|
|
|
|
ئۆتنە جاھان بۇ يانىدۇ بىر كۈن
ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم
بېراۋنى قاقشاتىم،دىگىنىڭ بىلەن،
قاقشېتىپ رىسقىنى،يىگىنىڭ بىلەن.
مەزلۇمنى يىغلىتىپ،كۈلگىنىڭ بىلەن،
ئۆتنە جاھان بۇ،يانىدۇ بىر كۈن. مۇساپىرنى يۇرتۇڭدا،خار قىلغان بىلەن،
نامەرتنى ئۆزۈڭگە،يار قىلغان بىلەن.
مىڭلارچە يۈرەكنى،زار قىلغان بىلەن،
ئۆتنە جاھان بۇ،يانىدۇ بىر كۈن. بىرنىڭ،بىرىدە قالمايدۇ ھەرگىز،
بۇ جاھان،يامانى ئالمايدۇ ھەرگىز.
خۇدا دەپ،قولىنى كۆتۈرگەن بەندىنى،
ئالاھمۇ ئازاپقا،سالمايدۇ ھەرگىز. بۇرۇن تاغ ئايلانسا،ھازىر بۇسۇغا
ئىتنىڭ ئىگسى بولسا،قاشقۇرغا خۇدا،
ئالدىراپ خوش بولما،قېلغانلىرىڭغا،
ئۆتنە جاھان بۇ،يانىدۇ بىر كۈن.
2014-يىلى9-ئاينىڭ12-كۈنى ئۈرۈمچى
|
|
|
|
|
|