بىر كۈنى
تىكىستى:مۇھەممەتجان راشىدىن
مۈزىكىسى:پەرھات ئابىت چوغلان
ئاككورتلاشتۇرغۇچى:خەمىت ئۆمەر
ئورۇندىغۇچى:رەخمىدىن قاسىم
ياخشىلىق قىل يوقسىزغا ياندۇرىدۇ بىر كۈنى،
ھېچ بولمىسا ئۇسۇزلىقا قاندۇرىدۇ بىر كۈنى.
كۈلپەت چۈشسە بىشىڭغا كەلمەي قېچىپ قىشىڭغا،
ئاغزىدا دوست دىگەن دوست چاندۇرىدۇ بىر كۈنى.
قارا تولا قازاندا ھىلە تولا ياماندا،
دوست بولۇپ قالساڭ يولۇڭدىن ئازدۇرىدۇ بىر كۈنى.
پسەنت قىلماي زارىڭغا چۈشۈپ قالساڭ دامىغا،
ئۆز قولۇڭدا گۆرۈڭنى قازدۇرىدۇ بىر كۈنى.
دىلى قارا جانانى سۆيسەڭ بىلمەي نادانى،
سىنى ئاتا-ئاناڭدىن تاندۇرىدۇ بىر كۈنى.
يامان دىمە بالاڭنى غۇنچىسى ئۇ پۇشتۇڭنىڭ،
ئىنساپ تاپسا ئەجرىڭنى قايتۇرىدۇ بىر كۈنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-13 08:43 PM