قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
مۇنبەر ئارلاۋېتىپ تۇيۇقسىز ئەھەد داۋۇت يازغان«يازغاننىڭ پايدىسى يوقمۇ›› دىگەن تېمىسى دىققىتىمنى تارتتى ۋە بۇ تېمىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتىم.شۇنىڭ بىلەن تەڭ يېقىندا يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ۋەقە كۆزئالدىمدا نامايەن بولدى.ئەھەد داۋۇتنىڭ يازمىسىدىكى قەلەمنى تاشلاپ ئەمەلداربولغان ئاغىنىسىنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرى ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئورتاق كۆزقارىشى.
مەن يېقىندا ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلىۋى بويىچە بالىلارغا ئاناتىلدىن ساۋات بېرىۋاتاتتىم .بىر نەچچە ئوقۇغۇچۇمغا كىتاپ لازىم بولۇپ قالغانلىقىئۈچۈن ئۇلارنى ئەگەشتۈرۈپ كىتاپخانىغا باردىم ھەمدە ئۇلارغا كىتاپ ئالغاچ بىرنەچچە سان يېڭى ژورناللارنى سېتىۋالماقچى بولدۇم. پۇل تۆلەش ئورنىغا كەلگەندە بىر تونۇشۇم ئۇچراپ قالدى.ئۇ يولدىشى بىلەن ئوغلىغا خەنزۇ تىلىدىن پايدىلىنىش ماتىريالى ئالغىلى كەلگەن ئىكەن.
-نىمە بۇ بالىلارنى ئەگەشتۈرىۋاپسەنغۇ؟-دىدى ئۇ بالىلارنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە سەپ سېلىپ قاراپ ،-بىرمۇنچە ئېلىپبە ئاپسەنغۇ؟ ھە بۇلار ھېلىقىسەن ئوقۇتىۋاتقان بالىلار ئوخشىمامدۇ؟ جاپاغا نىمانچە ئامراقسەن ،ئەمدى بۇ ئىشنى تاپقىنىڭنى قارا،-دوستۇم تامىقىنى چىكىلداتقىنىچە بىر مۇنچە سۆزلەپ كەتتى.
-نىمە،ھازىرمۇ مۇشۇ كىتاپنى ئوقۇيدىغانلار بارمىكەن؟ -دىدى ئۇنىڭ يولدىشى ئارقىدىنلا.-يائاللا قايسى ۋاقىتلاردا مۇنچە كۆپ كىتاپنى ئوقۇپ بولارسەن،كىتاپقا مەستانە بولۇپ قاتاردىنمۇ قېلىۋاتىسەن ،قاچانلا قارىسا قولۇڭداكىتاپ-ژورناللار،-ئۇ يەنە سۆزلەشكە باشلىدى.
-نەچچە يىللاردىن كېيىن بۇنى ئوقۇيدىغان ئادەم قالامدۇ؟ ئىسىت بۇنىڭغا خەجلىگەن پۇل.ئۇلار ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سوزلەپ كەتتى .مەن ئۇلار بىلەنمۇنازىرىلىشىشنى خالىماي كىتاپلارنىڭ پۇلىنى تۆلەش ئۈچۈن ماڭدىم.مەن كىتاپخانىدىن چىققاندا ئۇلار خېلىلا ئۇزاپكېتىپتۇ.مەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئېچىنىش بىلەن قارىدىم.ئا ڭغىچە ،-مۇئەللىم راستتىنلا بۇنى ئۈگەنگەننىڭ پايدىسى يوقمۇ؟-دىدى بىر ئوقۇغۇچۇم ۋىچىرلاپ سۆزلەپ،-ياق ئەلۋەتتە پايدىسى بار بۇنى چوقۇم ئۈگىنىشىڭلار كېرەك ،-دىدىم ئۇنىڭ بېشىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاپ،-ئەمىسە ئاۋۇ داداش نىمىشقا ئۇنداق دەيدۇ،-دىدى يەنە بىر ئوقۇغۇچى،-ئۇلار بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن ، ،-دىدىم ئۇلارغاچۈشەندۈرۈپ،ئەمما بىر ئاچچىق ئېقىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تاراپ كۆز جىيەكلىرىم نەملەشتى.شۇ كۈنى پەقەتلا ئۇخلىيالمىغان ئىدىم . بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىن قايتىشسەپىرىمدە ماشىنىغا جايلىشىپلا بىر دوستۇم سوۋغا قىلغان«قىزىلسۇئەدەبىياتى››ورنىلىنى قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈشكە باشلىدىم.
-سىز مۇئەللىممۇ؟-دىدى يېنىمدا ئولتۇرغان شوپۇر،-ياق،-دىدىم كەسكىنلا،-بۇياق يازغۇچى،-دىدى كەينىمدە ئولتۇرغان قوشنام ئۇلاپلا،-مېنى قانداقمۇيازغۇچى دىگىلى بولسۇن،-دىدىم قوشنامغا قاراپ خىجىل بولغان ھالدا،-شۇ ئەمەسمۇيازغۇچى بولۇپمۇ ئىشمۇ؟-دىدى شوپۇر كۆرەڭلىك بىلەن،-يازغۇچىغا نىمەبوپتۇ؟-دىدىممەن سەل ئاچچىقىم كېلىپ،-ئۇلارغا ھەيرانمەن –دىدى شوپۇر-جېنىنى قىيناپ نىمە قىلىدۇ دەيمەن ئەمدى ئۇلارنىڭ كىتاۋىنى كىم ئوقۇيدۇ؟-نىمىشقائوقۇمايدىكەن،-دىدىم ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ،-سىزنىڭچە يەنە 10 يىلدا بۇنى ئوقۇيدىغانلار چىقامۇ؟
-نىمە سىز بىر يەردىن 10 يىلدىن كېيىن بۇنى ئوقۇمايدۇ دىگەن خەۋەرنى تاپشۇرىۋالغان ئوخشىمامسىز؟-دىدىم مەن چېچىلىپ،-خەۋەر تاپشۇرىۋېلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟بۇ ئەمىلىيەت تۇرسا،كېيىن باللىرىمىز بۇنداق خەتنىڭ بارلىقىنىمۇئۇنتۇپ كېتىشى مۈمكىن،-توغرا سىزدەك ئاتىلار كۆپەيسە ئۇلار چوقۇم ئۇنتۇپ كېتىدۇ،بۇمىللىتىمىزنىڭ جەۋھىرى تىلىمىزغا ۋە يازغۇچىلىرىمىزغا ھاقارەت قىلماڭ،ئۇلار بۇنىكىم ئۈچۈن يېزىۋاتىدۇ؟ئەجىبا ئۇلار ساراڭمىدۇ ياكى ئۇلارغا قىلىدىغان ئىش تېپىلمىغانمىدۇ؟نىمىشقا بەزى كىشىلىرىمىزگەئازراقمۇ يۇقمايدىغاندۇ؟-قوشنامنىڭ بوش پەپىلىشى بىلەن ئۆزۈمگە كەلدىم،كىتاپ تۇتقان قوللىرىم تىترەپ كېتىپتۇ بۇنىڭدىن قانچىلىك يۇقۇرى ئاۋازدا گەپ قىلغىنىمنى بىلدىم،نىمە ئۈچۈندۇر كۆزۈمدىن ياشلار فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى،مەندەرىزە تەرەپكە قارىۋالدىم.توختىماي تىترەۋاتقان جىسمىمدىن ئۇلار يىغلىغىنىمنى بىلدى بولغاي ماشىنا ئىچى تىمتاس بولۇپ قالدى.شۇ سۈرئەتتە ھەممىمىز جىم-جىملاماڭدۇق.گاز قاچىلاش پونكىتىغا كەلگەندە كەينىمدە ئولتۇرغان يىگىت بىلەن ئورنۇمنى ئالماشتۇردۇم.يول بويى ئالدىمدا ئولتۇرغان قامەتلىك گەۋدىگە ئېغىر ئۇھسىنىش نەزىرىدە قاراپ كەلدىم.
مانا بۇلار ئەھەد داۋۇتنىڭ يازمىسىدىكى دىئالوگلار بىلەن ئانچەپەرقلىنىپ كەتمەيتتى.مەن شۇ كۈنى ئۆيگە كېلىپمۇ پەقەتلا ئۇخلىيالمىغان ئىدىم.بىزدىكى مىللەت قارىشى نىمانچە سۇس؟ئەجىبا يازغانلىرىمىزنىڭ قىممىتى يوقمۇ؟دىگەنلەرنى ئويلىغان ئىدىم.
ئەمما بۇ تور دۇنياسىغاكىرگەندىن بۇيان شۇنچە كۆپ مۇنبەرلەرنى قاپلاپ كەتكەن ئەسەرلەرنى،ئۇلارغا بېرىلگەنشۇنچە كۆپ باھالارنى،مۇنبەرلەردىكى ئەزالار سانىنىڭ كۆپلىگىنى،يەنە كۈندىن كۈنگەكۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بۇ پەرەزلىرىمنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى يازغانلىرىمىزنىڭ يەنىلاقەدىرلىنىدىغانلىقىنى،ئانا تىلىمىزنىڭ ئۆز قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.دىمەك بۇلار جەمىيەتنىڭ ئاز بىر قىسىم ھۈجەيرىسىنى تەشكىل قىلغان پارازىت قۇرۇتلاركەن خالاس.
2014. 8 قاراماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-11 08:35 PM