يېتىپ كىلىش ئالدىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن
مۇئەللىم،بايرىمىڭغا مۇبارەك
سۈت بىرىپ چوڭ قىلسا ئانا بالىنى،
ئۆگەتتى مۇئەللىم ئادەم بۇلۇشنى،
قەلبى تولغان ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببەتكە
بىلىدۇ ئۈن-تىنسىز بىلىم بىرىشنى.
ئۇ بولغاچ يۇرىدى قاراڭغۇ دىللار،
سىڭدۈرگەچ بىلىمنى كىشى قەلبىگە.
ئېيىتماي تۇرالمايمىز مانا بۈگۈن،
تىللاردا داستان قىپ ئۇنىڭ شەنىگە.
يىتىپ كەلدى بۈگۈن ئۇنىڭ بايرىمى،
بۇ كائىنات تولدى شاد-خۇراملىققا.
جاراڭىدى مەكتەپتە ناخشا كۈيى،
تارقالدى بۇ كۈيلەر بەكمۇ يىراققا.
مۇ بارەك مۇئەللىم بايرىمىڭىزغا،
ئۆمرىڭىز بولسۇن تېخىمۇ ئۇزۇن.
تۆھپىڭىز بولغاچقا بەكمۇ ئۇلۇغ،
بىرىمىز ياخشىلار تۆرىدىن ئۇرۇن.
تەبرىكلەي مۇئەللىم مەن سېنى قانداق،
گۈللەرنى تۇتاي مەن سېنىڭ شەنىڭگە.
سىنىڭكى ئەجرىڭنى چۇقۇم ئاقلايمەن،
سىڭدۈردۈڭ بىلىمنى سەبىي دىلىمغا.
مانا بۈگۈن ھەممە تەبرىكلەر سېنى،
ئىشچى،دېھقان،ئالىن يازغۇچى شائىر.
سەنسىز بۇ يۇرۇق ئالام قاراڭغۇ،
چۈنكى سەن بولغاچ ھەممىگە قادىر
چاڭقىغىن ئىلىم-پەن ئاسمىنىدا سەن،
چاڭقىغان دىللارغا بەرگىن سەن شەربەت.
نامىڭ مەڭگۈ ئۈچۈپ قالمىسىۇن،
يادلانسۇن دىللاردا ئەبەدىل-ئەبەت
ئۇستاز ئىنسان مەنىۋىيىتنىڭ ئىنژېنىرى. كىشى قەلبىنى نۇرلاندۇرغۇچى مەشئەل!
ئۇستاز
مەرىپەت بېغىدا تۆھپىلەر قوشقان،
جاپاكەش باغۋەنسەن مېھرىبان ئۇستاز.
قاراڭغۇ دىللارغا يۇرۇقلۇق بىرىپ،
ئىللىتتىڭ سەبىيلەر دىلىنى ئۇستاز.
تەۋرەنمەي بىر ئۆمۈر مۇنبەر ئۈستىدە،
تەربىيلەپ ئۆستۈردۇڭ ئەۋلادنى ئۇستاز.
قاپاردى بور تۇتقان ئاشۇ قوللۇرۇڭ،
قار كەبى ئاقاردى چاچلىرىڭ ئۇستاز.
مەيلى قىش مەيلى ياز،قاردا باھاردا،
ۋايسىماي جان بىلەن ئىشلىدىڭ ئۇستاز،
قىزمىتىڭ بولسىمۇ بەكمۇ جاپالىق،
ئايرىلماي خىزمەتتىن ئىشلىدىڭ ئۇستاز.
گەر كىرىپ قالساممەن ئەگرى يوللارغا،
مېنى توغرا يولغا باشلىدىڭ ئۇستاز.
سەن بولغاچ يەتتىم مەن مۇراد مەخسەتكە،
رەھمەت دەپ گۈللەرنى سۇنىمەن ئۇستاز.
سەن بىزگە ئۇستازسەن ھەم ئاتا-ئانا،
دۇنيادا ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ئۇستاز.
گەر سەنسىز بۇ يۇرۇق ئالەم قاراڭغۇ،
سەن بولغاچ ئاسماندا چاقنىدىم ئۇستاز.
ئابدۇخېلىل قۇتتىكىن ئىجادىيىتى
2014-يىلى-9-ئاينىڭ 9-كۈنى