بىر قىز يىغلايدۇ ھېكايەمدە
ئانام ماڭا داۋاملىق دەيتتى ،
بىر ۋىجدانلىق ئەركەك بولغىن دەپ .
بۇرادەرلەر داۋاملىق دەيتتى ،
قىزچاقلارنى ئالدىمىغىن دەپ .
سۆيگۈ ئالداش سۆيگۈ ئالدىنىش ،
ساپ بولمىسا ئۇنىڭدا نىيەت .
سۆيگۈ ياپار ئەقىلگە لىباس ،
ھېسسىياتقا باش ئېگىپ پەقەت .
كۆزلىرىمدىن كەتمەيدۇ مېنىڭ
ئۆتمۈشتىكى بىر قىز سىماسى ،
يالغۇزلۇقتا چاقىرسام ئۈنسىز ،
كەلمەس ئەمدى ئۇنىڭدىن سادا .
شۇ قىز بىلەن سۆيۈشكەن بىر چاغ ،
چىن دىلىمدىن ياشلىق دەۋرىمدە .
ۋاقىت ئېلىپ كەتتى لېۋەننى
داغنى سېلىپ نازۇك قەلبىگە .
ۋاقىت ئەمەس تەقدىر بۇلىدى ،
سۆيگۈمىزنى بۇلتۇرقى كۈزدە ،
ۋىسال كۆرمەي ئالدامچى كۆزلەر
گۇمان قويدى ساددا يۈرەكتە .
ھېكايىلەر پۈتىمەن شۇندىن ،
ھېكايىلىرىمدە سەۋدالىق ئوتى .
بىر قىز يىغلايدۇ ھېكايىلەردە ،
ئۈنسىز سۆيىمەن ھەر بىر قۇرىنى ...
---ئەزىزان---
2014-يىلى 8-سېنتەبېر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-11 08:25 PM