|
|
|
|
گۈل پۇرايدۇ ئىسسىق سىمايىڭ
گۈل پۇرايدۇ ئىسسىق سىمايىڭ،
مەۋھۇملۇققا جەڭ ئېلان قىلىپ.
بەزەن تېخى ۋىلىقلاپ كۈلەر،
يۈرىكىمنى ئىلكىگە ئېلىپ.
گۈل پۇرايدۇ ئىسسىق سىمايىڭ،
پەرىشتىدەك ئەنبەرلەر چېچىپ.
ھۆرلەر كەبى تەبەسسۇم قىلار،
چۈشلىرىمدە ماڭا يۈز ئېچىپ.
گۈل پۇرايدۇ ئىسسىق سىمايىڭ،
ھەر دەقىقە يادىمغا يىتىپ.
كىملەر دىسە: «سىما» پۇرامدۇ؟
بىر كۆرسۈنچۇ ھىجراننى تېتىپ.
گۈل پۇرايدۇ ئىسسىق سىمايىڭ،
تۈن پەردىسنى مەن ئۈچۈن يېرىپ.
ھىدىڭ كەلدى ئەمما ئۆزۈڭ يوق،
قارا، تاڭمۇ كەتتىغۇ ئېتىپ....
گۈل پۇرايدۇ ئىسسىق سىمايىڭ،
مىسكىن تەنگە ئۈمۈدلەر بىرىپ.
گۈلچى قىزچاق، گۈلچىراي قىزچاق،
كۆتەر باشنى كەلگىن تىز يېنىپ!
مەنبە: قەلبىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kepanogrisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-9 11:33 PM
|
|
|
|
|
|