مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 331|ئىنكاس: 6

سەھرا سۆيگۈسى(غەزەل) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9724
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 07:31:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەھرا سۆيگۈسى




سۆيۈنمەس كىم ئانا يۇرتتىن دىلىدا ئىپتىخار تۇرسا،
غورۇرى-پەخرى ئۇرغۇتقان تىلىكى بىغۇبار تۇرسا.

سامادەك بىپايان قوينى يېشىللىقنىڭ ماكانىدۇر،
نەزەر سالساڭ كۆزۈڭ يەتمەس،چىمەنلىك-لالىزار تۇرسا.

يىگىت-قىز ئىشقى گۈلخاندۇر ئانايۇرتىغا باغلانغان،
تېپىپ ۋىسال مۇھەببەتتىن ئەجەبكى بەختىيار تۇرسا.

ئۇرار خۇش ھىد دىماقىڭغا  ئەجەپ راھەت ھاۋاسى بار،
تەپەككۇر ئەيلىسەڭ جىمجىت،سېنىڭدە ئىختىيار تۇرسا.

ئانىلار پەرۋىشى بىرلە يېتىلگەي قىزلىرى ئىشچان،
ھايا-نومۇستا پۈتكۈزگەن بوينىدا تىلتۇمار تۇرسا.

كۆڭۈل كۆكسى ئەزىم دەريا،ۋۇجۇدى بىغۇبار-ساددا،
ئاتالارغا بولۇپ ھەمدەم تۈمەنلەپ ئىزباسار تۇرسا.

ھاياتلىققا بېرىپ مەنبە،يىمەك-ئىچمەكنى تەل قىلغان،
دالالار قوينى ئاش كانى،مېۋە ھەم پاختىزار تۇرسا.

مېھىردە كۆكلىتىپ ئەرلەر سۇغارغان دەشت چۆللەرمۇ،
كىرىپ تۈسكە ئاجايىپ ئۇز،يېشىللىق-جىلۋىدار تۇرسا.

ياشار بۇندا قاداق قوللۇق ئاتىلار كۈندە-مېھنەتتە،
تاپالمايسىز بۇ سىمانى، تەۋەررۈك-يادىكار تۇرسا.

دىيەلەيدۇ قېنى كىملەر يەنە «سەھرايى-قىيامەت»،
جىمى ئادەم ئۇدۇم ئىزدەپ، ئۇنىڭغا ئىنتىزار تۇرسا.

مۇھەممەت بەختىدۇر سەھرا، ۋەتەن-كۆزىگە تۇتىيا،
تەرىپلىمەي تۇرار قانداق،نىگارى- دىلخۇمار تۇرسا.


مەنبە: ئىجادىيىتىم.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32150
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 01:00:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈزەل سەھرادا دېھقانلار ھالال ئىشلەپ،
ھاياتقا دان ئاتا قىغان غەمگۇزار تۇرسا.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2775
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 09:30:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەھرانىڭ گۈزەللىكىنى ،قايناق تۇرمۇشىنى يېقىملىق شىئېرىي تىل بىلەن سۈرەتلەپسىز،  ياختۇردۇم


شىئېرىڭىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ۋەزىن چىقىپتۇ،  يانا بىر ئىشلەپ بېقىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 10:08:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ئۇستاز،ھارمىغايسىز!

ئىنكاس يازماي قانداق تۇرالاي،
ياخشى بىر غەزەل ئالدىمدا،تۇرسا!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1000
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 02:48:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەھرانى ياخشى تەسۋىرلەپسىز ...مەنمۇ يېزامنى ئەسلەپ قالدىم..

مەن بەك يەقتۇردۇم بۇ غەزەلنى...

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4350
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 07:41:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەھراغا بېغىشلانغان تېمىلار مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ .

سەھرا - كۈللى ئىنساننىڭ بۈشۈكى .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  ؛  2536190268  .   يانفۇن  ؛ 15699088894

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9724
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 04:45:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
KUMALTAGH يوللىغان ۋاقتى  2014-9-13 07:41 PM
سەھراغا بېغىشلانغان تېمىلار مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ .

سەھرا - ...

ھەقىقەتەن توغرا گەپ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش