گۈل تۇتتى ماڭا گۈلدەك قەلىبلەر
ھەسەنجان ئۆمەر
گۈل تۇتتى ماڭا گۈلدەك قەلىبلەر،
تەبرىكلەپ،قۇتلۇق بايرام كۈنۈمدە.
بەخىتنىڭ قۇشى قوندى بېشىمغا،
بىر ئىسسىق سىزىم يامراپ ئىچىمگە.
گۈل تۇتتى ماڭا گۈلدەك قەلىبلەر،
چېھرىمۇ ھەم گۈل خۇشبۇي تىنىقلار.
تىللىرى چۈچۈك،قىلىقلىرى ئۇز،
پەن دەرياسىدا ئۈزگەن بېلىقلار.
گۈل تۇتتى ماڭا گۈلدەك قەلىبلەر،
گۈلدە مۇجەسسەم ئۇستازغا ھۆرمەت.
سەزدىم ئۆزۈمنى يەردىمەس كۆكتە،
بولمىغاي بۇندىن زىيادە شۆھرەت.
گۈل تۇتتى ماڭا گۈلدەك قەلىبلەر،
شۇ گۈلدە ئايان ئوتلۇق تېلەكلەر.
نۇربوپ چاقناتسام،ئوتلۇق تېلەكنى،
ئەجرىم كۆچىتى ئاينىپ چېچەكلەر.
گۈل تۇتتى ماڭا گۈلدەك قەلىبلەر،
ئۇستازلىقىمدىن سۆيۈندىم قەۋەت.
تارتقان جاپايىم بىلىندى راھەت،
تارتىمەن يەنە ،رازىمەن ئەبەت.
گۈل ئۇزاتقاندا گۈلدەك قەلىبلەر،
دېيەلىدىم شۇ؛سېلەرگە رەھمەت-
رەھمەت سېلەرگە ئىزچى ئوماقلار،
بەرگەن گۈلۈڭلار مەن ئۈچۈن رىغبەت.
مەنبە؛ئىجادىيىتىم