ئاتا
ئاتسىز ئۆي تۆۋرۈكسىزكەپە.
ئاتا باركى ئۆيدەتۆۋرۈك بار،
شۇڭا غەمسىز ئاتىلىق پەرزەنت.
ئۆستەڭلەردىن ئۆتەركۆۋرۈك بار.
غەمسىز ئاتا بولمايدۇبەلكىم ،
ئۆيۈم دەيدۇ پەرزەنتىم دەيدۇ.
سەكراتتىمۇ بالام دەپ شۇدەم،
پەرزەنت ئۈچۈن يەنە غەم يەيدۇ.
بىرتال ئالما ئالسابازاردىن،
قىيالمايدۇ ئۆزى يېيىشكە.
ئالماي تۇرۇپ ساڭايېڭىنى،
چىدىمايدۇ ئۆزى كىيىشكە.
ئانا ئۇلۇغ دەيدۇتالايلار،
ئاتىلارمۇ شۇنىڭدەك ئۇلۇغ.
ئاتىسىز ئۆي ،ئاتىسىزتۇرمۇش،
بىرى كەمكىن بولمايدۇتولۇق.
ئاتا بولدۇق پەرزەنتلىك بولدۇق،
تالاي ئىشلار كەلدى بېشىمغا.
شۇ چاغ بىلدىم ئاتا غېمىنى،
كۈز كەلگەندە ياشلىق بېغىمغا.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەرقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-11 05:47 PM