زاكىر باي ئايالىدىن ئەلچىلەرنىڭ دىگەنىلىرىنى ئاڭلىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇدا بولغۇچىلارنىڭ بەھرام شۇجى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدى،چۈنكى ئۇنىڭ بەھرام شۇجى بىلەن كۆڭلى ناھايتى يىقىن ئىدى.
ئەر-ئايال يىرىم كىچىگىچە بۇ ئىش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىشتى،ياق دەي دىسە بۇلار بولمىسا چوقۇم يەنە باشقىلار يەنە باشنى ئاغرىتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بەھرام شۇجىمۇ خىزمەتتە ئەستايدىل ۋە ئادىل بولغاچقا يىراق-يىقىندا خىلىلا نامى بار ئادەم بولغاچقا ياق دىيىشكە سەۋەپ تاپالماي قىزىنىڭ رايغا باقىدىغان بولدى.
گۈلشەن ئايىم ئەتىسى سەھەردە يولدىشى سىرتقا چىقىپ كەتكەندە رەيھانگۈلنى يىنىغا چاقىرىپ :
-قىزىم تۈنۈگۈن كەلگەنلەرنىڭ نىمىگە كەلگەنلىكىنى بەلكىم بىلگەنسەن؟ئۇلار سىنى سوراپ ئەلچىلىككە كىلىشىپتۇ.ئۇلار خوشنا كەنىتتىكى بەھرام شۈجىنىڭ ئوغلى راخمانغا سىنى سوراپ كەپتۇ،ئاڭلىساق سەن راخمان بىلەن تەڭ ئوقۇغان ئىكەنسەن،شۇڭا سەن ئۇنى تونۇساڭ كىرەك؟
-ھەئە...دىدى رەيھانگۈل قىزىرىپ تۇرۇپ،ئۇ مەن بىلەن پاراللىل ئوقۇيتتى.
-بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئاخشام داداڭ بىلەن ئىككىمىز يىرىم كىچىگىچە مەسلىھەتلەشتۇق،سەن ئۇ بالىنى تونۇيدىغان بولغاچقا ئاخىرى سىنىڭ رايىڭغا باقىدىغان بولدۇق،دىدى.
رەيھانگۈل ئىشنىڭ ئوڭ كىلىۋاتقانلىقىنى پەمىلەپ ئانىسىنىڭ بوينىغا گىرە سىلىپ ئەركىلەپ تۇرۇپ :
-ئانا...بىز خىلى ئوبدان تونۇشىمىز،تىخى ئازراق ئارلاشقان شۇڭا...
-ھۇ شەيتان ئەسلى مۇنداقكەندە،ئىشنى ئاستىرىتتىن توغرىلاپ بولۇشۇپتىكەنسىلەردە...
ئەلچىلەر ئىككىنچى قىتىم كىلىپ خۇش-خەۋەر ئاڭلاپ قايتىشتى.راخمان ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ بۇ خۇش-خەۋەردىن بىشى كۆككە يەتتى.شۇڭا ئۇلار «تۆمۈرنى قىززىقىدا سوق»دىگەن ھىكمەتلىك سۆز بويىچە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بولغۇسى قۇدىلار كۆرۈشتى،بولغۇسى كىلىن،بولغۇسى كۈيئوغۇل بولغۇچىلار ئۆزئارا كۆرۈشتى.دەسلەپتە راخماننىڭ ئۆيدىكىلەر مىھمان بولۇپ رەيھانگۈلنىڭ ئۆيىگە باردى.قىزغىن سالاملاردىن كىيىن سىنچاي قۇيۇلدى،ئارقىدىن سوۋغا-سالاملار قويۇلدى.بەھرام شۈجى بىلەن زاكىر ئەپەندى بۇرۇندىن تونۇش بۇلغاچقا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كىتىشتى.تەكەللۇپ،تارتىنىشلار يوقىلىپ تاماق تارتىلدى.تاماقتىن كىيىن تويلۇق توغرىسدا گەپ بولۇۋىدى،زاكىر باي تىرىكىپ:
مىنىڭ بالام سىلەرنىڭمۇ بالاڭلار بولۇش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ،شۇڭا بۇ توغرىسىدا پاراڭلىشىش ھاجەتسىز،ھەرقايسىلىرى ھەممە ھىساپتا بولغاندىكىن ئۆزلىرى بىلىپلا بىر ئىش قىلىۋىرىشسىلە،دەپلا گەپنى ئۈزىۋەتتى.كەچتە قايتىش ئالدىدا بەھرام شۈجى زاكىر باي ئائىلىسىنى مىھمانغا تەكلىپ ئىتىپ قايىتتى.
كىيىنىكى ھەپتىنىڭ ئاخىرى قىز تەرەپ راخماننىڭكىدە مىھمان بولدى،ئارىدا توي ئىشى توغرىسىدا گەپ ئچىلىپ قىش كىرىشتىن ئىلگىرى توينى قىلىۋىتىشقا پۈتۈشۈپ توي ختىنى ئالسىلا توي تەييارلىقىنى باشلاشقا پۈتۈشتى.
ئىككەيلەننىڭ چىرايىدا پات ئارىدا ئۆزىنىڭ بولماقچى بولغان بەخت جىلمىيىپ تۇراتتى،قولىدىكى قىزىل تاشلىق دەپتەر ئىچىدىن ئۇلارغا بەخىت قۇچاق ئىچىپ كىلۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.تويلۇق لازىمەتلىكلەرمۇ ئاساسەن ئىلىنىپ بولدى،قىز مىلى،ئوغۇل مىلى دىگەندەكلەرمۇ خىلىلا مول ئىلىندى.
مەسلەھەتلىشىش ئارقىلىق توي كۈنى ئونىنچى ئاينىڭ ئون ئىككىنجى كۈنى شەنبىگە بىكىتىلىپ شۇ بويىچە باغاقلار تەييارلىنىپ جايى-مەنزىللىرىگە ماڭدۇرۇلدى.
ناغرا-سۇناي ۋە ياشلارنىڭ شوخ ئاۋازى پۈتۈن يىزىنى بىر ئالدى، توي شەنبە كۈنىگە توغرا كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئىككى تەرەپ چاقىرسا ئىتى،تۇتسا سىپى بار كىشلەردىن بولغاچقا تويغا قاتناشقىلى كەلگەن مىھمانلارنىڭ كۆپلىكىدىن شۇنچە كۆپ ئۆيلەرمۇ يىتىشمەي ھويلىنىڭ بوش يەرلىرىگىمۇ گىلەم-يىكەندازلار سىلىندى.مەسچىتنىڭ جاما ئەتلىرى بىر قاتار ئۇزاپ بولغاندىن كىيىن بىر جۈپ ياشقا نىكاھ ئوقۇلدى.ئىمام ئاخۇنۇم نىكاھ پاتىھە سىدىن كىيىن ئاۋال رەيھانگۈلدىن:
ئۆزلىرى زاكىر باينىڭ قىزى رەيھانگۈل خىنىم،بەھرام شۈجىنىڭ ئۇغلى راخمانجاننى ئۆزلىرىگە خوپ كۆرۈپ ئۆمۈرلىك ھالال جۈپتىلىرى بولۇشقا ئۆز رازىلقلىرى بىلەن قوشۇلدىلىمىكىن؟
ئىچكىرىكى ئۆيدىن سادا كەلمىگەندىن كىيىن ئىمام ئاخۇنۇم ئاۋازىنى سەل كۆتۈرۈپ يەنە بىر سورىدى،رەيھانگۈل ئەسلىدە ئۈچىنچى قىتىم سورالغاندا ئاندىن جاۋاپ بىرىشنى ئويلىغانىدى،ئەمما يىندىكى كەپسىز دوسلىرى چاقچاق قىلىپ ئۇنى چىمداپ ئىككىنجى قىتىمدىلا
-ھەئە...دىگۈزىۋەتتى.
خوش...دىدى،ئىمام، ئاندىن بۇ سۇئال راخماندىن سورالدى.
- قوبول قىلدىم،خالايمەن...دەۋەتتى راخمان خۇشاللىقىنى ئىچىگە ئاران سىغدۇرۇپ،ئامىن...بارچە سۇرۇن ئەھلى ئىمانغا ئەگىشىپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ خۇدادىن بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ بەختىنى تىلەپ دۇئا قىلىشتى.ئارقىدىن تۇز سۈيىگە چىلانغان ناندىن ھەر ئىككەيلەنگە بىر بۇردىدىن يىگۈزۈلدى.يەنە بىر قاتار رەسمىيەتلەردىن كىيىن يەنە بىر قىتىم دۇئاغا قول كۆتۈرۈشتى.
*********************************************************************
ئۇلارنىڭ تويى شۇنداق قىزىپ كەتتىكى،يۇرت ئەھلىلىرى ئۇنىڭدەك كاتتا توينى كۆرگەنلىكىنى ئەسلىيەلمىدى.ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى شارائىتى ياخشى بولغاچقا داستىخان ناھايتى سىخىيلىك بىلەن كەڭرى سىلىندى.توينىڭ خۇشالللىقى بىلەن ياشلار كۈننىڭ قانداقسىگە ئۇنچە تىز كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قىلىشتى.چۈشتىن كىيىن ،قىز كۆچۈرۈلدى.ياشلار راخماننىڭ ئۆيىدە بىر ئاز ئولتۇرۇشۇپ بەرگەندىن كىيىن تارقىلىشتى.
شۇنداق قىلىپ بۇ بىر جۈپ يالقۇنلۇق يۈرەك مۇراد-مەقسەتلىرىگە يەتتى.تويدىن كىيىن ئۇلار شۇنچىلىك قىزغىن ۋە رومانتىك تۇرمۇش كەچۈرۈشتى.ئۆيدە يالغۇز قالغان چاغلىرىدا ئۇلار بەئەينى كىچىك بالىلاردەك ئويۇن ئويناپ كىتەتتى.ئەگەر شۇ تەرەققىدە ئۇلارنى باشقا بىراۋلار كۆرۈپ قالغۇدەك بولسا تىخى توي قىلمىغان ،بەلكى يىڭىدىن ئارىلىشۋاتقان ئاشىق-مەشۇقلار دەپ ئويلاپ قالاتتى.
راخمان دادىسىنىڭ مەبلەغ سىلىپ بىرىشى بىلەن ئوتتۇرا تىپتىكى يۈك توشۇش ماشىنىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ شۇ ئارقىلىق تىرىكچىلىكىنى باشلىدى.شۇ چاغلاردا بۇ خىلدىكى ماشىنىلار كۆپ بولمىغاچقا ئۇنىڭ ئىشلىرى تىزلا روناق تىپىپ كەتتى.ئۇنىڭ بالدۇرراق پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسى بولسىمۇ بىراق تىخىچە بىرەر شەپىسى يوق ئىدى.
توي بولۇپ ئالتە ئايدىن كىيىن چوڭلار ئۇلارغا ئۆي ئايرىپ بەردى. دەسللەپتە راخمان ئۇزۇن يوللۇق يۈكلەرنى توشۇماي يىقىن ئەتراپلارغا قاتنىدى.كەچلىرى قانداقلا بولمىسۇن ئامال قىلىپ ئۆيگە يىنىپ كەلدى.بىر كۈنى ئەتىگەندە ناشتا قىلىۋاتقاندا رەيھانگۈل تۇيۇقسىز قۇرۇق ھۆ قىلىپ كەتتى.چىرايى سارغىيىپ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتتى.قورقۇپ كەتكەن راخمان ئۇنى دەرھال دوختۇرغا ئاپاردى.بىر ئازدىن كىيىن خۇش- خەۋەر دىگىنىچە دوختۇر ئايال چىقىپ كەلدى.
- مۇبارەك بولسۇن! ئايالىڭىزنىڭ بۇيىدا بار ئىكەن.
خۇشاللىقتىن بىشى ئاسمانغا يەتكەن راھمان دەرھال جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىگە يۈگۈردى.رەيھانگۈل جىددى قۇتقۇزۇش كارۋىتىدا ياتاتتى.چىرايىمۇ خىلىلا ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ بۇ ئىشتىن تىخى خەۋەر تاپمىغاندەك قىلاتتى.
-قانداقراق تۇرىسەن؟دىدى راھمان كۆيۈنگەن ھالدا.
-بايا تۇيۇقسىز كۆڭلۈم ئىلىشىپ بىئارام بولۇپ كەتكەنىدىم،ھازىر ياخشىلىنىپ قالدىم دىدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.
-ئۇنداق بولسا ساڭا خۇش –خەۋەر،سىنى مۇبارەكلەيمەن،سەن ئانا بوپسەن!
-نىمە؟ بۇ راستما؟
-ئەلۋەتتە راسىت جىنىم.بايا دوختۇر ئۆز ئاغزى بىلەن ئىيتتى .دىدى راخمان ھاياجىنىنى باسالماي.
-ئۇھ...خۇداغا شۈكرى،دىدى رەيھان ئىچ –ئىچىدىن خۇشال بولۇپ.
ئۇكۇل مىڭىپ بولغاندىن كىيىن ئۇلار ئۆيىگە قايتتى دە،بۇ خۇشاللىقتىن چوڭلارنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال رەيھانگۈلنىڭ ئۆيىگە ئاندىن راخمانلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ بۇ خەۋەردىن ئۇلارنى خەۋەردار قىلدى.ھەر قايسىلىرى بۇ خەۋەردىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كىتىشتى.
شۇ كۈندىن باشلاپ راخمان سىرتلارغىمۇ ئاز چىقىدىغان ،چىقىپ قالسىمۇ تىزلا يىنىپ كىلىدىغان بولدى.يىراقراق يەرلەرگە يۇك تارتىپ قالسا رەيھاننى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قۇياتتى.
شۇ تەرىقىدە كۈن –كۈنلەرنى قوغلاپ ئۇنىڭ ئاي كۈنى يىقىنلاپ قالغاچقا راخمان كىچە- كۈندۈز مەھبۇبىسىنىڭ يىنىدىن قەدەم نىرى بولماي ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.بىر كۈنى تىخى تۇنجى خوراز چىلىمىغان ۋاقىت ئىدى،راخمان چۈشىمۇ ياكى ئوڭىمۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بىراۋنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى خىرە تۇيۇپ قالدى.ئۇنىڭ يۈرىكى جىغ قىلىپ قالدى دە،سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى.چىراقنى يىقىپ قارىۋېدى،رەيھان تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.ئۇ ئۆزىنى قارا بىسىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى.ئەمما كۆڭلى يەنىلا بىر ئىشنى تۇيغاندەك تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالمىدى.ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن كىيىن ئۇ رەيھانغا :
ئاي كۈنىڭ توشاي دەپ قالدى،مەن بۇ چاغقىچە تۇغۇت ئۈستىدە تۇرۇپ باقمىغان بىشىمىزدىن ئىش ئۆتمىگەچكە سىنى يەڭگىپ بولغۇچە بىزنىڭ چوڭ ئۆيدە ھالىڭدىن خەۋەر ئالايمىكىن دەپ ئويلىدىم دىدى.
-ۋېيەي،نەدە قيىن ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇغقان بار كىشى،بۈگۈن ياكى ئەتىلەرگىچە ئانام كىلىپ مىنى ئەكەتمەكچى دىدى رەيھان.
راست دىگەندەك چۈشكە يىقىن گۈلشەن ئايىم ماشىنا بىلەن رەيھانگۈلنى ئىلىپ كەلدى.راھمان بىللە بىرىپ لازىمەتلىكلەرنى تەييار قىلىپ بولغاندىن كىيىن جىددى ئىش بولۇپ قالسا تىلىفۇن قىلىشنى تاپىلاپ قايتىپ كەتتى.راخمانىڭ يالغۇز جىنىغا بەزىدە سىرتلاردا تاماق يەپ يۈرمىسۇن دەپ ئانىسى دائىم تاماق پشسىلا ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ قورىسقىنى ئەستەرلەپ قوياتتى.
رەيھانگۈلنى ئەكتىپ توققۇزىنچى كۈنى يەنى پەيشەنبە كىچە سائەت ئۈچكە يىقىن راخماننىڭ تىلفۇنى سايراپ كەتتى.ئۇ ئۇيقۇچىلىقتا كۆزلىرىنى تەستە ئىچىپ سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ تىلفۇننى تاپتى نۇمۇرغا قاراپ چۈچۈپ كەتتىدە،سەكرەپ تۇرۇپ تىلفۇننى ئالدى.
-ۋەي...ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام بالام قانداق ئەھۋالىڭىز؟تىلفۇندا قىينئاتىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ھەئە دادا مەن ناھايتى ياخشى،ئۆيدە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟رەيھانگۈل ئۇنىڭغا...
-چوڭ ئىش يوق بالام،شۇ ئۇنىڭ ئەھۋالى كىچىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قىلىپ ھازىر دوختۇرغا ئىلىپ ماڭدۇق.بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتمەڭ،دەرھال دوختۇرخانىغا بىرىڭ،شۇ يەردە كۆرۈشەيلى خوش ئەمسە.
راخمان ئالمان-تالمان كىيىملىرىنى كىيدى،دە دەرھال دوستى ئەكىرەمگە تىلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئىيتتى.
-ماقۇل ئاداش ھازىرلا بارىمەن،تەييار بولۇپ تۇرغىن...دىدى ئەكىرەم.
ئەكىرەم راخماننىڭ ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بىللە ئوقۇغان يىقىن ئاغىنىسى بولۇپ بىر مەھەللىدىن ئىدى.ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن پىراۋا ئىلىپ تاكسى شوپۇرى بولغانىدى.
بەش مىنۇتقا قالماي ئەكىرەم دەرھازا ئالدىدا ھازىر بولدى.ئۇ ماشىنىغا چىقتىدە بول ئاداش قىيىنئاتامنىڭكىگە،ياق دوختۇرخانىغا ھەيدە...
يىرىم كىچە بولغاچقىمىكىن يول ئۇلارغا ئوڭچە قالغاچقا ماشىننى قۇيۇندەك قويىۋىتىپ بىردەمدىلا دوختۇرخانا قورۇسى ئىچىگە كىرىپ كەلدى.ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىنلا دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى سىگىنال چالغانچە دوختۇرخانا قوروسىغا كىرىپ توختىدى.راخمان ماشىندىن چۈشىۋاتقان قىينئاتىسىنى كۆردى دە يۈگرەپ ئۇنىڭ يىنىغا باردى.دوختۇلار چاقماق تىزلىكىدە رەيھانگۈل ياتقۇزۇلغان ھارۋىنى قولمۇ-قول ماشىندىن چۈشۈرۈپ جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئەكىرىپ كىتىشتى.
راخمان يولدا كەلگۈچە ئۆيگە تىلفۇن قىلىۋەتكەن بولسا كىرەك،بەھرام شۈجىمۇ ئايالى بىلەن يىتىپ كەلدى.ئۇلار ئەنسىرەش،جىددىيلىشىش ئىلكىدە ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ ناھايتى تەسلىكتە ئۆتكۈزۈۋاتاتتى،تەخمىينەن بىرەر سائەتلەردىن كىيىن بىر دوختۇر چىقتى .
-بىمارنىڭ ئائىلىسى...
مانا بىز دەپلا يۈگرەپ كەلدى راخمان،چوڭلارمۇ ئارقىدىنلا يىتىپ كىلىشتى.
-دوختۇر،ئايالىمنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ ئۇنى كۆرۈپ چىقسام بولامدۇ؟دىدى راخمان جىددىيلىشىپ.
-جىددىيلەشمەڭ ئەپەندىم،ھازىر كىرىشكەبولمايدۇ،ئايالىڭىزنىڭ تۇنجى تۇغۇتى ئىكەن شۇڭا بىز ئامالنىڭ بارىچە ئوپراتسىيە قىلماي ئۆزىنى تۇغدۇماقچى بولۇۋاتىمىز،ئامال بولمىغاندا ئاندىن ئوپراتسىيە قىلىمىز،ھازىرچە ئەھۋال ياخشى شۇڭا ئەنسىرەپمۇ كەتمەڭلار!
ھەممەيلەن ئولتۇرغان يەرلىرىگە قايتتى،ئىككى ئانا ئولتۇرۇپ ئىچىدە نىمىلەرنىدۇر ئوقۇۋاتاتتى.بەھرام شۈجى بىلەن زاكىر ئەپەندى بىرچەتتە تۆۋەن ئاۋازدا نىمىلەرنىدۇر دىيشىۋاتاتتى.راخمان جىددى قۇتقۇزۇش ئۆينىڭ ئالدىدىن قەدەم نىرى بولماي قاراپ تۇراتتى.
رەيھانگۈلنىڭ ئىككىنچى قىتىم تولغاق تۇتۇپ ھوشسىزلانغانچە تىخىچە ھۇشىغا كەلمەي تۇراتتى.ئۈچ ئايال دوختۇر جىدديلىشىپ ئۇنىڭ ئەتراپىدا پايپىتەك بولىۋاتاتتى.بىرى چىكىسىنى ئۇۋۋلىسا يەنە بىرى ئالقانلىرىنى ئۇۋۋىلايتى.بىرئازدىن كىيىن ئۇ ھوشىغا كەلدىدە ئازاپ بىلەن ئىڭراپ كەتتى.دوختۇرلار ئۇنىڭغا مەدەت بىرىپ،بەرداشلىق بىرىڭ سىڭلىم ئازقالدى،سەل كۈچەڭ...مانا ھازىرلا...قىنى يەنە بىر...يەنە بىر ...
ئىڭە...ئىڭە... جۈمە كۈنى سەھەر بامدات ۋاقتى بىلەن بالا تۇغۇلدى،بالا توغۇلۇشى بىلەن رەيھانگۈل يەنە ھالسىزلىنىپ ھوشىدىن كەتتى.راخمان بوۋاقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىتىلىپ كىردى،ئارقىدىن چوڭلارمۇ يۈگرەپ كىرىپ كەلدى.
مۇبارەك بولسۇن!گۈلدەك بىر قىز پەرزەنتلىك بوپسىلەر سىلەرنى تەبرىكلەيمەن،دىدى بوۋاقنىڭ كىندىكىنى كىسىپ يۆگەككە يۆگەۋاتقان دوختۇر.
راخمان دەرھال رەيھانگۈلنىڭ يىنىغا كەلدى،چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن رەيھانگۈل ھوشسىز ياتاتتى.بىر دوختۇر ئۇنىڭ چىكىسىنى ئۇۋۋىلاۋاتاتتى.
-دوختۇر!ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولماس؟سورىدى راخمان.
ياق ھىچ ئىش بولمايدۇ،بەك ھالسىزلىنىپ كەتتى،بىر ئاز ئارام ئالسا ھوشىغا كىلىدۇ.
راخمان ئۆرۈلۈپلا بالىسىنى قولىغا ئالدى.يەۋرىنىپ كەتكەن بوۋاق قىقىراپ يىغلاپ كەتتى.بالا قولدىن قولغا ئۆتۈپ ھەممەيلەن بىر قۇر كۆرىۋالغاندىن كىيىن راخمان قايتىلاپ قولىغا ئالدىدە پىشانىسىگە ئاتىلىق مىھرى بىلەن سۆيۈپ قويدى،يەڭگىل تەۋرىتىپ يىغىسىنى بەزلەپ ئايالىنىڭ قوينىغا سىلىپ قويۇپ چوڭلارغا:
-بۇ يەردە مەن بولغاندىكىن ئەمدى سىلەر قايتىپ كىتىڭلار،ھەممىمىز بويەردە تۇرۋالساق ياخشى بولمايدۇ.دىدى.
-ياق ئاۋۋال ئۇ ھوشىغا كەلسۇن ئاندىن بىر گەپ بولار،دەپ ئۇنىمىدى چوڭلار.
-ئەمسە مەن چىقىپ ناشتىلىق ئەكىرەي،ناشتىنى بىللە قىلايلى،راخماننىڭ دادىسى شۇنداق دەپ سىرتقا مىڭۋىدى زاكىر ئەپەندىمۇئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقىپ كەتتى.
سۇ...
رەيھانگۈل بىرئازدىن كىيىنلا سۇ...دىگىنچە ھوشىغا كەلدى.راخمان دەرھال ئىستاكانغا چاي قۇيۇپ ئەكىلىپ بىر قوشۇقتىن ئىچكۈزدى.
مىنىڭ بالام...دىدى رەيھانگۈل گەز باغلاپ كەتكەن كالپۇكلىرىنى تەسلىكتە مىدىرلىتىپ.
ھەئە...مانا بىزنىڭ بالىمىز،قارا رەيھان ساڭا نىمىدىگەن ئوخشىغان، قىز ئىكەن.
ئۇھ...خۇداغا مىڭ شۇكرى...ئۇ بوۋاقنى ئانىلىق مىھرى بىلەن قولىغا ئىلىپ ئويماقتەك ئىغىزىغا سۆيۈپ قويغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا تۇنجى ئانا سۈتىنى ئەمگۈزدى.
ئۇنىڭغىچە ناشتىلىققا چىقىپ كەتكەنلەر كىردى.ھەممەيلەن بىرگە ئولتۇرۇپ خۇشال كەيپىياتتا ناشتا قىلىشتى.ئاندىن چوڭلار:
بىز قايتىپ كىرەكلىك نەرسىلەرنى ئىلىپ كىلەيلى دەپ قايتىشتى.ئۇلار ياتاقتا يالغۇز قالغاندا راخمان:
-ساڭا كۆپ رەھمەت خوتۇن،سىنى تەبرىكلەيمەن.دىدى.
دوختۇرلار بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردىن كىيىن :
بىر ھەپتىدىن كىيىن دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدۇ،بۇ مەزگىلدە قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى يىگۈزۈڭ،ئوبدان ئارام ئالسۇن،دەپ چىقىپ كىتىشتى.
بالا تۇغۇلۇپ ئۈچىنچى كۈنى بالىغا ئىسىم قويۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىندى.رەيھانگۈلگە راخماننىڭ يەڭگىسى ھەمراھ بولۇپ دوختۇرخانىدا قالدى.باشقىلار بالىنى ئىلىپ ئۆيگە ئەكەتتى.مەسچىتتىن يانغان جامائەتكە داستىخان سىلىنىپ ئاندىن بالىغا ئىسىم قويۇلدى.بالىغا ئەر-ئايال بۇرۇن كىلىشكەن بويىچە «رازىيە»دەپ چىرايلىق ئىسىم قويۇلدى.ئۇلار بۇ ئىسىمنى ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكىمى بويىچە قۇرئاندىن تاللاپ ئالغانىدى.