مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3995|ئىنكاس: 21

«ئانا يۇرت» رومانىدىكى ئات تەسۋىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107038
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 998
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-5-22
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 09:41:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئانا يۇرت» رومانىدىكى ئات تەسۋىرى

                                                          ئابدۇرېشىت ئوسمان
                                                (غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ)

يازغۇچى زوردۇن سابىر «ئانا يۇرت» رومانىدىكى نۇرغۇن ۋەقە،تەپسىلاتلاردا گۈزەل، ساپ، باي، مۈرەككەپ ھېس-تۇيغۇلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ تەسۋىرلىرىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتى ۋە بالاغىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشىدۇ. جۈملىدىن يازغۇچى زوردۇن سابىر «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ نۇرغۇن ۋەقە، تەپسىلاتلىرىدا ئات ۋە ئاتقا مۇناسىۋەتلىك تەسۋىرلەرنى ناھايىتى يارقىن، ئىنچىكە، جانلىق ۋە ئوبرازلىق تەسۋىرلىگەن. بولۇپمۇ ئاتنىڭ جىنسى، يېشى، رەڭگى، بەدەن قۇرۇلۇشى، خۇي-پەيلى ۋە يۈرۈش ھالەت، خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە تۈرگە ئايرىلغان خاس ئىسىم، سۆز-ئاتالغۇلارنى، ئات جابدۇقلىرىغا ئائىت سۆز-ئاتالغۇلارنى دەل، توغرا ۋە ئىلمىي ئىشلەتكەن. ئاتقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش  ئادەتلىرىمىزنى تولىمۇ گۈزەل تەسۋىرلىگەن.

1. «ئانا يۇرت» رومانىدىكى ئاتنىڭ تۈرلىرىگە ئائىت خاس سۆز-ئاتالغۇلار

1) «ئانا يۇرت» رومانىدىكى ئاتنىڭ جىنسى ۋە يېشىغا قاراپ تۈرگە ئايرىلىشى
« ــ غېنى ئىككى ئات بېرىۋىدى ئالمىدىم. ئابدۇمەرنىڭ يىلقىسىغا شېرىك بولۇپ قويۇپ قالغان جېنىمدىن ئايرىلماي دىدىم، ــ دەپ قوشۇپ قويدى.»
ئات ــ بەش ياشتىن ئاشقان پېچىۋېتىلگەن ئات.
يىلقا ــ ئاتنىڭ توپى،ئۈيۈرى نامى.
« بۈگۈن يەنە ئەللىك ئات پەيدا بولدى. قايسى كۈنىلا غېنى، ئەكبەرلەر ئوتتۇز تۇياق بىيە، ئىككى ئايغىر ھەيدەپ كېلىپ نۇرىلارنى ئات باققىلى سالغانىدى.»
بىيە ــ ئالتە ياشتىن ئاشقان چىشى ئاتلار.
ئايغىر ــ بەش ياشتىن ئاشقان، نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە پىچىلمىغان ئەركەك ئات.
« تۇل بىيىدىن بىرنى، راسا سېمىز تايدىن بىرنى قىشلىق سوقۇمغا ئاتاپتەك، ...»
تۇل بىيە ــ ئالتە ياشتىن يۇقىرى تۇغمىغان چىشى ئات.
تاي ــ ئىككى ياشلىق ئات بالىسى.
« ــ بايتالغا مىنگەشتۇرۇپ ئەكەلدىم بۇ ئەپەندىنى.»
بايتال ــ بەش ياشلىق چىشى ئات.
« ــ شاڭيۇ بۇۋاڭ بىر غۇنان ئات مىندۇرگۈدەك.»
غۇنان ــ ئۈچ ياشلىق ئەركەك ئات.
« ئۇ قاما قازاقنىڭ جىرەن بايتىلىغا پارچە كىگىزنى توقۇم قىلىپ سالدى ـ دە، كوچىغا قارىتىپ دىۋىتتى.»
جىرەن بايتال ــ  ئەسلى ئاتىلىشى جەيرەن ،رەڭگى قىزىل بىلەن سېرىقنىڭ ئارىلاشمىسى ،مېغىز رەڭ بەش ياشلىق چىشى ئات.
« ئەكبەر ئويناقلاپ تۇرىدىغان كۆك قاشقا دۆنەننى ھويلىغا يېتىلەپ كىردى.»
دۆنەن ــ تۆت ياشلىق ئەركەك ئات.
بىز يۇقىرىقى پارچىلاردىن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ مول تۇرمۇش جۇغلانمىسى ۋە ئونىۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
مەن بۇ روماندا ئۇچرىمايدىغان ئاتنىڭ يېشى ۋە جىنسىغا قاراپ ئايرىلغان باشقا تۈرلىرىنى ئىزاھلاپ قويۇشنى زۆرۈر دەپ بىلدىم.  ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
قۇلۇن ــ تۇغۇلۇپ بىر ياشقىچە بولغان ئات بالىسى.
توسۇن ــ كۆندۈرۈلمىگەن ئات.
غۇنان بايتال ــ ئۈچ ياشلىق چىشى ئات.
دۆنەن بايتال ــ تۆت ياشلىق چىشى ئات.
قىسراق ــ قىسىر قالغان بىيە.
بوغاز بىيە ــ قورسىقىدا قۇلۇن بار ئالتە ياشتىن ئاشقان چىشى ئات.
ئۇيۇر ــ يىلقا توپى. بىر ئۇيۇر يىلقا ئارىسىدا بىر ئايغىر بولىدۇ.
2) « ئانا يۇرت » رومانىدىكى ئاتنىڭ رەڭگىگە قاراپ تۈرگە ئايرىلىشى
« ئۆزى باش توخۇ بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتسە، خۇپتەندىن كېيىن بوز ئېتىمۇ، ئۆزىمۇ ھالدىن كەتكەن چاغدىلا ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ....»
بوز ئات ــ رەڭگى بوز، يەنى ئاق بىلەن كۆك ئوتتۇرىسىدىكى ئات.
« ئۇلار خالتار ئاتنى چانىغا قوشۇپ ھويلىدا ھەيدەپ بېقىۋىدى ئات تىنچ ماڭدى.»
خالتار ئات ــ رەڭگى كىنگۇرۇ رەڭگىگە يىقىن ئات.
« مۇختەرباي قارىگىر يۇرغىسىنى توقۇتۇپ، ....»
قارىگىر يۇرغا ــ رەڭگى سۇس قارا، يۈرۈشى سىلىق ئات.
« ئويناقلاپ تۇرىدىغان تورۇق ئات مىنگەن ئابدۇمەر مىڭبېگى بىلەن كۆك ئات مىنگەن سۈرى يامان بىرى، ...»
تورۇق ئات ــ رەڭگى بېغىررەڭ ئات، ئادەتتە چىلان تورۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
كۆك ئات ــ رەڭگى كۆك ئات.
« ــ مۇختەر باينىڭ قۇلا ئېتى قۇلايغا ئوخشايدۇ جۇمۇ!»
قۇلا ئات ــ رەڭگى خالتار ئاتقا يىقىن ئات.
« ــ قارا قاشقا بىرىنچى! ــ دەپ ۋاقىراشتى.»
قارا قاشقا ــ رەڭگى قارا، ماڭلىيىدا قاشقىسى بار ئات.
« ــ بەسلىشەيلى ئەمىسە! ــ دېدى ئۆي ئىگىسى قىزىقىپ، ــ تەگكۈزەلىسەڭ تورۇق يۇرغام سېنىڭ، تەگكۈزەلمىسەڭ ئالا ئېتىڭنى بېرىسەن.»
تورۇق يۇرغا ــ رەڭگى بېغىررەڭ ، يۇرۇشى سىلىق ئات.
ئالا ئات ــ ئىككى خىل رەڭلىك كۆك ئارىلاشقان ئات.
« چوڭ ئوغلى ھەرقانچە گالۋاڭ بولسىمۇ ھارۋا قېتىۋاتقاندا چابدار ئات شوتىغا كىرمىۋىدى،»
چابدار ئات ــ يايلىسى ۋە قۇيرۇقىنىڭ رەڭگى ئاقۇش ئات.
« مانا ھازىر ئاستىدىكى سار ئاتمۇ تايتاڭشىپ قالدى. ئۇ بۆرىۋاي بىلەن قوغلاپ يۈرۈپ قارا ئايغىرغا سالما سېلىۋالدى، ... »
سار ئات ــ رەڭگى سېرىق ئات.
قارا ئايغىر ــ رەڭگى قارا، بەش ياشتىن ئاشقان پىچىلمىغان ئەركەك ئات.
« ئەكبەر ئويناقلاپ تۇرىدىغان كۆك قاشقا دۆنەننى ھۆيلىغا يىتىلەپ كىردى.»
كۆك قاشقا ــ رەڭگى كۆك، ماڭلىيىدا قاشقىسى بار ئات.
« ئۇ ئويناقلاپ كېتىپ بارغان جىرەن قاشقا ئېتىنىڭ پېشانىسىنى ئېڭىشىپ سىلاپ قويدى؛»
جىرەن قاشقا ــ رەڭگى مېىغىزرەڭ، ماڭلىيىدا قاشقىسى بار ئات.
بىز يۇقىرىقى پارچىلاردىن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكىدىغان، تۇرمۇشنى كۈزىتىشكە ماھىر يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
مەن بۇ روماندا ئۇچىرىمايدىغان ئاتنىڭ رەڭگىگە قاراپ ئايرىلغان باشقا تۈرلىرىنى ئىزاھلاپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارىدىم. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
كىر ئات ــرەڭگى سارغۇچ،قوڭۇرغا مايىل، تۇمشۇق، پۇت رەڭگى ئاق ئات.
تۆبەل ئات ــ ماڭلىيىدىكى قاشقىسى كىچىك ئات.
ئالا ئاياغ ــ پۇت رەڭگى ئاق ئات.
قوڭۇر ئات ــ رەڭگى قوڭۇر،قارامتۇل ئات.
كۈرەك ئات ــ رەڭگى سۇس كۈلرەڭ ئات.
چىپار ئات ــ رەڭگى ئاق، كۆك، سېرىق بىلەن قارىنىڭ ئۇششاق ئارىلاشمىسىدىكى ئات.
ئاق بوز ئات ــ رەڭگى ئاپئاق،ئاق بىلەن كۆكنىڭ ئارىلاشمىسىدىن رەڭ ئالغان ئات.
بورۈل ئات ــ كۆكۈش،بوزنىڭ  ئارىلاشمىسدىكى ئات.
چىقىر ئات ــ كۆزى چىقىر ئات.
3) « ئانا يۇرت» رومانىدىكى ئاتنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى، خۇي-پەيلى، يۈرۈش ھالتىگە قاراپ تۈرگە ئايرىلىشى
« بىر پەرىشتىدەك قىز ئارغىماق مىنىپ ھويلاڭغا كىرىپ كەتتى.»
ئارغىماق ــ بويى ئىگىز، پۇتى ئۇزۇن، يۈگۈرۈك ئات.
«ئۇ قارىگىرنىڭ ئورۇق، دۈمبىسى يېغىر، يايلى شالاڭ، قۇيرۇقى قىڭغىر، تۇياقلىرى ئۇپرىغان مۆڭكۈگەك بىر قىرچاڭغۇغا ئايلانغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇردى.»
قىرچاڭغۇ ــ كۈچ-ماغدۇردىن قالغان،تۈكلىرى چۈشۈپ،تېرلىرى كۆرۈنۈپ قالغان، يۇۋاش ئات. ئادەتتە ئازمان ئات دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
« ــ دېسەم ـ دېمىسەم ئۇ بىر ساپساپچى! ــ، كۆرىسەن، ئاشۇ ئات ئوغلاقنى ئېلىپ قاچسا!»
ساپساپچى ئات ــ بەيگە، ئوغلاق تارتىشلاردا ھە دېگەندىلا تىزگىن سىرىپ، تىپچەكلەپ، ئېغىزدۇرۇق چايناپ، يەر چاپچىپ جىم تۇرالمايدىغان، ئەمما بەيگە، ئوغلاقتا بىردەمگىلا يۈگۈرىدىغان ئاسانلا ھېرىپ قالىدىغان ئات.
« ھەقىقىي بەيگە ئېتى بەيگە ئالدىدا خىيالچان، شۈك بولۇپ قالىدۇ.»
بەيگە ئات ــ يۈگۈرۈك، بەيگىدە ھەمىشە ئالدىدا كېلىدىغان، سەپتىن چۈشۈپ قالماي، ئاخىرقى پەللىگىچە ھارماي يۈگۈرىدىغان، ئۇزۇنغا چېپىشقا يارايدىغان ئات.
« مۇختەرباي قارىگىر يۇرغىسىنى توقۇتۇپ، ....»
يۇرغا ئات ــ يۈرۈشى ئىلدام، سىلىق ئات.
« زىياۋۇدۇن قاشاڭ ئاتنى دىۋىتتى.»
قاشاڭ ئات ــ ھورۇن، تېز ماڭمايدىغان ئات.
«مۇختەرباي ئېغىر ئوغلاقنى ھېلىقى يۈگۈرۈك ــ دەملىك ئېتىنىڭ ئالدىغا ئالدى ــ دە، مەھەللىسىدىن ئۆتۈپ، ئابدۇمەر مىڭبېگىنىڭ كۈزلىكىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى ۋە ئەكېلىپ مىڭبېگىنىڭ ھويلىسىغا تاشلىدى ...»
دەملىك ئات ــ ئۇزۇنغا چېپىشقا تېخى چۈشۈپ باقمىغان،يۈگۈرۈك ،كۈچلۈك ئات.
بىز يۇقىرىقى پارچىلاردىن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەر يازغاندا تۇرمۇش تەپسىلات ۋە دېتاللىرىنىڭ چىنلىقىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسئۇلىيەتچان يازغۇچى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.
مەن بۇ روماندا ئۇچرىمايدىغان ئاتنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى، خۇي-پەيلى، يۈرۈش ھالىتىگە قاراپ ئايرىلغان باشقا تۈرلىرىنى ئىزاھلاپ ئۆتىمەن. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
سوك-سوك ئات ــ  قاتراڭغۇ، يۈرۈشى قوپال، سوكۇلداپ ماڭىدىغان ئات.
ئارغۇن ــ شالغۇت،يەنى ياۋا ئايغىر بىلەن ئۆي بايتىلىدىن تۇغۇلغان ئات.
ئۆكۈش يىلقا ــ ئىشقا يارماس ئات.
شاش ئات ــ ئۈركىگەك ئات.
سەڭرەگۈ ئات ــ ماڭقا كېسىلى بار ئات.
سىل ئات ــ سۈلەي ئات، يەمنى ئاز يەيدىغان ئات.
ياۋىداق ئات ــ ئۈستىدە ئىگەر-توقۇم بولمىغان ئات.
يازىغلىغ ئات ــ چۈشەكسىز، باغلاپ قويۇلمىغان ئات.
بۇلاق ئات ــ بويىنى قىسقا، ئۇچىسى كەڭ ئات.
بۈكتەل ئات ــ ساغرىسى كەڭ، ئولتۇرۇشقا ئەپلىك ئات.
ئەرىك ئات ــ يۇرغا ئات، ئۇزاق ۋە تېز يۇرىدىغان ئات.
ئىقىلاچ ئات ــ چىرايلىق، شۇخ، يۈگۈرۈك ئات.
ئىگىش ئات ــ شاش ئات.
قوش ئات ــ خاننىڭ يېنىدا ماڭىدىغان يېتەك ئات.
مۇندۇز يۇرغا ئات ــ يۇرغىلاشتىن باشقا يۇرۇشى بولمىغان ئات.
ئولدۇق ئات ــ تاقىسىز ئات.
ئۇزۇق ئات ــ ئۇزار ئات، بەيگىدە باشقا ئاتلاردىن ئۆتۈپ كېتىدىغان يۈگرۈك ئات.
قىل يۇرغا ــ يۇرغىسى ئىنتايىن سىلىق ئات.

2.«ئانا يۇرت» رومانىدا تىلغا ئېلىنغان ئات جابدۇقلىرىغا ئائىت سۆز-ئاتالغۇلار

« ... ئوغرىلارنىڭ قامچىسى قىلىپ قالغانلىقى ، ... »
قامچا ــ ئىنچىكە تاسمىلارنى ئۆرۈش ئارقىلىق ياسالغان، چىمەلتەك تۇملۇقتىكى، 40 سانتېمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، سېپى تېۋىلغا ياغىچىدىن ياسالغان، ئاتنى ئۇرىدىغان ئەسۋاب.
« ئۇ ئۈزۈڭگىنى دەسسەپ ئېتىغا سەكرەپ مېىندى.»
ئۈزەڭگە ــ ئاتنى مېنىدىغان چاغدا سول پۇت بىلەن دەسسەپ، ئوڭ پۇتنى ئارتىلدۇرۇپ ئېگەرگە ئولتۇرىدىغان ۋاقىتتا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىدىغان دەسسەش ئەسۋابى.
« ئاتنىڭ ئېگەر-جابدۇق، كۈمۈش شالدىرمىلىرى، قۇشقۇن، ئۈزەڭگە باغ، يۈگەنلىرىدىكى قىممەتلىك تاشلارمۇ ھازىر تۇڭگان باشلىقىنىڭ.»
ئېگەر ــ ئات مېنگەندە ئاتنىڭ دۈمبىسىگە قويۇپ ئولتۇرىدىغان قىيىن،ئالما ياغىچىدىن ياسالغان، مېنىپ ئولتۇرىدىغان ئەسۋاب. ئادەتتە ئېگەرگە خۇرۇم قاپلاپ، نەقىشلىك مىخ قېقىپ زىننەتلىنىدۇ.
شالدىرما ــ توغرىسى كەمەلدۈرۈك، ئېگەرنىڭ كەينىگە كەتمەسلىكى ئۈچۈن تارتىپ تۇرىدىغان ،ئالدى غانجۇغىغا باغلاپ ئاتنىڭ تۆش تاتقىغا چىتىلىدىغان تاسما.
قۇشقۇن ــ ئېگەرنىڭ ئالدىغا كەتمەسلىكى ئۈچۈن تارتىپ تۇرىدىغان ۋە ئاتنىڭ قۇيرۇق ئاستىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان قىيىش تاسمىدىن توقۇلغان ئەسۋاب.
ئۈزەڭگە باغ ــ ئېگەر بىلەن ئۈزەڭگىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تاسما باغ.
يۈگەن ــ ئات مېنىپ ماڭغان چاغدا ئاتنى باشقۇرۇشقا ئاسان بولىشى ئۈچۈن ئاتنىڭ بېشىغا كىيگۈزىلىدىغان ئىنچىكە تاسمىلارنى ئۆرۈپ ياسىغان ئەسۋاب.
« ئۇ ئابدۇمەر مىڭبېگىنىڭ ئېتىنىڭ ئېغىزدۇرۇقىنى چىقاردى ـ دە، ئۆز دۈشمىنىنىڭ ئېتىغا سىنچىلاپ قارىدى.»
ئېغىز دۇرۇق ــ ئات مېنىپ ماڭغان چاغدا ئاتنى باشقۇرۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئاتنىڭ ئېغىزىغا سالغان ياي شەكىلدىكى بارماق تۇملۇقتىكى تۆمۈر بولۇپ، ئىككى ئۈچى ئاتنىڭ جاۋغىيىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دۆگلەك ھالقا تۆمۈرگە باغلىنىدۇ. ئادەتتە ئېغىز دۇرۇق يۈگەنگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
« ئاتقا تاغاردىن قىلىنغان پالاس يوپۇق يېپىلدى.»
يوپۇق ــ قار-يامغۇردا ئاتنىڭ دۈمبىسىنىڭ ھۆل بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېگەر-توقۇم ئاستىغا يەنى ئاتنىڭ دۈمبىسىگە يېپىلىدىغان قېلىنراق رەخت ، پالاس،گىلەم.
« ئۇ ئاتنىڭ تۆشۋاغلىرىنى چىڭىتىپ، ...»
تۆشۋاغ ــ  ئۇلاڭ ،ئېگەرنىڭ ئالدى سول تەرىپىدە ئەنلىك بىر تاسما بولۇپ، ئېگەرنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئېلىنىپ ئاتنىڭ تۆشى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەنلىك تاسمىغا باغلىنىدىغان تاسما.
« ئاشخانا ئالدىدىكى موما ياغاچقا ياخشى ئېگەر-توقۇملۇق تۆت ئات باغلاقلىق تۇراتتى.»
توقۇم ــ ئېگەرنىڭ ئات دۈمبىسىنى غاجاپ، يارا قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن قېلىن كېگىز ياكى پاختا رەختىن توقۇلغان، شىرىپ تىكىلگەن كۆرپە.
« مانا ھازىر ئاستىدىكى سار ئاتمۇ تايتاڭشىپ قالدى. ئۇ بۆرىۋاي بىلەن قوغلاپ يۈرۈپ قارا ئايغىرغا سالما سېلىۋالدى.»
سالما ــ ئاتلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئارقان ، يەتتە-سەككىز عۇلاچ ئارقاننى سىرتماق قىلىپ ئاتنىڭ بىشىعا تاشلايدۇ. ئارغامچا،
« باشقا ئاتچىلار ئىگەرلەپ ئۇلاڭلىرىنىمۇ بېكىتى.»
ئۇلاڭ ــ تۆشۋاغ، ئۇلاڭ ئادەتتە تۆش ئۇلاڭ ۋە چىۋ ئۇلاڭ دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئېگەرنىڭ ئارقا سول تەرىپىدە ئەنلىك بىر تاسما بولۇپ، ئېگەرنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئېلىنىپ ئاتنىڭ قۇرسىقى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەنلىك تاسمىغا باغلىنىدىغان تاسما.
« نۇرى ئېغىز دۇرۇق سېلىنغان يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى چىڭ تارتىپ ، ...»
چۇلۋۇر ــ ئىككى ئۈچى ئېغىزدۇرۇق سېلىنغان يۈگەننىڭ ئىككى يېنىدىكى تۆمۈر ھالقىغا باغلىنىپ ئېگەرنىڭ قۇش بېشىغا ئېلىپ قويىدىغان،ئاتنى يېتىلەپ ماڭىدىغان ياكى قولىدا تۇتۇپ ئولتۇرىدىغان تاسما،قىل ئارقان.
« غېنى ئاكىسى ئوزۇق-تۈلۈك ئارتىلغان ئاتنىڭ چۇلۋۇرنى غانجۇغىسىغا باغلىۋالغان جۇنۇس چال بىلەن ئالدىرىماي ماڭاتتى.»
غانجۇغا ــ نەرسە-كېرەك باغلاش ئۈچۈن ئېگەر ئالدى-ئارقىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ساڭگىلىتىپ قويىدىغان ئۇزۇن تاسما.

3.« ئانا يۇرت» رومانىدىكى ئات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرى

تۈركىي خەلقلەرنىڭ، بولۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ياشاش شارائىتىگە زىچ ماسلاشقان، ئۆزىگە خاس مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرى ئىچىدە ئوۋ ئوۋلاش، ئاتلاندۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى، ئات توپى (چەۋگەن)، ... قاتارلىقلار ئات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، « ئانا يۇرت» رومانىدا بۇنداق ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرىدىن ئوغلاق تارتىشىش بىلەن ئات بەيگىسى نۇقتىلىق تەسىۋىرلەنگەن.
1) ئوغلاق تارتىشىش
ئوغلاق تارتىشىش ــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، توي-تۆكۈن، ھېيت-بايرام، مۇراسىم پائالىيەتلىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت» رومانىدا ئوغلاق تارتىشىش ئىبارەت ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئادىتى تەپسىلىي تەسۋىرلىنىپ، ئەسەرنىڭ فولكلۇرلۇق قىممىتى ئاشۇرۇلغان. « ئانا يۇرت » رومانىدا ئوغلاق تارتىشىشقا ئائىت مۇنداق بىر تەپسىلات بار:
« تەرەپ-تەرەپتىن ‹ئوغلاق ، ئوغلاق! › دېگەن قىقاس كۆتۈرۈلدى. شۇ زامان مەيدانغا يوغان ئالا تېكە كەلتۇرۇلدى ... كاللىسى، ئىچ-قارنى ئېلىنغان تېكە چىمەنلىككە قويۇلدى، بىلەكلىرى تۈرۈلگەن، چاققان كىيىنگەن ئوغلاقچىلار تەرەپ-تەرەپتىن ئات دېۋىتىپ كېلىپ يەرگە ئېڭىشىپ بىر قولى بىلەن تېكىنى ئېلىپ باقتى. ھېچكىم ئۇنى يۇلۇپ ئېقىمىغا باسالمىدى. ئالدىغا ئالالمىدى، بوز ئات مىنگەن زىياۋۇدۇن پىششىق ئۇلاڭ ۋە قوشلاپ چىۋ ئۇلاڭ تارتىلغان قاۋۇل ھارۋا ئېتىدىغا ئىككى قولى بىلەن ئوغلاققا ئېڭىشتى ... مۇختەرباي: ‹ھا ـ ھا ـ ھاي ...! › دەپ ۋارقىراپ ئوغلاققا يېقىنلاشقانلارنى ئېتىنىڭ كۆكسى بىلەن ئۇرۇپ، ئوغلاقنى توپتىن يۇلۇپ ئاچىقتى، ئۈچ ئاتلىق ئوغلاقنى ئارىغا ئالدى ... ئاخىر كەچ كىرگەندە، مۇختەرباي ئېغىر ئوغلاقنى ھېلىقى يۈگۈرۈك ــ دەملىك ئېتىنىڭ ئالدىغا ئالدى ــ دە، مەھەللىسىدىن ئۆتۈپ، ئابدۇمەر مىڭبېگىنىڭ كۈزلىكىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى ۋە ئەكېلىپ مىڭبېگىنىڭ ھويلىسىغا تاشلىدى ...»
مانا بۇ ئوقۇرمەنلەرنى ھاياجانغا چۆمدۈرىدىغان تەپسىلات تەسۋىرىدە تارىخىمىزدىكى شانلىق «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» دەۋرىنىڭ يالدامىسى بولغان ئوغلاق تارتىشىشقا يۈرت-مەھەللىنىڭ شان-شەرىپى، يۈز-ئابرۇيى ئۈچۈن ئوغلاق تارتىشىشقا چۈشكەن ئوغلاقچىلارنىڭ خاراكتىرىدىكى باتۇرلۇق، جەڭگىۋارلىق خىسلىتىنى قايىل قىلارلىق ھالدا نامايەن قىلىپ بەرگەن.
2) ئات بەيگىسى
ئات بەيگىسى ــ « ئات ـ ئەر قانىتى » دەپ ياشايدىغان خەلقىمىزنىڭ قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئەۋلادتىن ـ ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چەۋەندازلىق ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت » رومانىدا ئات بەيگىسىدىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋىي كۆڭۈل ئېچىش ئادىتىمىز مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:   « ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى پەللىدە، مانا، ئاتلار قاتار تىزىلدى. مانا، پاختا بەن مىلتىق(توغرىسى پاختا بەت مىلتىق-جەز ئىچىگە ئوق سالماي، مىلتىق دورىسى قاچىلاپ،پاختا بىلەن ئاغىزى مەھكەم ئېتىلىپ،ئاندىن ئېتىلىدۇ.) ئېتىلدى. ئاتلار قويۇپ بېرىلدى. بىر-ئىككى چۆرگىلىگۈچە ئاتلار توپ-توپ بولۇپ يۈگۈرۈشتى، ... پاھ، تورۇق ئات يۈگۈرگەنسېرى قىزىپ، ئايىغى ئېچىلىپ، ئوزۇپ چىقىشقا باشلىدى، مانا، ئاخىرقى ئىككى ئايلىنىش، بالا بەيگىچىلەر ئاتلىرىنىڭ تىزگىنلىرىنى قويۇۋەتتى. ئاتلارنىڭ قەدەملىرى يۇپۇرۇلغان، ئىككى ئالدى ئايىغىنى تۇمشۇقىنىڭ بىقىنىدىن چىقىرىپ يۈگۈرۈۋاتقان ئاتلار ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ماھارىتىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. كۆك ئات، قارا قاشقا، خالتار ئات ئالدىدا تەڭ كېتىۋاتاتتى. بىردىنلا ئۇلارغا غېنى ئوغرىنىڭ ئېتى يېتىشىۋالدى. مانا، ئاخىرقى ئايلىنىش، ئاتلار ئۇچماقتا... تەرەپ-تەرەپتىن ياندىغۇچىلار چىقىپ بەيگە ئاتلارغا ياندىشىپ ئاتلارنىڭ پېشانلىرىنى سىپاپ، يېنىك قامچىلاپ قويۇپ، بەزىلىرى چۇلۋۇرنى تۇتۇپ يېتىلەپ چېپىپ ئاخىرقى پەللىنى تالاشماقتا. مانا، قارا قاشقا ئالدىغا ئۈزۈپ چىقتى. پەللىگە يۈز مېتىر قالغاندا غېنى ئوغرىنىڭ ئېتى ئۇنىڭغا يانداشتى. ئىككى ئاتنىڭ بېشىمۇ، قەدەملىرىمۇ تەڭ، ئاخىرقى يىگىرمە-ئوتتۇز مېتىر قالغاندا، غېنىنىڭ ئېتىنىڭ بېشى بىر غېرىچ ئۇزۇۋېدى، قارا قاشقىنىڭ ياندىغۇچىسى غېنىنىڭ ئېتىنىڭ تۇمشۇقىغا بىر قامچا ئۇرۇۋەتتى. ئات بىرلا سىلكىنىۋىدى، قارا قاشقا ئۇنىڭدىن بىر غىرىچ ئالدىغا ئۆتتى. پەللىگە بەش مېتىر قالغاندا ئىككى ئات يەنە تەپمۇ تەڭ بولۇپ قالدى. پەللە ئارقىنىغا غېنىنىڭ قازاق بالىسى بىرىنچى بولۇپ قامچىسىنى ئۇردى ... ».
يازغۇچى زوردۇن سابىرىڭ « ئانا يۇرت» رومانىدىكى بۇ ئات بەيگىسى تەسۋىرىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر  قاتارىدا قاتتىق ھاياجانلانغان ئەدىب ئابلەت ئابدۇللا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلغان « ئۇلۇغ قەرزدار، ئۇلۇغ يازغۇچى ــ زوردۇن سابىر» ناملىق بىيوگرافىڭ ئەدەبىي خاتىرىسىدە يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بۇ ئات بەيگىسى تەسۋىرى بىلەن دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچى ل. ن. تولستۇينىڭ « ئاننا كارىنىنا » ناملىق رومانىدىكى ئات بەيگىسىنى سېلىشتۇرۇپ، مۇنداق يەكۇن چىقارغان:
« تالانت ــ تىل سەنئىتى. ئوخشاش بىر شەيئىنى، ئوخشاش بىر ۋەقەلىكنى كىم، قانداق گۈزەل تىل بىلەن سۈرەتلەش، ئوخشاش بەيگە مەيدانىنى ئىككى يازغۇچى قانداق سۈرەتلەپتۇ! زوردۇن سابىرنىڭ تىلى جاھان تىل ئۈستىسى ئاتالغان تولستۇيدىن قاپتۇمۇ؟! قاراڭ، ئۇنىڭ تىلىدىكى گۈزەل سۈرەتنى : ‹ ئىككى ئالدى ئايىغىنى تۇمشۇقىنىڭ بىقىنىدىن چىقىرىپ يۈگۈرەۋاتقان ئاتلار ... ›، ‹ ئات بىر سىلكىنىۋېدى، قارا قاشقا ئۇنىڭدىن بىر غېرىچ ئۆتتى. ›
لىلا تۇرۇپ ئېيتالايمەنكى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئىچىدە بەيگىنى ھېچكىم زوردۇن سابىردەك يازالىغان ئەمەس. ئۇ مانا شۇڭلاشقا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۆرلەپ چىقىپ، جاھان سەنئەتكارلىرى بىلەن تەڭلەشتى، گەرچە ئۇنىڭ ياشىغان مۇھىتى، زامان، ماكانى، ئىمكانىيىتى ۋە پۇرسىتى ئۇلارغا ھەرگىز ئوخشىمىسىمۇ، ئۇ چەككەن قايغۇ ھەسرەتنى، ئۇ تارتقان روھىي ئازابلارنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ئۇ بۇ دىشۋارچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن قانچىلىك زىھىىننى، كۈچ-قۇۋۇتىنى، ئەقىل-ئىداركىنى ئىشلەتكەنلىكىنى سىز مەڭگۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز! بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئۇ بىز ئۈچۈن ئاشۇ جاھان سەنئەتكارلىرىدىنمۇ قىممەتلىكرەك ۋە ئۇلۇغراق ! ... ».

(‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›› نىڭ2014 -يىل9-ئاينىڭ5-كۈنىدىكى سانى)


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
guzal_atux + 39 بىزگە سىزدەك تەتقىقات.
پەرى + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
ئۇتغۇر + 59 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 398   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 12:20:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىۋالدىم ، رەھمەت سىزگە !

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3323
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 361 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 12:36:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزبىلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر باركەن .

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9673
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2307 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 01:29:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زوردىن سابىر ۋە ئانا يۇرۇت رومانى تەتقىقاتىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشۇپ كېلىۋاتىسز،سىزگە ئاپىرىن،
مېنىڭ ئۇزۇقتىن بىرى ‹ئات بەيگىسى›ناملىق ھىكايە يېزىش ئويوم بار ئىدى.بۇنىڭغا ياخشى ئۈگىنش ماتىريالى بولغۇدەك،،
يۇقارىقى ماقالىدا،ئات ھەققدىكى يەنە بىر تەسىۋىر تىلغا ئېلنماي قاپتۇ، ‹بۇ ئاتلار نىلقا،توققۇزتارا قاتارلىق تاغلاردىن...›دېگەن مەزمۇندىكى بىر تەسىۋىر ئىدى،ئېسمدە تازا قالماپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 03:00:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقىتلىرمدا ساۋاقداشلىرىم بىلەن  «ئانا يۇرت» رومانىنى تولىمۇ قىزغىنلىق بىلەن تالىشىپ ئوقۇغۇنىمىز ئىسىمدە ...

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2635
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 848 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 03:48:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا يۇرت ھەقىقەتەن ياخشى كىتاپ جۇمۇ.......
ئات ھەققىدە   خېلى جىق ئىزدىنىپسىز ئاپتور   ئەپەندى

تاماگەر بولۇپ تىرىك تۇرغىچە،
قانائەت قىلىپ ئاچتىن ئۆلگۈلۈك.               
تۈلكىلىك قىلىپ ھايات سۈرگىچە،          -ئەھمەد زىيائىي
شىرانە سۆۋلەت بىلەن ئۆلگۈلۈك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93099
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 03:51:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈيۈملۈك يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنى ۋە ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ،ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۋاتىسىز ، مۇشۇ يولدا يېڭى -يېڭى نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 04:26:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر بىلەن ئات ھەققىدىكى مىسرالارنى تاللاپ چىقىپسىز ..
بەك ئەھمىيەتلىك ماقالە بوپتۇ...

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ۋېلى زىرەككەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3663
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 824 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 05:29:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ-ئەلەيكوم سىياسى تارىخ بىلىدىغان ئۇستازلار ماڭا بىر ئىشتا ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن!مۇشۇ دۇنيا سىياسى تارىخدا داڭلىق خاتا سىياسەتتىن نەچچىسى بولغان ؟ئىلىمىزدىچۇ؟ئىنىق ۋەقەلىكىنى يوللاپ بەرسەڭلا ماڭا بەك لازىمتى.مەسلەن:ئىلىمىزدىن ‹‹مەدەنيەت زور ئىنقىلابى››،‹‹چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش››،‹‹ھەممە گۈللەر بەسبەستە سايراش››.دىگەندەك.تەپسىلاتىنى تولۇق يەتكۈزسەڭلار بوپتىكەن ماڭا بەك لازىمتى.
تىما ئىگىسى مىنى ئەپۇقىلىڭ!

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87314
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 344
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-11-16
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 05:51:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى بىر ئەسەردە زوردۇن سابىرنىڭ ئات ھەققىدە بىلىمىنىڭ چوڭقۇر ئېكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان .مەرھۇم ئاتنى بەك ياخشى كۆرېدىغان بولۇشى مۇمكىن.
ۋاقىتسىز كەتكەن كۆپ قىرلىق ئالىم يازغۇچىلىرىمىز ،   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش