مۇئەللىممەن
ئابلىكىم ئابلەت مىرزابەگ
(ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا بىغىشلايمەن)
مۇئەللىممەن سەھرادا،سۆيىمەن ئۆز كەسپىمنى ،
ئۆزكەسپىمدىن ئىزدەيمەن،بىر ئۆمۈرلۈك بەختىمنى،
دەرىسخانا ئىچىدە ،قەدىرلەيمەن مۇنبەرنى ،
ھالاۋەتتىن يىراقتا ،كۆزلىمەيمەن تەختىمنى ،
ئاۋارە بوپ يۇرمەيمەن،قوغلاپ ساختا شۆھرەتنى .
كۆچەتلەرگە سۇ قۇيۇش،مىنىڭ ئۇلۇغ بۇرچىمدۇر،
سەبىيلەرگە كۆيۇنۇش،ھەركۈن قىلار ئىشىمدۇر ،
نادانلىقنى تۇگىتىش ،دىلغا پۇككەن ئەھدىمدۇر،
ئۇگىنىش ھەم ئىزدىنىش،خىزمەتتىكى شەرتىمدۇر،
بىلىملىكنى ئاۋۇتۇپ،گۇللەندۇرەي مىللەتنى .
خىزمىتىمدە ئۆلگە قىپ ،ئىتېزدىكى دىھقاننى ،
پەرۋىشىمدە ھەرقاچان ،دوراپ ئىشچان باغۋەننى،
يىڭىپ جەبىر-جاپانى،كەزسەم مەيلى تاغلارنى،
شەرەپ قۇچۇپ ،سۆيۇنۇپ،باسسام داغدام يوللارنى،
خۇشاللىقتىن يايرايمەن ،يەڭسەم ئىغىر كۈلپەتنى .
راازى بولسا ۋەتىنىم ،مەندەك باغۋەن ئوغولدىن ،
كۆچەتلىرىم ئەي بولسا ،بىرجۇپ ئىشچان قولۇمدىن،
پەخىرلەنسەم ھەرۋاقىت ،كىيگەن ئۇلۇغ تۈنۈمدىن ،
كۈلسە خەلقىم قاقاقلاپ،كۈلسەم مەنمۇ ئىشىمدىن،
مائارىپتا بىر ئۆمۈر تاپسام كاتتا ھۆرمەتنى ...
2014-يىلى9-ئاينىڭ 9-كۈنى(گۇما - قوشتاغ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mirzabag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-10 01:31 AM