gultan يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 12:01 AM
گۈلچى قىزنىڭ گۈل سىماسىنى،
ئىزدەپ قالدىڭ نىمىشقا بۇنچ ...
يىراق سەھرا- قايناق شەھەردە،
بىر سىما بار پەرىشتە كەبى.
ئۆزى ئىشچان غۇرۇر ۋىجدانلىق،
ھالال ئىشلەر تالماي جۇپ قولى.
يىراق سەھرا- قايناق شەھەردە،
يالقۇنلايدۇ مۇھەببەت ئۇتى.
مىسكىن ۋىسال چاڭقار بۇيۇنداپ،
ئىككى قۇتۇپ تىۋىنغان كەبى.
يىراق سەھرا- قايناق شەھەردە،
تىپچەكلەيدۇ جۇپ سىزىم ھىسى.
ئىككى تىنىق ئىككى قىرغاقتا،
بەرھەق مۈشكۈل پاك ۋىسال يولى.
يىراق سەھرا يىراق شەھەردە،
بولمىغان كىم- كىمنىڭ ئاشىقى.
گۈزەل ئەخلاق- ئىشەنچ بولغاچقا،
ھامان كۈلدۇ گۈلچى قىز دىلى.