شەھەرلىك دوستۇم
مۇھەممەتئەلى قۇربان
مۇخەممەس
‹‹مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە››
‹‹ساتىرا ››
كەپتۇ بىر كونۋىرىت، سىرتى ئاجايىپ ھەيۋەت .
خەتلىرى دانە -دانە ،مارجاندەك تىزىلغان قەۋەت ،
ئۈستىدىكى كادىر دىگەن ،ئاشۇ سۆز لەۋھەت.
بىلىنەر دوستۇمنىڭ، ئىسمى بولغاچمۇ شۆھرەت ،
سىغىنىپ يازغانىكەن ،قىلىپ ماڭا شۇنچە ئىززەت.
ئەيىپلىسەم شۇنداقلا ،ساراڭ دەيدۇ خەلىق مىنى .
كاللىسىدىن كىتىپتۇ ئالجىپ ،گاراڭكەن دەيدۇ مىنى،
ئاڭلىسۇن خەلقىم دىھقان ،‹‹شەھەرلىك دوستۇم››تىمىسى.
پەستۇر ئالدىمدا مىنىڭ ،‹‹ئەسلى ››شۇنداق ئادەم قىممىتى،
ئاڭلىغىن خەلىقىم مەن دەي ،قۇلاق سالغىن بۇڭا بىر رەت.
.
شەھەرلىك دوستىنىڭ خىتى
‹‹ ››
‹‹جانجىگەر ساۋاقداشتۇق ، قەشقەردە بىرگە ئوقۇغاندا .
كەتتۇق ئايرىلىپ ئايرىم ، جەمىيەتتە داۋالغۇش بولغاندا،
خەت يىزىشىپ تۇردۇق ،كۆرشەلمىدۇق سىغىنغان چاغدا.
قاچان كىلەركىن دەپ يىزىدىن، كۆزلەر سىنىڭ يولۇڭدا ،
شەھەرلىك دوستۇڭمەن ،كەلگىن بىرگە تۇرايلى دەپ.
نەچچە نامە يازدىم كەلمىدىڭ، تۇرۇپ قالدىڭ يىزاڭدا.
تۇرۇپ كەت كۆڭلۈڭنى شاد ئەيلەپ، گۈزەل بازارلىرىمىزدا،
بارمىسام كۆڭلۈڭگە كەلگەندۇ ،تاپالمىدىم ئۆزىرە داۋا .
بولمىسۇن كايىپ سىنى، دىھقانچىلىق كۈنلىرىدە ھالا ،
شەھەرگە كىرىپ كەتكىن ،كۆڭلۈمنى رەت قىلمىغىن دەپ .
سەھراغۇ گۈزەل لىكىن، كشلىرى بەك مەدەنيەتسىز .
لىكىن سەن ئۇلاردەك قەتئى ،ئەمەس كالۋا ئەخلاقسىز،
شۇڭا سىنى كۆڭلۈم تارتار،كەلگىن ھىچبىر ھۆزۈرسىز.
قىلما كۆڭلۈمنى يىرىم، ھەم خەتنىمۇ يەنە جاۋاپسىز ،
سىنى شۇندا نەچچە ساقلاپ ،يوللۇرۇڭدا تۇرارىمەن دەپ .
كەچۈر دوستۇم بارالمىدىم ،ئىشىم تولا، چىچىمدىن جىق .
بىر قولنى قىلالماي ئىككى ،ئالدىڭدا بەك ئۇيلىمەن جىق ،
بالىلىرىم ئۇششاق گويا، ئەمدى ئۆسكەن تال چىۋىق .
بىلىسەن دەيدۇ كۆنەلمىدىم ، يىزا بەكلىمۇ دىمىق ،
سەن كەلگىنە يىنىمغا ، بىللە قوشنا بولايلى دەپ.
يىزاڭنىڭ يوللىرى توپىلىق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە لايلىق .
ماشىنا ماڭسا يوللىرىدا، ماڭالماسمەن پىتىقچىلىق ،
تارتالماس ئۇي كاللىرىڭ ،گەر قىلساڭمۇ قىتىقچىلىق.
ئالدىمدا بولمىغىن خىجىل ،ماڭا قىلالماي ھىچبىر قىلىق،
شەھەرنىڭ يوللىرى راۋان شۇندا ،سەن كەلگىنە ينىمغا دەپ.
يوللۇرۇڭدا ئۇي كاللىرىڭ ،چىپىشامدۇ ھازىر .
يەنە پادىچى بالا ھەتتا، مەۋجۇتمۇ يەنە نازىر ،
يوللۇرۇڭدا بىكەت يوق ،توختىماي ماڭدىمۇ ھاپىز.
قەرىزگە بوغۇلۇپ قالىسەن ،شەھەرگە كىرىۋەرمە پۇلسىز ،
پۇل دىگەن مەندە بار دوستۇم ،خىجىل بولماي سوراۋەر دەپ.
ئىشەك بىلەن بازار ئارىلاپ ،ھارمىدىڭمۇ لەڭپۇڭ يەپ .
توختىۋالسا ئىشەك يولدا، ماڭدامدا توختىماي بىر تەپ ،
قويۇلساڭ قويمىچىغا ،ئىڭەكنى سىلاپ تۇرۇپ خەپ .
بازارلىق ساقچىغا كۈندە ،پۇلۇمنى تىپىپ بەرگىن دەپ،
يۈرمىگىن ئورۇنسىز ئۇندا، مەن ھەل قىلىپ بىرەي ساڭا دەپ .
قويلىرىڭ ئاجايىپ بورداق ،پىچاققا تىرەن يارايدۇ .
قوزچىقىڭدىن ئالغاچ كەلگىن ،بالكوندا بالام قارايدۇ،
گۆش بىلەنغۇ خوشى يوق ،پەقەت قاراپ قويمايدۇ.
بالاڭنى مۇش -گۈپ بىلەن ،چاتاق يوقلا ساۋايدۇ ،
ئالغاچ كەلگىن بالاڭنى ،بىقىپ ‹‹ ئادەم›› قىلايلى دەپ .
كەپتۇ مىھمان ئۆيۈمگە ،بىراق مەن يوق كىتىپ قاپتۇ .
بىلسىمۇ قوشنا قولۇم ،ئالدىراشتا يا دىمەي ساپتۇ،
ۋە ياكى كەلگەن دوستۇم ،چۈشلۈرۈمدە ئايان بولماپتۇ.
بىلمەي يۈرۈپتۇق ھەتتا، ئايالىممۇ بىلمەي قاپتۇ ،
مانا شۇنداق ئالدىراشمەن، كەلسەڭ سەيلە قىلايلى دەپ .
ئۆزۈڭ مىھمان بولساڭ ،يىنىڭدا ساھىپخانىڭمەن .
ئەتىر چاچقىن ئۆزۈڭگە ،تەر پۇرىساڭ تۇرالماسمەن،
گەر سايرىسا تىلىفونۇم ، يىنىڭدا بىللە تۇرالماسمەن .
بالا چاقام يىنىڭدا قالسا ،خاتىرجەم بوپ تۇرالماسمەن ،
شۇڭا دوستۇم كىلىپ تۇرغىن ،مىھمان بولۇپ ئۆيۈمگە دەپ .
خەت يىزىپسەن دوستۇم ،ئىززىتىمنى سەھراچە قىلىپ .
ھازىر بولدۇم شاڭجاڭ ،بوپتۇ سەنمۇ ئۇقماي قىلىپ ،
ئايالىڭ كەلگەن چاغدا، بىلگەنتىغۇ كوچىلاپ قىلىپ .
سەندىن ئۆتتى خاتالىق، ئۈنۋانىمنى بىلمەي قىلىپ ،
كەلسەڭ سىنى فۇجاڭ قىلىمەن ،كەلگىنە يىنىمغا بىر دەپ .››
خىتىڭنى كۆردى خەلىقىم ،بەلكىم چۈشەندى بولغاي.
ساڭا ھەم ماڭا بەزى ،باھالارنى بەردى بولغاي،
بوپتۇلا كادىر سەنغۇ ،سىنىڭ دىگىنىڭ توغرا بولغاي .
ئەمدى خەتكە جاۋاپنى، خەلقىم لىلا بىرەر بولغاي،
خەيىر ئەلۋىدا دوستۇم ،شەھرىڭ سىنىڭ ئامان بولغاي .
بۇ ئەسەر ،شەھەرلىك بىر كادىرنىڭ ، يىزىدىكى بىر دوستىغا يازغان ،‹‹ئوتلۇق سىغىنىش››سالام خىتى بولۇپ ، ئەسەرنىڭ ئىھتىياجى ،شۇنداقلا ئەسەر مەزمۇنىغا قارىتا ، چۈشۈنۈشلىك بولۇشى ئۈچۈن ،ئۈچ خىل قاپىيە شەكلى قوللىنىلدى . ھازىرىقى ئەدىبىيات ساھەسىدە ، ھەر قانداق ئەسەرگە نىسبەتەن ،قاپىيە ۋە تۇراق شەكلى ئانچە ئىتىبارغا ئىلىنمايدىغان بوپ كەتتى. شۇڭا ئەسەر باشتىن ئاخىرى قاتتىق ئەركىن ئىپادىلەش نۇقتىسدا تۇرۇپ يىزىلدى ،شۇڭا چۈشنىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.
2011-يىل 11-ئاي يىزىلغان.
تۇنجى قىتىم مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللاندى
تەھرىرلىگۈچىلەرنڭ بەش مىسرادىن بولماي قالغان يەرلىرنى تۈزۈتۈپ قويشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ankux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-10 04:45 PM