|
|
|
|
پايدىلىق (نەمەت خەلپەت)
مىۋىسىز باغۇ-بوستاندىن چۆل باياۋان پايدىلىق،
مەنپەئەتسىز ئادەمدىن تىلسىز ھايۋان پايدىلىق.
بىلمىسە ئۆز قىممىتىنى، بىلدۇرگىلى بولماس ئاڭا،
ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى بىلسە ئىنسان پايدىلىق.
ھىچ كىشى دۇنيادا ھەرگىز بولمىسۇن زىندانغا بەند،
پىتنىخورغا ۋە لېكىن شۇ بۇ زىندان پايدىلىق.
سەن يىلاننى تاش بىلەن ئۇرغان يامان دەپ تۇرمىغىن،
گەر قولۇڭدا بولسا تاش ۋاقتىدا ئۇرغان پايدىلىق.
قالما پىنھان ئاغرىقىڭ بولسا تىۋىپ ھازىققا بار،
قىلسا ئۆز ۋاقتىدا دوختۇر دورا-دەرمان پايدىلىق.
خارلىنىپ ھەم زارلىنىپ خورلۇقتا يۇرگەندىن ھايات،
ئاتلىنىپ بولساڭ مەگەر مەيداندا قۇربان پايدىلىق.
قىستىغان كەش كىيگىنىڭدىن ئاغرىتىپ جانىڭنى سەن،
يۈرگىنىڭ يالاڭ ئاياغ بەكمۇ،پاراۋان پايدىلىق.
سۆيمىگەن ئۆز خەلقىنى مۆمىن پەقىرلەردىن پەقەت،
كۆپ ئۈچۈن كۈي كۈيلىگەن بۇلبۇل خەندان پايدىلىق.
تىز پۇكۇپ ئالتۇن تاۋاققا تاما قىلغاندىن كۆرە،
ئۆز كۈچۈڭدىن تېپىپ يىگەن بىر پارچە نان پايدىلىق.
مەن ۋەتەن خىزمەتچىسى دەرسەن ئۆزۈڭنى ئەي كەمى،
ھەر نەپەس خەلقىڭ ئۈچۈن تاپساڭ شەرەپ-شان پايدىلىق.
|
|
|
|
|
|