دۇنيا ئىقلىمىنىڭ ئىللىشى ھەققىدە
21-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە كىشلەرنىڭ نەزىرى يەنىلا ئىقلىمنىڭ ئىللىشى ھەققىدە بۇلۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قەدىمقى مايالىقلارنىڭ 2012-يىل12-ئاينىڭ25-كۇنى قىيامەت بولىدۇ دىگەن تارىخى خاتىرلىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن ئامىركا فانتازىيە فىلىمى <<2012>> قۇيۇلغانلىقىدۇر. بۇ فىلىمدە 2012-يىل 12- ئاينىڭ 25- كۇنى دۇنيانىڭ ناھايتى زور سۇ ئاپىتىگە ئۇچراپ پۇتۇن دۇنيانىڭ نەچچە مىڭ مىتىر سۇ ئاستىدا قالغانلىقى ، ئاز بىر قىسىم تەلەيلىك كىشلەرنىڭ ئامىركا تەتقىق قىلىپ ياسىغان غايەت زور پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ھايات قالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن .
بۇ بىر كىنو بولسىمۇ لىكىن دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشلەنىڭ قورقۇشىنى ، تەشۋىشلىنشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ، بەزى نادان كىشلەر مۇشۇ كۈندە شەكسىز قىيامەت بولدىغىنىغا ئىشنىپ نۇرغۇنلىغان ئەخمىخانە ئىشلارنى قىلغان يەنى بەزى كىشلەر ئۈلىۋالغان ، بەزى كىشلەر نۇرغۇن پۇل خەجلەپ كېمە –پاراخوت ، قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى سېتىۋالغان، نۇرغۇن كىشلەر بۇ فىلىمدە دىيىلگەن <<قىيامەت>> كە ئىشەنمىگەن بولسىمۇ لىكىن ئىقلىمغا بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك بولماقتا .
1. ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرشى _ ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرشى ئاتمۇسفىرا ھالتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزگىرشىنىڭ بىر خىل ئنكاسى،ئۇ ئاساسلىقى ئوخشىمىغان ۋاقىت ئۆلچىمىدىكى ئىسسىق- سوغوق ۋە نەم- قۇرغاق ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرشىدە ئىپادىلنىدۇ. گىئولوگىيىلىك تارىخى دەۋىرلەردىكى ئىقلىم ئۆزگىرشىنىڭ ۋاقتى ئۇزاق ، دەۋرىمۇ ئۇزۇن ۋاقتىنى بۇنىڭدىن نەچچە ئون مىڭ يىلدىن نەچچە مىليارديىل ئالدىغا سۈرۈشكە بولىدۇ ، ۋاقىت ئۆلچىمى مىڭ يىل، ئون مىڭ يىل، ھەتتا 100مىليۇن يىل بولغان ئىقلىم ئۆزگىرشىنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ.
19-ئەسىرنىڭ ئاىىردىن ھازىرغىچە، يەرشارى ئىقلىمىدا گەرچە داۋالغۇش بولسىمۇ، لىكىن ئۇمۇمى يۈزلىنىشى جەھەتتىن ئىللىماقتا. 20- ئەسىردە يەرشارنىڭ ئوتتۇرچە تېمپۇراتۇرسى0.4~0.8 سېلسىيەگىرادۇسقىۇچە ئۆرلىدى.
يېقىنقى يېرىم ئەسىر مابەينىدىكى يەرشارى تېمپۇراتۇرسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەپ،سۈننى قۇيۇپ بىرىلگەن پارنىك گازى مىقدارنىڭ ئېشىشى بۇلۇشى مۇمكىن. ئەگەر سۈننى قۇيۇپ بىرىلگەن پارنىك گازنىڭ مىقدارى داۋاملىق ئاشسا، يەرشارى ئىقلىمىنىڭ ئىللىش يۈزلىنشىمۇ داۋاملىق ئاشىدۇ. تەخمىنى ھېسابلاشلارغا قارغاندا،21- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، يەرشارنىڭ ئوتتۇرچە تېمپۇراتۇرسى 1~6سېلسىيە گىرادۇسقىچە ئۆرلىشى مۇمكىنكەن.
2. يەرشارى ئىقلىم ئۆزگىرشىنىڭ ئېھتىمالدىكى تەسىرى
يەرشارى ئىقلىمىنىڭ ئىللىشى ئىنسانلار دۇچ كىلۋاتقان ئاساسلىق مۇھىت مەسىللىرنىڭ بىرى. يېقىنقى 100يىل مابەينىدىكى ئىقلىم ئۆزگىرشى پۈتۈن يەرشارى ، شۇنىڭدەك ئىلىمىزنىڭ تەبى مۇھىتى ۋە ئجتىمايى ئىقتىسادىغا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتتى؛ كەلگۈسىدىكى ئىقلىم ئۆزگىرشىنىڭ تەسىرمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم زور بولىدۇ، بەزى رايۇنلارغا نىسپەتەن ئېيتقاندا،نۇرغۇن تەسىرلەر سەلبى ياكى پايدىسىز بولىدۇ.
دېڭىز يۈزى تەكشىلكىنىڭ كۆتۈرلىشى يەرشارى ئىقلىمىنىڭ ئىللىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ روشەن ئاقىۋەتلەرنىڭ بىرى. دېڭىز يۈزى تەكشىلكىنىڭ كۆتۈرلىشى مۇزلۇقلارنىڭ ئىرىشى ۋە دېڭىز سۈينىڭ كۆتۈرلىش ھادىسىسىدۇر، ئۇ ئۇزاق ۋاقىتتا ئاستا-ئاستا يۈز بېرىدۇ . مۆلچەرلىنىشچە، 2100- يىلغا بارغاندا پۈتكۈل يەر شاردىكى دېڭىز يۈزى تەكشىلىكى 18~60 سانتىمىتىر؛ 2030- يىلىغا بارغاندا ئىلىمىزنىڭ دېڭىز بۇيدىكى دېڭىز يۈزى تەكشىلىكى 1~16 سانتىمىتىر كۆتۈرلىدىكەن. دېڭىز يۈزى تەكشىلكىنىڭ كۆتۈرلىشى دېڭىز قىرغىقى لىنيىسىنى ئۆزگەرتىپ، دېڭىز بۇيدىكى رايۇنلارغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان دېڭىز بۇيدىكى رايۇنلار سۇغا غەرىق بۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.
تىنىچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت تۇۋالۇنىڭ چۈكۈپ كىتىشى بۇنىڭ مىسالىدۇر
ئارال دۆلەت تۇۋالۇ دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى .
بۇ قۇرۇقلۇق كۆلىمى ئاران 26 كۇۋادىرات كىلومىتىر كېلدىغان ئالقانچىلىك دۆلەت توققۇز ھالقىسىمان مارجان ئاراللىرى توپىدىن تەشكىل تاپقان. ئۇنىڭ ئەڭ ئىگىز نوقتىسنىڭ دېڭىز يۈزى تەكشىلىكى بىلەن بولغان ئارلىقى 5 مىتىرغىمۇ يەتمەيدۇ ، پايتەختى فۇنافۇتى ئارىلنىڭ ئەڭ ئىگىز نوقتىسىنىڭ دېڭىز يۈزى تەكشىلىكى بىلەن بولغان ئارلىقى ئاران 3 مىتىر ئەتراپىدا ، بەزى پەس، ئويمان رايۇنلاردىكى ئۆيلەر دېڭىز يۈزى تەكشىلىكى بىلەن بىر تەكشىلىكتە دېگۈدەك كېلىدۇ، مۇشۇ سەۋەپتىن 2004-يىلى زۇڭتۇڭ باشچىلقىدا يېڭى زىللاندىيەگە كۈچۈپ كەتكەن.
پۈتكۈل يەر شارنىڭ ئىللىپ بېرىشى ئىنسانلار، جانلىقلار ۋە مۇھىتقا كۆپ تەرەپلىمىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇمۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، پۈتكۈل يەر شارنىڭ ئىللىپ بېرىشى سۇ بايلىقىنىڭ قىس بۇلشىنى، چۆللىشىشىنى، ئاشلىق مەھسۇلاتلىرنىڭ كېمىيشىنى، دېڭىزيۈزنىڭ ئۆرلىشنى، دېڭىز ئاراللىرى ۋە دېڭىز بۇيى شەھەرلىرنىڭ سۇغا غەرىق بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تەبىئىي ئېكلوگىيەلىك سېستىمىغا ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.
3. يەر شارنىڭ ئىللىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى
ئىنسانلار ئۈچۈن پەقەت بىرلا يەرشارى بار، ئۇ بىزنىڭ ئورتاق ماكانىمىز. ئىنسانلار ياشاشتا تايىندىغان يەر شارى مۇھىتىنى قوغداش يەرشارى كەنتىدىكى ھەربىر پۇقرانىڭ باش تارتىشقا بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئىقلىم ئۆزگىرىشى ئالدىدا ئىنسانلار چارىسىز ئەمەس . پەقەت ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللانساقلا ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرشىنى ئاستىلىتالايمىز، ئۇ كەلتۈردىغان زىياننى يىنىكلىتەلەيمىز. يەنى ئادەتتىكى تۇرمىشىمىزدا كۆپ تەكىتلىنۋاتقان پارنىك گازىنىڭ قۇيۇپ بىرىلشىنى ئازايتىشىمىز لازىم يەنى پاكىز ئىنىرگىيە مەنبەسىدىن كۆپلەپ پايدىلنىش : بۇ دىگىنمىز شامال ئىنىرگىيىسىدىن پايدىلنىش، قۇياش ئىنىرگىيىسىدىن پايدىلنىش... قاتارلىقلار؛ دەرەخ تىكىپ، ئوت- چۆپ ئۆستۈرۈش ؛ ئورماندىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ؛ ئىستىمال ۋە تاشلاندۇقلارنىڭ قۇيۇپ بىرىلشىنى ئازايتىش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاممىۋى قاتناش قۇراللىرنى ئىشلىتىش: بۇ دىگىنىمىز كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ چىقىرلىشىنى ئازايتىشىمىز ، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرغا كۆپلەپ ئولتۇرشىمىز ، ئادەتتىكى ئىستىمالدا ئىشلىتىلۋاتقان مۇھىت بۇلغايدىغان بۇيۇملارنى ئازراق ئىشلىتىشىمىز كېرەك؛
يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئالىملار يېڭىچە قاراشلارنى ئوتتۇرغا قۇيۋاتىدۇ ، بۇلار پۈتۈنلەي يېڭىچە قاراشلار بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ ، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئىشلىتىلشى نۆۋەتتە مۇھاكىمە قىلنىۋاتقان بۇلۇپ ، ئۇلار دادىللىق، يېڭىلىق يارتىشچانلىق قاتارلىق ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. ھاۋا بوشلىقىدا ئورمان بەرپا قىلىش
ئامىركىدىكى بىر شىركەت ئاسمانغا تاقاشقان بىر بىنا لايھىلىگەن بۇلۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق يەر يۈزدىن نەچچە يۈز مىتىر ئىگىزلىكتىكى بوشلۇقتا يېشىل ئورمان بەرپا قىلىپ، كاربون تۆت ئوكسىدنى ئازايتماقچى بولغان . ئاسمانغا تاقاشقان بۇ ئىگىز بىنا 120 مىتىر ئىگىزلىكتە بۇلۇپ، 10 قەۋەتكە بۈلۈنگەن . كىشلەر ئۇنىڭ ھەربىر قەۋتىگە دائىم كۆكرىپ تۇردىغان دەرەخلەرنى تىكىش ئارقىلىق يەر يۈزىدىن نەچچە ئون مىتىر ئىگزلىكتىكى ھاۋانى ساپلاشتۇرالايدۇ .
بۇخىل بىنالار ئەتراپتىكى ئاھالە ۋە ھايۋانلارغىمۇ پايدىلىق بۇلۇپ، ئۇلارنى ئوتتەك كۆيدۈرگۈچ ئاپتاپتىن ساقلاشتا كۈنلۈك رۇلىنى ئوينايدۇ .
2. مۇزلۇقلارنى چۈمكەپ قۇيۇش
شىمالى قۇتۇپ مۇزلىقلىرى ئىرىپ كۆپ مىقداردىكى تاتلىق سۇ شىمالى ئاتلانتىك ئوكيانغا قۇشۇلۇپ، دېڭىز- ئوكيان سۈينى سۇيۇقلاندۇرۋەتكەنلىكتىن ، ئالىملار بۇنىڭ بىلەن دېڭىز- ئوكيانلارنىڭ ئوكيان ئېقىم سۆرئىتى تۆۋەنلەپ كىتىشى ھەتتا توختاپ قېلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا. ھالبۇكى، ئوكيان ئېقىمى يەر شارىدا ئايلىنىش ئارقىلىق يەرشارى كىلماتىنى تەڭشەيدىغان مۇھىم ئامىل . ئەگەر ئوكيان ئېقىمىنىڭ ئايلىنىشى راستىنلا توختاپ قالسا ، دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرنىڭ زور مىقداردا ئۈلۈشىگە سەۋەپ بۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى دېڭىز- ئوكيانلارنىڭ ئاتمۇسفىرا پارنىك گازىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىپ، پۈتۈن يەر شارى كىلماتىغا ئاپەت خارەكتىرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بۇ مەسىلنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، بەزى ئالىملار ئەرزان باھالىق ئىسسىقلىقتىن ئايرىش ماتىريالى ئارقىلىق شىمالى قۇتۇپ مۇزلىقلىرنى يۆگەش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ خىل ئىسسىقلىقتىن ئايرىش ماتىريالى ئككى قەۋەتتىن تۈزۈلگەنن بۇلۇپ، ئۈستىنكى قەۋىتى قۇياش نۇردىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى توسسا، تۆۋەنكى قەۋىتى ناھايتى ياخشى ئىسسىقتىن ئايرىش ئىقتىدارىغا ئېگە. ئۇنىڭ بىلەن ئىگىز تاغ چوقىلىردىكى قار-مۇزلارنى يېپىپ قويغاندا، ياز كۈندىكى ئاپتاپمۇ قار-مۇزلارنى ئىرىتەلمەيدۇ، 2005-يىلى بۇخىل ماتىريال كىچىك دائىردە سىناق قىلىنىپ ناھايتى زور نەتىجىگە ئېرىشكەن. يەنى ئىككى يىل ئىچىدە بۇخىل ماتىريال بىلەن يېپىپ قۇيۇلغان قار-مۇز بىلەن قاپلانغان جايلارنىڭ نىسپىتى ئەتراپىدىكى باشقا جايلارغا قارىغاندا% 80 ئازايغان
قالغانلىرى بىر قەدەر تۈشنىش قىيىن بولغان تۈرلەر بولغاچقا ئۇلار توغۇرسىدا تەپسىلى توختالماي يۈزەكى ئۈتۈپ كەتتىم..
3. سۈنئى بۇلۇت ياساش
4. كاربوننى تۇپراققا كۈمۈۋېتىش
5. دېڭىز – ئوكيانلارغا تۈمۈر تۇلۇقلاش
6. گېن قۇرلىشى ئارقىلىق ئۈسۈملۈك تۈرىنى ياخشىلاش
7. قۇم - بورانلىق ھاۋارايىنى چەكلىمەسلىك
ھازىرقى ئىقلىم مەسىللىرى بىرقەدەر مۇرەككەپ بۇلۇپ نۇرغۇن ئىشلار غا چېتىلىپ توختايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چۇقۇم يەرشارى ئىقلىمىنىڭ ئىللىشىنى كونتىرول قىلىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز ھەم دىققەت قىلشىمىز لازىم.
يىغىپ - رەتلەپ يېزىپ تەييارلىغۇچى : چاڭشا تىببى ئىنىستىتوتىدىن
ئادىلجان ئانايتىللا
2014-يىل 8-ئاينىڭ 19- كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-13 06:18 PM