
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 484
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 08:55:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارچىلاپ نىمە قىلۋەتتىڭىز بۇنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 12:17:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش