مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1995|ئىنكاس: 7

تازىلاش دىتاللىرى(2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99262
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-11-5
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 12:28:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، سىلەرگە سالامەتلىك ھەم ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە بۇگۈنكى دىتال تونۇشتۇرۇشنى باشلاپ كىتەي.
  بۇگۈن تازىلاش دىتالى PrivacyEraser (شەخسى ئۇچۇر ئۆچۇرگۈچى) بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
Privacy Eraser بۇلسا ئىنتىرنىت تارىخى خاتىرسى ھەم كومپيوتىر پائالىيەت خاتىرسىنى ئۆچۇردىغان يۇمتال بولۇپ، شۇ ئارقىلىق سىزنىڭ ئىنتىرنىت مەخپىيتىڭىزنى ساقلايدۇ. بۇ دىتالنىڭ مەشقۇلاتى بەك ئاددى بولۇپ، مائوسنى بىر -ئىككى چىكىش ئارقىلىقلا تور كەزگۈچ بوففېرى، تارىخى خاتىرسى، پىرەنىكى، زىيارەت قىلغان ياكى چەككەن ئۇلىنىش، ئاپتۇماتىك جەدۋەل تولدۇرۇش سانلىق مەلۇماتى، ساقلانغان شىفىرلار، index ھۆججىتى، شۇنداقلا windows نىڭ ئالماشتۇرش ھۆججختى، ۋاقىتلىق ھۆججتى، ئىجرا خاتىرسى، ئىزدەش خاتىرسى، ئېچىش-ساقلاش خاتىرسى قاتارلىقلارنى ئۆچۇرۇپ تاشلىيالايدۇ. ئۇندىن باشقا 160 تىن ئارتۇق قىستۇرمىسى بولۇپ، بۇ زور كۆپ قىسىم ئاساسلىق پىروگرامما، مەسىلەن، ACDSee,Acrobat, Office لارنى قوللايدۇ. بۇ دىتال ئامرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنستىرلىكىنىڭ DOD 5220.22-M ۋە NSA ئۆچۇرۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ،  PrivacyEraser ئارقىلىق ئۆچۇرۇلگەن ھۆججەت مەڭگۈ يوقىلىدۇ، ھەرگىز ئەسلىگە كەلمەيدۇ.
دىتالنىڭ چۇشۇرۇش ئادرسى: Privacy Eraser Pro.rar
ئىشلىتىلىشى:
بۇ دىتال يىشىللاشتۇرۇلغان دىتال بولۇپ، پىرىستىن يشىپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئورۇنلاشتۇرش بىھاجەت، پەقەت بىرىنچى قېتىم قوزغاتقاندا، تىزىملاش نومۇرىنى كىرگۈزىۋەتسەكلە بولدۇ. يەنى، پىرىستىن يەشكەندىن كىيىن، ھۆججەت قىسقۇچىدىكى PrivacyEraser.exe ئىجرا ھۆججىتىنى قوش چەكسەك، دىتال قوزغىلىپ، تىزىملىتىش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭدا "سېتىۋالىمەن، تىزىملاش نومۇرى كىرگۈزۇش، سىناق ئىشلىتىش" قاتارلىق تاللاشلار بولۇپ. بىز Registration دىگەن كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق تىزىملاشنى تاماملايمىز، لازىم بولدىغان "ئابونت نامى، رەت نومۇرى، تىزىملاش نومۇرى" (Name,serial,Registration) قاتارلىقلار پىرىستىن يەشكەندىكى ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى sn.txt ھۆججىتىنىڭ ئىچىدە بار.
دىتالنىڭ قوزغالغندىكى ھالىتى:
11.gif

تىز تازلاشتىن ئاۋۋال، ئالدىنقى ئۇچ تىزىملىك ( يەنى يۇقارقى رەسىمدىكى 2.3.4) تىكى بارلىق تاللاش تۇرلىرىنى تاللاپ قويىمىز. تۆۋەندىكىدەك:
يۇقارقى تاللاشلارنى تاللاپ قويغاندىن كيىن ئاساسى كۆزنەككە قايتىپ "تىز تازلاش" بۇيرۇقى ئارقىلق ئۇچۇرلارغا تازىلاش ئىلىپ بارساق بولىدۇ.
يۇقارقىسى بىز ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان بىر ئۇسسۇل. تۆۋەندىكىسى يەنە بىر كۆپ ئىشلىتىدىغىنىمىز دىسكا تازىلاش بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى دىسكىمىزنىڭ بىكار بوشلۇقىنى تازىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ، بىز بىر ھۆججەتنى دىسكىمىزدا ساقلاپ، كىيىن ۋىندوۋس ئارقىلىق ئۆچۇرىۋەتسەك، ئادەتتە ئەسلىگە كەلتۇرۇش دىتال-ئۇسكىنىلەردىن پايدىلنىپ تۇلۇق ياكى قىسمەن ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولىدۇ، بۇ دىتالنىڭ دىسكا تازىلاش ئىقتىدارى دەل شۇ ئەسلىگە كەلتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دىتالنىڭ چۇشەندۇرىشىدە، "دىسكا تازلاش بۇيرۇقى بىلەن دىسكىڭىزنىڭ بىكار بوشلۇقىنى تازلىسىڭىز، سىزنىڭ دىسكىڭىزنىڭ بىكار بوشلۇقى خۇددى يېڭى دىسكا بوشلۇقىغا ئوخشاش ھالەتتە تازلىنىدۇ" دەپ ماختاپتۇ. مەشقۇلاتى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيمىز، دوسلار خالىسا سىناپ باقسا بولىدۇ.
دىققەت: بۇ دىتالنى ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال، ئۆزلىگىدىن تولدۇرلىدىغان شىفىر، جەدۋەل ئۇچۇرلىرىنى بىر قۇر ئىسڭىزگە ئىلىۋېلىڭ، بولمىسا ئۆچۇرۇلگەندىن كىيىن تاپالماي، مىنى تىللاپ يۇرسىڭىز ، ماڭا ئۇۋال بولىدۇ.
خوش ئامان بولۇڭلاش، كىيىن كۆرىشەيلى.

رىسىمنىڭ چۆڭلىكى 1mb دىن چۆڭراق تەڭشەپ قۇيساڭلا بولغۈدەك..

رەسىملەرنى ئەسلى مەنبەسەدىن كۈرۈڭ :مەرھەمەت

ئۇيغۇرۇم سېنى سۆ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9555
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10221
تۆھپە نۇمۇرى: 608
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 01:13:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆچۈرگەن ھۈججەتنى ئەسلىگە كەلتۈررگىلى بولمامدىكەن زادى

ئەي ئۇيغۇرۇم، ئەرك ئۈچۈن دۇلدۇلدەك چاپالمىساڭمۇ ،قۇلۇلىدەك بولسىمۇ ئۆمىلەپ قوي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5059
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 02:40:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەتلاچۈشۈرەلمىدىم،مۇمكىن بولساچۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى بىرتونۇشتۇرىۋەتسىڭىزچۇقېرىندىشىم.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5040
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1852 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 02:56:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز چوقۇم تونۇشتۇرۇلغان دىتاللارنى بىلەن تازلاش ئىلىپ بىرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق .ئىلىمىزنىڭ 360.جىنشەن قاتارلىقلار تەمىنلىگەن تازىلاش ئىقتىدارى ئادەتتىكى تور،ئىشخانا ،ئۆي كومپىيۇتىرىلىرىدىكى تازلانمىلارغا ياخشى رەقىپ بولىدۇ .بۇنداق چەتنىڭ نەرسىلىرىنى ئىشلەتسىز كۆپىنچە ئەھۋالاردا چەتنەتنىڭ يۇمتاللىرى ئورگان مۇلازىمىتىرىغا ئۇلاش ئۈچۈن سىزنىڭ hostsھوججىتىڭىزنى ئۆزگەرتىنى بەزىللىرى قانۇنسىز ئۆزگەرتىلسە سىزنىڭ تورغا چىقىش مەشغۇلاتىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .يەنە چەتنىڭ قۇراللىرى ئىشلەتكەندە ئامال داڭلىق چوڭ يۇمتالنى ئىشلىتىڭ .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13689
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8872
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 05:30:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بىلىملەركەن .

ئاتا - ئانامنى بىر ئۆمۈر خوشال قىلىشقا تىرىشىمەن ،،،

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18468
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10680 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 06:01:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۇرۇڭلار  ..  

ماڭا ئېلان تۇسۇش دىتالى بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار ..   

خاتىرجەم كىنو كورگىلىمۇ بولمايۋاتىدۇ  .

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92852
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 650
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 02:20:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  بىلىملەر  بولدى  

مۇھاببەت  دوسىتلۇقتىن  باشلىنىپ  ، سۆيۈشتىن  تەرەققى  قىلىپ  كۆز  يىشى  بىلەن  ئاخىرلىشىدۇ !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106003
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 235
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-14 11:39:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئالما يانفۇننىڭ مۇسۇنداق تازىلاش دىتاللىرى بارمىدۇ.بولسا يوللاپ قويسىڭىز ئۆز ئارا تەشۋىق قىپ قويساق بىزنىڭ خوتەن تەرەپلەردە مۇشۇنداق تېلى-فونلاردىن چاتاق چىقىپ نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئاددىي بىرە پارچە رەسىملەرنىڭ كاساپىتىدىن نەچچە يىل تۈرمىگە كىرىپ كەتكەنلەر بولدى ........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش