مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 847|ئىنكاس: 10

ھاياتلىق سىمفۇنىيىسى(موكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108635
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 06:06:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                         مۇقەددىمە                                                                         بەزىدەئۆزۈمنى چۈش بىلەن رىئاللىق ئوتتورىسىداياشاۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالىمەن،خىيال سۈرۈشكە شۇنچىلىك ئامراق ئىدىم،ئاجايىپ خىياللارنى ،شېرىن ئارزۇلارنى قىلاتتىم خۇددى قانچە كۆپ خىيال قىلسام خىياللىرىم رىئالىققا ئايلىنىدىغاندەك.                                                                  
موشۇنداق خىياللار تۈرتكىسىدەئەمدىلا بىخ سۈرۈۋاتقان ئىلھاملىرىم ئەمدىلا كۆزى ئېچىلغان بۇلاققا ئوخشاش توخـتىماي بۇلدۇقلايتى-دە قولۇمغا قەلەم ئېلىپ شۇ گۈزەل،شېرىن ئارزۇلىرىمنى،كىشىلىك تۇرمۇش ھىس تۇيغۇلىرىمنى ئېپادىلەشكە،تەسۋىرلەشكە شۇنچىلىك ئىنتىلەتتىم.مانا بۈگۈنمۇ كونا كىسەل يەنە تۇتماقتا،يازغانلىرىم چالا رەسسامنىڭ تېز سىزمىسىدەك نە رەڭ نە كشىگەبېرىدىغان ھوزۇردىن ئەسەرمۇ يوق بولۇپ قالغان بولۇشى مومكىن.لىكىن ئېشىنىمەنكى ئاشۇنداق جايلارغا تورداشلىرىمىز،ئۇستازلىرىمىز رەڭ تەڭشەپ بىرلىكتەبېرىشىپ بىرىدۇ.                                                                                          ھەرقانداق بىر چېچەكنڭ مېۋە بېرىشى ناتايىن،باھار پەسلىدە باغلارغا كىرگىنىمىزدە بۇ ھەقىقەتنى ئاسانلا ھىس قىلالايمىز.مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىداھۆپپىدە ئېچىلغان سان-ساناقسىز چېچەكلەر توكۈلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىزىدا قالغىنى مېۋە بولىدۇ.ئەپسۇسكى،ئۇلارنىڭ ناھايتى ئاز بىر قىسمىلا ئەنە شۇنداق ئۆزىنىڭ يوقۇلىشىدىن شېرىن -شەربەت مېۋىلەرنى ئىز سۈپىتىدە قالدۇرالايدۇ.ئەگەر باھاردىكى چېچەكلەرنىڭ ھەممىسى مېۋە قالدۇرىدىغان بولسا،يەريۈزى مېۋىلەرگە تولۇپ كەتكەن بولاتتى.بۇ خۇددى ھاياتلىق گۈل سۈپىتىدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ياشاش مۇساپىسىگە ئوخشايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ھەر بىرلىرىمىزنى بىر تۈپ مېۋىلىك دەرەخ دېسەك مەۋجۇت بولۇش جەريانىدىكى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئارزۇ -غايىلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ قىممەتكە يۈزلەنگەن چېچەكلىرىمىزدۇر.                                                                                     ھالبۇكى ،قانچىلىك گۈزەل ئارزۇلاردا بولۇشىمىزدىن قانچىلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىمىزدىن قەتئىنەزەر ئۇ چېچەكلەرنىڭ ھەممىسى «مېۋە»قالدۇرىشى مومكىن ئەمەس.ئەگەر ھاياتىمىزنى بىرتال چېچەك دەپ قارىغىنىمزدا ئۇ چوقۇم مېۋە بىرىشى كېرەك.                                                                               مىنىڭچە ئادەم ياشىغان ئىكەن ئۇنىڭدا مۇئەييەن نىشانلار بولۇشى يەنە تەۋەككۇلچىلىك روھىمۇ بولۇشى كېرەك.گەرچە مەن ھازىرغىچە يېزىقچىلقتا مونتىزىم تەربىيە ئالمىغان بولساممۇ لىكىن موشۇ ئانا تىل بىلەن سۆزلىگىلى تۇرغىلى 15-16يىل ئەتراپىدا بوپتۇ،ساۋادىم چىققاندىن باشلاپ ھېساپلىغاندىمۇ ئانا تىل يىزىقىمىزدىكى كىتابلارنى، ھەرخىل نەرسىلەرنى ئوقۇشقا ،پىكىر يۇرگۈزۈشكە باشلىغىلىمۇ 12يىل بوپتۇ.12يىللىق مەكتەپ ھاياتىمنى تۈگۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتىمەن.كىتاب ئوقۇش ئادىتىم بولغاچقا بۇ جەرياندا خىلى كۆپ كىتابلارنى ئوقۇدۇم،كىتابقا بولغان قېزىقىشىم مىنى خىلى كۆپ نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشتۇردى،داڭلىق كىشىلىرىمىزنى تونۇتتى.مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ھەم ھۆرمەتلەيدىغىنىم ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن. ئۇنىڭ ئەسىرى ھەقىقەتەنمۇ سەرخىل،ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىشتۇر.                                         ئابابەكرى مۇختەر ئاكىمىزنىڭ بۇ ياخشى پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگىنىگە چەكسىز ھۆرمەتلەر ئېچىدە تەشەككۇرۇمنى بىلدۈرىمەن.بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى مەخسۇس ئەسەر يازىدىغانلارغىلا يۈكلەپ قويماستىن ئانا تىلىمىزدا پىكىر يۈرگۈزىۋاتقان ھەربىرلىرىمىزگە كەلگەن بىر پۇرسەت دەپ  بىلسەك ئارتۇق كەتمەيدىغۇ دەيمەن.                                                                         (داۋامى بار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   purkan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-9 07:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102879
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 07:12:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىرلىق باغچا(秘密花园) مۇزىكىسىنى قىستۇرىڭە.....ئەسىرىڭىزنىڭ لىرىكىلىقى چوقۇم ئاشىدۇ.....
مۇنداقلا بىر تەكلىپ جۇمۇ

ئى رەببىم مېنىڭ غېمىم بار دېمەي،ئى غەم مېنىڭ رەببىم بار دېگىن
pozor بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 06:34:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108635
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 02:46:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                  ھاياتلىق سىمفۇنىيىسى
دەرەخنىڭ يۇپۇرمىقى قانچە كۆپ بولغانسېرى مېۋىسى شۇنچە ئاز بولغىنىدەك سۆزمۇ كۆپ بولغانسېرى مەزمۇنى تىمىدىن چەتنەشكە قاراپ يۈزلىنىدىكەن،مەزمۇن قىممىتىگە تەسىر يىتىدىكەن،شۇڭا مەنمۇ ئەمدى گەپنى موشۇ يەردە توختىتىپ ئۆزۈمنىڭ قارشى بويىچە ھاياتقا تەبىر بىرىپ باقاي.
ھايات-ھاياتلىق دېگەنبۇ تىما تولىمۇ كەڭ دائىرلىك،ھەر بىر جانلىق ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشلىرى،مەيلى ئۇ جان تېكىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بولمىسۇن،مەيلى ئۇچرىغان مەغلۇبىيەتلىرى بولمىسۇن موشۇلار ئارقىلىق  ئۆزىنىڭ قىممىتىنى مۇنداقچە  ئېيىتقاندا ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ياراتقۇچىدۇر.
ھايات-تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان چەكسىز كەتكەن بىر سىرلىق دېڭىز قاينىمى ،ئىنسان دەل شۇ دېڭىزدىكى بىر كېمە ئىكەن،كېمە ئۆز مەنزىلىگە يېتىش ئۈچۈن توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەيدىكەن،ئەمما ئۆزىنىڭ قاچانلاردا قارشى قىرغاققا يېتىپ بېرىشنى،قاچانلاردا خادا تاشلارغا سوقۇلۇشنى ۋە ياكى قاچانلاردا چوڭقۇر دېڭىز قاينىمىغا چۆكۈپ كېتىشىمىزنى بىلمەيدىكەنمىز.
خۇددى ئاتاقلىق شائىرلىرىمىزدىن ئەنۋەر ناسىرى:"كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ"دەپ كىشىلىك تۇرمۇشتا قەدەمدە بىر ھەرخىل ئىشلارغا يولۇقۇپ ياشايدىكەنمىز،بەزىلىرى ئادەمنى خۇشال قىلسا بەزىلىرى ئادەمنى ئىچىندۇرىدۇ،خۇددى دۇنيادا تۈپتۈز يول بولمىغىنىدەك ئادەم ھاياتىمۇ ئەگرى -توقايلىق،ئىگىز-پەس داۋالغۇپ تۇرغان دولقۇنلار ئىچىدە ئۆتىدىكەن.مانا ئاشۇ خىلمۇ-خىل دولقۇن ھەم تەمتىرەشلەر ئىچىدە 19يىل ياشاپ 20-يىلنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ ئولتورۇپتىمەن ياشلىقىممۇ سۇدەك ئۆتۇپ كېتىپ بارماقتا.مانا ئۆتۇپ كەتكەن ھاياتىمنى ئەسلىگىنىمدە بەزىدە تاتلىق ھىسلارغا چۈمسەم بەزىدەچوڭقۇر خىياللار ئېلكىدە ئولتۇرۇپلا قالىمەن،مەۋھۇم بولغان كەلگۈسۈمنى تەسەۋۇر قىلىشقا بولسا ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن.
خۇددى ئۆزۈمنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرى ،ئۈمۈدى مۇجەسسەملەنگەن ياپيېشىل يۇپۇرماقلارنىڭ كۈز كەلمەستىنلا بىر-بىرلەپ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرساممۇ لىكىن ئۇنىڭ ھامان قىسقىغىنە قىيېنچىلىق-قىشنىڭ سوغۇقىدىن ئۆتېۋىلىش ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىپ ئەتىيازنى كۈتۈپ تۇرماقتىمەن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108635
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 04:19:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                           داۋامى
ئويلاپ باقسام جەبىر-جاپا،ئوڭۇشسىزلىقلار قورقونۇشلۇق ئەمەس ،بەلكى ئۇنىڭغا يۈزلىنەلمەسلىك ئەڭ قورقونۇشلۇق ئىكەن.ئۇ بىر ئادەمنىڭ روھىنى تاۋلاپ جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ ئادەمنى مۇكەممەللىككە قاراپ ئىلگىرلىتىدىكەن. ئۇ ئىرادىسىز ،بىلى بوشلارغا ئاپەت بولسا ،ئىرادىلىك تىرىشچانلارغا تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت ئىكەن.بىز ئالدىراپ-تىنەپ سۇنى كۆرمەيلا ۋاز كىچىپ مەغلۇبىيەت دېڭىزغاسەكرىۋالساق ئۇ ئۆلۈك دېڭىزدەك بىزنى بىر ياقىغا لەيلىتىپ ئېلىپ چىقىپ قويماستىن بەلكى تىخىمۇ چوڭقۇرلۇققا سۆرەيدىكەن.پەقەت ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپ غۇلاچ كېرىپ ئۈزۈپ چىقمىساق قارشى قىرغاق مەڭگۈ كۆرۈنمەسلىكى،ئۆزىمىز بولساق شۇ دولقۇنلار ئارىسىدا يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك مەقسەتسىز،نىشانسىزلا لەيلەپ قىلىشى ياكى ئۇياق-بۇياقلارغا ئۇرۇلۇپ ،سوقولۇپ ھالاك بولىشىمىز مومكىن.
ئاشۇ جەبىر-جاپالار بولغاچقىلا ئاندىن بىزنىڭ بىرەر ئىشنى قىلالايدىغانلىقىمىزنامايەن بولىدۇ،ھەم موشۇلار بولغاچقىلا ھاياتىمىز قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.ھىچقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىمىغىنىمىز بىزنىڭ ھەممە ئىشنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەستىن بەلكى ھىچنىمىى قىلالمايدىغانلىقىمىزدىن دىرەك بىرىدۇ.مىسالەن ھەممىمىزگە تونۇش بولغان سۇغا قارايدىغان بولساق،توختاۋسىز ئېقىپ تاشتىن-تاشقا ئۇرۇلۇپ ئاققان سۇ ھەم سوغۇق ھەم پاكىزە بولىدۇ،ھەممىىنىڭ ئىھتىياجى چۈشىدۇ،شۇ ئېقىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلىيالايدۇ.ئاقماي تىنىچ تۇرغان كۆل،دېڭىز سۈيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسسىق،ھەم پاسكىنا بولىدۇ، ئەسلا ئېچكىلى بولمايدۇ،ئايلاپ-يىللاپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىمۇ چۈشمەيدۇ.ئادەم ھاياتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش،بىزنىڭ ئاشۇ ھەركەتلىرىمىز ھاياتىمىزنى قىممەتكە،ئۆزى تەۋە بولغان ماركىغا ئىگە قىلىدۇ،ياخشى تاۋارلىق ماركىلار ئەتىۋارلىنىدۇ،تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ،ناچار تاۋارلار بولسا تاشلىنىپ قالىدۇ خالاس.
تەبىئەت دۇنياسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق نورغۇن تەبىئەت ھادىسىلىرى تەكرارلىنىدۇ،مەسىلەن:قوياش ئەتىگىنى چىقىپ كەچتە پاتىدۇ،قىشتىن كىيىن باھار،ياز،كۈز تەرتىپ بويىچە كىلىپ تەكرارلىنىدۇ،لىكىن ئىنساننىڭ ھاياتىچۇ؟كىشىلىك تۇرمۇش يوللىرىچۇ؟
  ئۇلار ئەسلا دەۋىرلەنمەيدۇ،قايتىلانمايدۇ.چۈنكى ھاياتتا،كىشىلىك تۇرمۇشتا پەقەتلا يولغا چېقىش بىلىتىلا سېتىلىدۇ.تولىمۇ ئەپسۇس قايتىش بىلىتى سېتىلمايدۇ ،ھەربىرلىرىمىز پەقەت بىرلا قىتىم يولغا چىقالايمىز،تاكى كۆزىمىز يۈمۈلگەنگە قەدەر باش-ئاخىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاشۇ يولدا ماڭىمىزكەن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1666
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 04:25:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنۋەر ناسىرى:"كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ" دىگەن جۇملە ياخشى قىستۇرۇلۇپتۇ.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108635
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 05:18:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                   داۋامى
ھايات-ئۇ گوياكى كۆيۈۋاتقان شامدۇر،ئۇ ۋاقىتسىز ئۆچۈپ قالمىسىلا مەيلى تىز كۆيسۇن،مەيلى ئاستا كۆيسۇن ،ئۇ ھامان ئاخىرغىچە كۆيۈپ-كۆيۈپ تۈگەيدۇ.لىكىن ئۇ كۆيۈپ تۈگىسىمۇ،يەنى نەتىىجىسى ئوخشاش بولسىمۇ جەريانى ئوخشىمىغاچقا ئېلىپ كەلگەن قىممىتى ،ئۈنۈمىدە ھامان پەرق مەۋجۇت.كۆيۈش جەريانىدا قانچە نورلۇق كۆيگەن بولسا،باشقىلار پايدىلانغۇدەك يورۇقلۇق،ئىسسىقلىق چىقىرالىغان بولسا كۆيۈپ تۈگىسىمۇ ئۇ مەڭگۈ كىشىلەر يولىنى يورۇتۇپ ھەردەم ھەمراھ بولغۇسى.ئەكىسچە بولسا جاپا-موشەققەتتە كۆيگىنىنىڭ ھىچ بىر ئەھمىيىتى بولماي ئەھمىيەتسىزلا كۆيگەن بولىدۇ،كۆيگىنىگە يارىشا ئۇنىڭدىن قالىدىغىنى پەقەت شۇ كىرەكسىز ياسالمىلىرىلا خالاس.
بىزمۇ بۇ دۇنياغا ئادەم سۈپىتىدە تۇغۇلدۇق ،ياشىغان ئىكەنمىز چوقۇم ئادەمدەك ياشاپ مۇئەييەن قىممەت يارىتىشىمىز ،قىسقىسى ئادەمدەك ياشىشىمىز كىرەك،مىنىڭچە بولغاندا يەپ ئېچىشنى ھەممە جانلىق بىلىدۇ.پىكىر يۇرگۈزۈش بولسا بىزلەرگە خاستۇر.قوي ئىشەكلەرنى ئاڭسىز دەيمىز بىراق ئۇنىمۇ چاقىرساق،"خى "دەپ ھەيدىسەك موۋاپىق ئىنكاس قايتۇرىدىغۇ،ئەجەبا بۇ شۇلاردا مۇئەييەن ئاڭنىڭ مەۋقۇتلىقى ئەمەسمۇ؟ھازىرقى جەمىئيەتكە كەلگەندە بىز ئنسانلارنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان پەرقىمىز خىلىلا كىچىكلىدىمۇ قانداق؟
بىز ھەر بىرلىرىمىز دۇنياغا قۇرۇق قول كەلدۇق يەنە قۇرۇق قول كىتىشكە يۈزىمىز قىزىرىپمۇ قالار؟مىسالەن كىمنىڭمۇ چېلەك كۆتۈرۈپ دەريا بويىغا بىرىپ يەنە قۇرۇق قول قايتىپ كىلىشكە كۆڭلى ئۇنىمايدىغۇ دەيمەن.


ئاخىرىدا ئۆزۈم يازغان شىئىرلارمۇ بوينى قىسلىپ قالمىسۇن كۆرۈپ بىقارسىلە(ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن قايتا تەھرىرلەشكە ئىمكان بولمىدى،قەلەم تەۋرىتىپ يازغان پىتى،نوخسانلار خىلى كۆپقۇ دەيمەن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108635
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 06:06:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                           "ھاياتلىق يوللىرى بولسىمۇ ئەگرى"
ھاياتلىق يوللىرى بولسىمۇ ئەگرى،                       
ئارقاڭغا چىكىنمە بولما پەرىشان.
يامغۇردىن كىيىنكى پارلاق قوياشتەك،
بەخىتلىك كۈنلەر كىلىدۇ ھامان.

ھاياتلىق يوللىرى بولسىمۇ ئەگرى،
قايغۇرمىغىن تىزپۈكمەبولما پەرىشان.
سەن ھەم سېنى كۈتكەن بەخىتلىك كۈنلەر،
ئگە-چاقسىز قىلىپ يۈرمىسۇن سەرسان.

ھاياتلىق يوللىرى بولسىمۇ ئەگرى،
ئۆزۈڭگە ئىشەنگىن ئاشقىن سەن داۋان.
ھالقىلىق چاغلاردا قويىۋەتسەڭ بەل،
مەغلۇبىيەت ھاڭلىرى كۈتەر ھەر زامان.

                                                        "ھايات دىگەن ئەنە شۇنداق"
ھايات ئۇ ئىنسانغا بىرىلگەن نىھمەت،
ياخشى ئىش ئۈچۈنلائىشلەتكىن پەقەت.
قەدىرلە ئېزدەنگىن بىكار ئۆتكۈزمە ،
سورىقى بار ھامان ئۇنۇتما ئەبەت.

ھايات ئۇ ئۆتىدۇ دېڭىزدەك كەبى،
بەزىدە دولقۇنلۇق بەزىدە جېمجىت.
تىرىشقانلار ئۈزۈپ چىقار قىرغاققا،
تىرىشمىغانلار تۇنجۇقۇپ كېتىدۇ ۋاي ئېسىت.

ھاياتنىڭ باردۇر باھار، ياز، قىشى،
ئوخشىمىغان قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ.
باھار ۋە قىشتا جاننى تىكمىسەڭ،
سوغۇق قىش كېلىپلا جاننى قىينايدۇ.

ھايات ئۇ گوياكى بىر چېقىن چاقماق،
ئوتكۈزمە ۋاقتىڭنى بىھۇدە خاراپ.
ئۆتكۈزۋەتكەن ھەر مىنۇت ئۆمرۈڭنى ئەسلەپ،
پۇشايمان ئىېلكىدە بولىسەن كاۋاپ.

ياش تۆكۈش ئەمەسلا ھايات ئەزەلدىن،
قايغۇ-شاتلىق بىر تۇققان قوشكىزەك ھامان.
بىرى يامغۇر بىرى گويا ھەسەن-ھۈسەندەك،
ھايات قەسىرىنى رەڭگارەڭ قىلۇر ھەر زامان.

(كومپىيۇتىر بىلىمىمنىڭ چەكلىك بولىشى سەۋەبلىك بۇنى تولىمۇ تەس تەييارلىدىم،سەۋەنلىكلەردىن خالى ئەمەسمەن ،شۇڭا ھەر بىرلىرىمىزنىڭ ئوقۇپلا بولدى قىلماي باھا ئىنكاسلار ئارقىلىق كۆرسىتىپ بىرەرسىلە.مەن كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىغا يەنە كەلگەن دە چوقۇم رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.مەن تىخى كىچىك ،تەكلىپ پىكىر يىتەكلەشكە مۇھتاجمەن.)

                                  بۇنى يازغۇچى ئۆزى ئابدۇسالام ئابدۇقادىر(فۇرقان)



كورلا ئايشەم سادىر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109491
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 296 سائەت
تىزىم: 2014-8-26
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 07:31:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولايمەن ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم

مەن دۇنيادىكى  ھەممە ئادەمنىڭ خوشال _ خورام ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.چۈنكى ئادەم دۇنياغا بىرلا قېتىم كىلىدۇ.بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ۋاقتىمىزنى ئىسىراپ قىلماي،ئۇرۇنسىز ئىشلارغا ئارلاشماي،ئازغانلارنى ئېيىپلىمەي ئۇلارنى يىتەكلەپ،بىلىم ئېىلىش،پەلىسەپە ئۆگۈنۈش، كۈندە بى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108635
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 05:21:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
korlaayxamsadir يوللىغان ۋاقتى  2014-9-11 07:31 PM
قولايمەن ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم

كۆپ رەھمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش