مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2638|ئىنكاس: 15

فېردون:ئاللاھ ۋە مۇرەككەپ مەۋجۇدات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108848
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 194
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-7-31
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 02:17:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاللاھ ۋە مۇرەككەپ مەۋجۇدات


جون ۋىليام كىلس [1]


(ئېرسىيەت ۋە ئېكولوگىيە ئالىمى)


تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئېدرىس



ئىلاۋە: ‹‹قارىمامسەنكى، ئاسماندىكىلەر، زېمىندىكىلەر، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋانلار ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ(يەنى بويسۇنىدۇ). نۇرغۇن كىشىلەر(ئاسىيلىق قىلىپ) ئازابقا لايىق بولدى. ئاللاھ خار قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ.›› [ھەج سۈرىسى 18-ئايەت]

ھەر قېتىم مۇشۇ تېمىدا قەلەم تەۋرىتىشنى ئويلىساملا، كۆڭلۈمگە: ‹‹ئاسمانلار ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنىڭ دەلىلى بولۇپ، ئاسماننىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مۇكەممەللىك ئۇنىڭ يارىتىلىشىنىڭ تۇنجى كۆرۈنىشى ۋە ئەسلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ›› دېگەن ئەڭ كونا ئىككى ھېكمەت چاقناپ كېتىدۇ. بىراق دەلتە ئىنسانلارنىڭمۇ ئۆزلىرىچە: ‹‹ئۇنداق تەڭرى-ئىلاھ نەدە بولسۇن؟›› دېگەنلەرنى دەپ تاشلايدىغانلىقىدا گەپ يوق. ئۇنىڭدىن تاشقىرى بىز قايسى پەدىدە كۆزەتمەيلى ۋە ئويلىمايلى، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان بۇ ئالەم-بۇ بارلىقنىڭ قۇرامىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە مۇرەككەپلىكى شۇ چەككە يەتكەنكى، ئۇنى قانداقتۇر بىر ئۇشتۇمتۇتلۇقتىن كىيىن يارالغان دىيىش مىش-مىش گەپ بولۇپ قالىدۇ-ئەلۋەتتە.
دېمىسىمۇ، بۇ ئالەم قايسى بىر باققۇچى ۋە باشقۇرغۇچىغا قارام بولۇپ قالغان ۋە كۆرمەسكە سېلىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر تالاي ئالىپتە ۋە چىگىش ئىشلارغا تولغان؟! كىشى بۇ يەرگە كەلگەندە، ئىلىم-پەننىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى تېپىشماقتەك بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىنىڭ بارار-تۇرارىنى يەنىمۇ چۈشىنىشىمىزگە ياردەم قىلىشىغا ئىشەنمەي تۇرالمايدۇ. تېخى شۇلار ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھقا بولغان تونۇشىمىز ۋە ئۇنىڭ بارلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىز ئېشىپ بارغۇسى. بۇ ئالەمنىڭ ھاڭ-تاڭ قالارلىق خىلمۇخىل ئىشلىرى قاتارىدىن شەيئىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۈزلۈكسىز ماسلىشىش مۇناسىۋىتى بويىچە كۆپلىگەن ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ.
خوش، ئۇنداقتا، ياسىمەن ياكى ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىن بولغان يوكا ئۆسۈملۈكى بىلەن يوكا كېپىنىكى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىمۇ ئەنە شۇنداق ھاڭ-تاڭ قالارلىق مۇناسىۋەتلەردىن بىرى دېيىشكە بولىدۇ.
ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىن بولغان بۇ گۈلنىڭ چېچىكى دائىم تۆۋەنگە قاراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ چېچىكىنىڭ ئانىلىق ئورنى ئاتىلىق ئورنىدىن ئىچكىرى ۋە يېپىقراق بولىدۇ. چېچەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاچىسىمان ئويمان-چېچەك باغرى بار بولۇپ، چاڭ دانچىلىرى مۇشۇ يەردە ئۇچۇرىشىدۇ. بىراق ئۇنىڭ شۇنچە يېپىق ۋە يوشۇرۇن چېچەك باغرىغا چاڭ دانچىلىرىنىڭ ئۆزىچە چۈشۈشى مۇمكىن بولمايلا قالماستىن، تېخى بىز ئويلاپ يەتمىگەن بىر ئەلچى-يوكا كېپىنىكىنىڭ ئەمگىكى بىلەنلا ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ كېپىنەك ئۆز ئىشىنى كۈن ئولتۇرۇپ كۆپ ئۆتمەيلا باشلىۋېتىدۇ. ئۇ شۇ يولغا چىققانچە ھەر تۈرلۈك گۈل-چېچەكلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ، بىر مۇنچە چاڭ دانلىرىنى توپلاپ ئالىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خۇددى مۇشۇ ئىش ئۈچۈنلا يارالغان تولىمۇ ئەپلىك ئېغىزىدا ساقلاپ يۈرىدۇ. ئاندىن بۇلارنى ئېلىپ باشقا تىپتىكى ئۆسۈملۈكلەر قېشىغا ئۇچۇپ بېرىپ، بايا دېگەن چېچەك باغرىدىكى ئانىلىق تۇخۇمداننى ئايىغىدىكى ئەپچىل نەشتىرى بىلەن تېشىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى خۇددى يىڭنىگە ئوخشاپ كېتىدىغان يېپىشقاق چاڭدانلارنى ئانىلىق چاڭ تۇخۇملىرى بىلەن بىر-بىرلەپ جۈپلەشتۈرگىنىچە، چېچەك ئاستىغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ، چېچەك تۈۋىگىچە بارىدۇ. بۇ چاغدا كېپىنەك ئۆزى توپلىغان چاڭ دانلىرىنى چېچەك باغرى ئۈستىدە تۈگۈنەك شەكىلدە تاشلاپ كېتىدۇ. ئاندىن بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گاھى بىرلىرى ئەشۇ كېپىنەك لېچىنكىلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولۇپ ئۆتسە، گاھى بىرلىرى ھاياتلىق ئۈچۈن كېرەكلىك رولىنى ئۆتەيدۇ.
ئۇندىن باشقا ئەنجۈر دەرىخى بىلەن چاققاق قارا ھەرە توپى ئارىسىدىمۇ دەل بايىقى ئۈزلۈكسىز ماسلىشىش مۇناسىۋىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل مۇناسىۋەت بولۇپ، بۇنىڭمۇ كۆزىتىش قىممىتى خېلى يۇقىرى.
دەسلەپتە بۇ دەرەخنىڭ ھەر قايسى بىخ ئورۇنلىرى چىشى ۋە ئەركەك چېچەكلەردىن ئوخشاش قۇرلاشقان چېچەك كۆزلىرى چىقىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا يەنە بىر يەردە پۈتۈن چېچەك تىپى چىشى بولغان ئۆسۈملۈكلەر بولىدۇ. بۇ ئىككى تۈرنىڭ ھەر ئىككىسىدىلا ئانىلىق چېچەكلەرنىڭ چاڭلىشىشىنى چىشى ھەرىلەر ئىشقا ئاشۇرىدۇ. چېچەك تۈگۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە پۇختا يوشۇرۇۋالغان گۈل تەخسىسى بەكمۇ پۈتەي(تېشىلمىگەن) ھالەتتە بولىدۇ. ئانىلىق ۋە ئانىلىق چېچەكلەرمۇ ئوخشاشلا بىرەر يوچۇق يوق دېگۈدەك بەكمۇ پۈتەي ھالەتتە بولۇپ، ئۇنى بىر قەۋەت قۇيۇق گۈل ياپرىقى ئوراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدا ئۇنىڭ ھەرىنىڭ گۈل تەخسىسىنىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىمۇ خېلى قىيىن ئەھۋالدا ئىشقا ئاشىدۇ. ھەتتا تۈگۈنچەك ئىچىگە كىرمەكچى بولغان ھەرە بەزىدە ئۆز قاناتلىرىنى سۇندۇرۇپ قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھەرە مىڭبىر مۇشەققەتتە بۇ سىرلىق ئۆڭكۈرگە كىرگەندىن كىيىن، ئانىلىق ۋە ئاتىلىق بارچە چېچەكلەرنى بىر-بىرلەپ يوقلاپ چىقىدۇ. كىرگەن ھەرە چىشى بولسا، شۇ يەردە تۇخۇم تۇغقاندىن كىيىن ئۆلۈپ قالىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ تۇخۇمى ئاستا-ئاستا قۇرتلايدۇ ۋە زەمبۇرۇغلار بىلەن جۆيلىشىپ كۆپىيىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك ئۆڭكۈرىدىن ئېغىر ئاياغ چىشى ھەرىلەردىن باشقا ئەركەك ھەرىلەر چىقالماي ئۆلۈپ قالىدۇ. ئەشۇ چىشى ھەرىلەر گۈل-چېچەكلىرىدىن چىققۇچە ئۆز تېنىگە يۇقتۇرىۋالغان چاڭ-دانلىرىنى يەنە يېڭى-يېڭى گۈل-گىياھلار قېشىغا ئېلىپ بارىدۇ.
ناۋادا بۇ يېڭى گۈللەرنىڭ چېچەكلىرىدە ھەم ئانىلىق ھەم ئاتىلىق چېڭى بولسا، چاڭلاشتۇرۇشنىڭ جەريانى يۇقۇرىقىدەك ئاياغلىشىدۇ. ئۇنداقمۇ بولماي، يالغۇز ئانىلىق چېچەكلا بولۇپ قالسا، چاڭ ئېلىپ كەلگەن كېپىنەك تۇخۇم قويالماستىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنداق بولۇشى يالغۇز كەلگەن ئانىلىق چېچەك بىر ئاز ئۇزۇن بولۇپ، ھەرە تۇخۇم قويۇش ئۈچۈن چېچەك تۈۋرۈككە يېقىنلاشقىلى ھەپىلەشكەن ئارىلىقتا تېنىدىكى باشقا يەردىن ئېلىپ كەلگەن بىر مۇنچە چاڭ دانلىرىنى چېچەك چاڭدانلىرىغا يۇقۇشتۇرۇپ بولىدۇ. ئاندىن چېچەك ئۇرۇقلىنىپ، ئەنجۈر مېۋىگە كىرىدۇ. ئەنجۈر ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا دەستلەپ كىرگۈزۈلگەن چاغلاردا مېۋە بەرمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەنجۈرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كونسېرۋا قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش دېگەنلەر بولمىغان. بۇ ئىشلار پەقەت چاڭ تارقاتقۇچى كېپىنەكلەر بۇ يەرگە ئۆگىتىلگەندىن كىيىنلا بارلىققا كەلدى.
قۇرۇقلىقىمىزدا ھاشارەتلارنى گۈلى ئىچىگە قامىۋېلىپ، ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان بىر تۈركۈم ئۆسۈملۈكلەر بار بولۇپ، بۇلاردىن ‹‹سولاقلىق چاڭ›› دېگەن بىر خىل قەپەزسىمان ئوتنى مىسال ئېلىشقا بولىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چېچىكى ئىككى خىل بولۇپ، بىرسى ئانىلىق، يەنە بىرسى ئاتىلىق چېچەك بولىدۇ. بۇ چېچەكلەر ئىچكىرىلەپ كىرگەنسېرى، تولىمۇ تارلىشىپ كېتىدىغان گۈل قەپىزى ئىچىدە يېتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى چاڭلاشتۇرۇشنى بىر خىل ئىنچىكە چىۋىن ئۈستىگە ئالغان. چىۋىن ئوت ئۆسۈملۈكىگە يېقىنلىشىپ، گۈلگە قونۇپ ئوتتۇرىدىكى تار رايوندىن ئۆرۈپ بولماستا، ئۆزىنى سولاق ئىچىدە كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئوپۇل-توپۇللا ئۇ يەرگە چۈشۈپ قېلىشى پۇت ئورنىنىڭ تارلىقىدىن بولماستىن، گۈلنىڭ ئىچكى ياپراق قىسمى بىر خىل شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ماددا بىلەن ئورالغان بولغاچقا، ھاشارەت پۇتى ياپراق ئۈستىدە توختىيالماي قەپەز ئىچىگە تېيىلىپ چۈشىدۇ. بۇ چاغدا ھاشارەت ئۇنىڭ ئىچىدە چىققىلى يوچۇق ئىزدەپ ساراڭلارچە ئايلانغىلى تۇرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن، ئاستىدىكى چېچەك چاڭدانلىرىدىن بىر مۇنچىنى ئۆز تېنىگە يېپىشتۇرىۋالىدۇ. .ئاز ئۆتۈپ گۈ قەپىزىنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى نەرسىلەرمۇ قېتىشىدۇ ۋە ھاشاراتمۇ چىقىپ كېتەلەيدۇ. ناۋادا ھاشارات يوقلىغان ئوت ھېلىقىدەك ئاتىلىق ئوت بولغاندا، ئىش بايىقىدەكلا ئاياغلىشىدۇ. ئەگەر ئانىلىق بولۇپ قالغاندا، ھاشارات ئۇنىڭ ئەشۇ قامىقىدىن چىقالماي، ،مەڭگۈلۈك مەھبۇس بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئېچىنىشلىق ئېلىشىۋاتقان ئەشۇ چاغدا، ئۆز تېنىدىكى چاڭلار بىلەن ئانىلىق چېچەكنى چاڭلاشتۇرۇپ بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىپ بولغان ھاشاراتنىڭ ئۆز قوينىدىن چىقىپ كېتىشى ئۆسۈملۈك ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بىلىنمەيدۇ-دە، ئۇنى تۇرغان يېرىدە ھېچ يەرگە سىلجىتماي بىر ياقىلىق قىلىپ تاشلايدۇ. شۇغىنىسى، ھاشارار ئاتىلىق ئوتلارغا دارىپ قالغان چېغىدا، قەپەزگە چۈشكەن ھاشاراتنى يەنە چىرايلىقچە يولىغا سېلىپ قويىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا ھاشارات ئۆز ئەلچىلىكىنى تولۇق پۈتتۈرگەن بولمىغاچقا، چېڭى ئېلىپ كېتىلگەن ئاتىلىق چېچەك ھاشاراتنىڭ ئانىلىق چاڭلارنى ئېلىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
ئەي كاللىسى ساغلام كىشىلەر! مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئاللاھنىڭ بارلىقىنىڭ ئېنىق پاكىتلىرى ئەمەسمۇ؟
بۇ ئاجايىپ ماسلىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ ھەممىسىنى نوقۇل تاساددىپىيلىق-ئۇشتۇمتۇتلۇق بىلەن پۈتكەن دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش بىزنىڭ ئېڭىمىزغا توغرا كەلمەيدۇ. بۇ چوقۇم بىر يۈكسەك كۈچ-قۇدرەت ۋە دانالىق بىلەن پىششىق كېلىشتۈرۈشنىڭ مەھسۇلى بولۇشى كېرەك-ئەلۋەتتە. ئۇندىن تاشقىرى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت تەڭپۇڭلىقىغا ئارىلىشىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان نۇرغۇنلىغان ئىش-كۈشلەردىمۇ ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئىسپات بولىدىغان نۇرغۇنلىغان پاكىتلارنى كۆرۈپ يېتىمىز. ئاۋىسترالىيە قۇرۇقلۇقىغا تۇنجى كۆچمەنلەر چۈشكەن چاغدا، بۇ يەردە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن پەقەت ‹‹دىجو›› دەيدىغان بىر خىل ئىتلار بار ئىدى. دەسلەپتە كۆچمەنلەر ئانا يۇرتى ياۋروپادىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇ يەردىكى توشقان شىكارى ۋاستىسى بىلەن ئېرىشىدىغان ئوۋ ئوۋلاش ۋە تەن چېنىقتۇرۇش پۇرسىتىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ قېلىشقان. شۇڭا ئۇلار ئاۋىسترالىيە يېرىدىكى بۇ خىل كۆڭۈلسىزلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ تۈردە تەبىئەتنى ياخشىلاش ئىشىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلاپ، توماس ئوستىن دېگەن ئادەم ياۋروپادىن بۇ يەرگە 12 جۈپكە يېقىن توشقان كەلتۈرۈپ باققان. بۇ دەل 1859-يىلىدىكى ئىشلار ئىدى. توشقانلار بۇ يەرگە كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن، ئۇلارغا بۇ يەردە ھېچقانداق تەبئىي كۈشەندە بولمايدۇ. شۇڭلاشقا توشقانلار بۇ يەردە تېزلىك بىلەن ئاۋۇيدۇ ۋە سانى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ، كۈتۈلگەن مۆلچەردىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈنۈمى يامان بولۇپ چىقىدۇ. كۈنسېرى غولداپ كېتىۋاتقان بۇ توشقانلار ھەر تەرەپكە يامراپ مال-چارۋىلارنىڭ يايلاق-ئوتلاقلىرىنى يەپ تۈگىتىۋېتىپ، بۇ يۇرتلار ئۈچۈن زور زىيانلارنى سالىدۇ. ئاخىرى بولماي توشقانلارنى تىزگىنلەشكە تۇتۇش قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يولىنى توراش ئۈچۈن پۈتۈن قۇرۇقلۇق بويىچە سوزۇلغان ئۇزۇنلۇقى 1000مىل كېلىدىغان تام سوقۇلىدۇ. شۇنچە ئۇرۇنۇشلارغا قارىماي، توشقانلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ ۋە توشقان توپلىرى بۇ تاملاردىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئاخىرى بۇلارنى تېزگىنلىيەلمەي بېشى قاتقان كىشىلەر ئۇنىڭغا بىر خىل زەھەرنى يەم ئورنىدا بېرىپ كۆرىدۇ. لېكىن بۇ چارىمۇ توشقانلارغا يېڭىلىشتىن باشقا ئۈنۈم بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنى تېزگىنلەشنىڭ زادىلا ئامالى تېپىلماي، توشقانلارنىڭ پاتپاراقچىلىقى ئىچىدە بىر نەچچە يىل ئاشۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ.
كىيىنكى يىللارغا كەلگەندە، بۇنىڭ چارىسىمۇ تېپىلىدۇ. كىشىلەر توشقانلارنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغان بىر خىل كېسەللىك ۋىروسى بىلەن يۇقۇملاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرماقچى بولىدۇ. بۇ، بىر خىل پالەچ كسىلى بولۇپ، توشقاننى ماڭماس قىلىپ قوياتتى. بۇنىڭ بىلەن، توشقانلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى بىز ئاز بېسىققاندەك قىلسىمۇ، ئۈنۈمى يەنىلا ئاستا بولغان.
كىيىنكى كۈنلەردە ئاڭلىشىمىزچە، بۇ خىل كېسەل تارقالغاندىن كىيىنمۇ توشقانلار تەن بەرمەي، خۇددى قەيسەر جەڭچىلەردەك خېلى ئۇزۇنغىچە كۈرەش قىلغان. ئاخىرى، توشقانلارنىڭ يامراپ كېتىشى تېزگىنلەنگەن ۋە كۆپ ياخشىلىنىشلار بارلىققا كەلگەن. ئون يىللارچە قاقاس قېلىپ ئوت-خەس، دەل-دەرەخسىز قۇملىشىپ كەتكەن رايونلار، گىياھ ئۈنمەس تاقىر تاغلار ياپ-يېشىل بوستانلىقلارغا ئايلانغان. چارۋاچىلىقمۇ ئۆز ئىزىغا چۈشكەن. شۇ خىل ياخشىلىنىشلار قاتارىدا چارۋا ئىشلەپچىقىرىشمۇ ئاۋۇپ، 1952-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدىكى چارۋا مەھسۇلاتى قىممىتى 84 مىليون فوندقا يەتكەن. بۇلارغۇ ئاۋىسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىشلار، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىزنىڭ ئامېرىكىدىمۇ خۇددى شۇنىڭدەك توشقان كىرزىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇنداق دېيىشىمنىڭ سەۋەبى چۈشۈنىشلىك بولسا كېرەك. ھازىر كىشىلەر بەس-بەستە ئېلىپ كېلىۋاتقان ياۋروپا توشقانلىرى ئامېرىكا يەرلىك توشقانلىرىغا ئوخشىمايدۇ. قىزىقىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان بۇ توشقانلارنى سان جون ئارىلىدىلا كۆرەلەيسىز. ئۇلار بۇ يەردە 1900-يىللاردىن بېرى پىنھان ھالەتتە ياشاپ كېلىۋاتماقتا. ئوۋچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئايرىم كىشىلىرى ئىلگىرىدىن تارتىپ كەڭ تارقىلالماي كېلىۋاتقان پاختا قۇيرۇقلۇق توشقاننىڭ ئورنىغا ئاشۇ سان جون توشقىنىنى پۈتۈن شىتاتلارغا تارقاتماقچى بولدى. ناۋادا شۇنداقلا بولۇپ قالسا، بۇنىڭ نەتىجىسىمۇ بىز كۈتكەن يەردىن چىقمايدۇ. چۈنكى سان جوندىن چىقىرىلغان بۇ ياۋروپا توشقانلىرى ئامېرىكىدا خۇددى ئاۋىسترالىيەدىكى توشقانلاردەك كۆپىيىۋېرىپ، ئاخىرىدا يىغىشتۇرۇپ بولغىلى بولماس بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلارچە بۇخىل كۆپىيىشنى تىنماي ئوۋ قىلىش ئارقىلىق توسۇپ قالغىلى بولغۇدەكمىش. شۇنىسى مەلۇمكى، بۇ يەردە ھەر تۈرلۈك تەدبىر قوللانسىمۇ، ئۇلار ئەنە شۇ ئاۋىسترالىيەدىكى قورقۇنچاق يىللارغا دۇچار بولماي قالمايدۇ. ئەمدى تېخىمۇ قىززىق يېرى شۇكى، بۇخىل چاشقان ۋىروسىنى ياۋروپادىمۇ ئىشلىتىپ كۆرگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ بەلگىلىك كۈچىنى كۆرسەتكەن. شۇ چاغدا ياۋروپادا بېقىلىۋاتقان توشقانلارنىڭ سانىمۇ كۈنسېرى ئارتىپ بېرىپ، ئۆز ئۇۋىلىرىنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى دەل-دەرەخ، باغ-ۋارانلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. مانا بۇ ئىشلارغا ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان فىرانسىيەلىك بىر دوختۇر بۇ يەرگە بىر بۆلۈك ۋىروسلارنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزى ئوۋ قىلىپ تۇتۇۋالغان ياۋاش توشقانلارغا سىناق قىلىپ ئۇرىدۇ. ئۈنۈم كۆرۈلگەندىن كىيىن، بۇخىل چارە ھەممە يەرگە تارقىلىپ قوللىنىلىشقا باشلايدۇ. شۇ ئىشتىن كىيىن فىرانسىيەدىلا ئەمەس، باشقا خوشنا ياۋروپا رايونلىرىدىكى توشقان سانىدىمۇ بىردىنلا ئازىيىش كۆرۈلىدۇ. كىيىن كىشىلەر بۇ خىل ئەھۋال توغرىسىدا بەس-بەستە غۇلغۇلا قىلىشىپ، بۇ ئىشقا بولغان ھەرخىل چۈشەنچە ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. بەزىلىرى: ‹‹ بۇ ئىش نامراتلار قاتلىمىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىدىغان گۆش زاپىسىنى ئازايتىۋەتتى›› دېسە؛ يەنە بەزىلىرى: ‹‹توشقانلار سانى ئازايتىلغاندىن كىيىنكى گۆش قىسلىقى ئورنىغا ئۆسۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشى ياخشىلىنىدىغان بولدى›› دېيىشتى.
بىز دەسلەپكى تېمىدىلا ئاللاھنىڭ بارلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى سۆزلەپ بولغان. ئەمدى كىيىنكى مىساللاغا كەلسەك، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئالدىن بىلەر ھېكمىتى ۋە تەدبىرىگە ئىسپات بولىدىغان ئىشلاردۇر.
ئاللاھ بارلىق تەبىئەت ساھەلىرىدە ياراتقان بۇ تەڭپۇڭلۇققا تولىمۇ نازۇك بىر ئىش قاتارىدا قارىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇنىڭغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇش بەرىبىر تۈگىمەس زىيانلارغا ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى كىم بولمىسۇن، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇن-پىرىنسىپلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ بېقىشتىن ئىلگىرى سوغوققانلىق بىلەن بۇ نوقتىنى ئويلاپ كۆرۈپ، ئۆپكىسىنى قاتتىق بېسىۋېلىشى كېرەك. دېمىسىمۇ، ئىنساننىڭ ھەر قانچە چىۋەر، چاققان بولۇپ كېتىشى ياراتقۇچىنىڭ ھېكمىتىنى بېسىپ چۈشەلمەيدۇ.

____________________
[1] ئېرسىيەتشۇناس، پىتىسبىرج ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان، كونكوردىيا پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسسورى، ئېرسىيەتشۇناسلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى، ئېرسىيەت ۋە ئېكولوگىيە ئالىمى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 05:42 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
guzal_atux + 39 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 02:33:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبىئەت-مۆجىزە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1371
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 03:41:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر مۇنەۋەر رەسىمنى رەسسام يارىـتىدۇ.

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 983
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1008 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 04:04:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاللاھتائالا تاغۇ_تاش، ئۆسۈملۈك، دەل_دەرەخ، قار، يامغۇر، ئىسسق، سوغۇقنى، قۇياش نۇرىنى، كىچە بىلەن كۈندۈزنى
بىزنىڭ پايدىلنىشىمىز ئۈچۈن ياراتتى، بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىز
تەپەككۇر قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئەقىل بەردى،
قانۇن قىلىپ قۇرئاننى نازىل قىلدى،

ئۇلۇغ ئاللاھتائالا ھەر نەرسىگە قادىردۇر ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالمىچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 04:06 PM  


ئۇيغۇر قىزلىرى پ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4982
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 04:49:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىمى ھەمدۇ سانا ئاسمانلارنى ۋە زىمىنى ياراتقان،زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان اللاھقا خاستۇر. ئاندىن( يەنى نۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۇپ تۇرۇپ)كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۇردۇ 165-ئايەت

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94936
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1055 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 05:45:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياراتقۇچىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى بۇ لوگىكا ھەرگىزمۇ ئاددىيلا ھالدىكى «بار، شۇڭا ئۇنى بار قىلغۇچى بار» دېگەن لوگىكا ئەمەس.
بۇنىڭدىن باشقا:
1. قانۇنىيەت ئەقىل ۋە ھېكىمەتنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا ئەقىلسىز قانۇنىيەت ۋە تۈزۈم بارلىققا كەلمەيدۇ، يەنى قانۇنىيەت مەۋجۇت ئەقىلگە (ياكى بىلىمگە) دالالەت. مەۋجۇتلۇق ۋە مەۋجۇتلۇق ھالىتى ئىككى ئۇقۇم، مەۋجۇتلۇق كۈچكە، مەۋجۇتلۇق شەكلى (يەنى قانۇنىيەت ۋە پىرىنسىپلار) بىلىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
2. مەۋجۇدىيەتنىڭ ئېھتىياجىنىڭ قامدىلىشى، ئاجىزلىقلىرىنىڭ تولۇقلىنىشى، مەۋجۇدىيەتنى تولۇق چۈشىنىدىغان بىر كۈچ ئىگىسىنىڭ بارلىقىغا دالالەت. يەنى مەسىلەن،ئىنساننىڭ كېسەل بولۇشى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىدا شۇنىڭغا ماس دورىنىڭ بولۇشدىن ئىبارەت ئىككى يەككە ھادېسىنىڭ بىر-بىرىگە جېپىسلىق مۇناسىۋىتى ئۇلارنىڭ بىر ئەقىل تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.
3. ھەممە نەرسە مەنپەئەت ياكى پايدا قىممىتى بىلەن ئۆلچىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئەسىردە، مەۋجۇدىيەتتىكى مىننەتسىز بېغىشلاشلار ۋە خالىس خىزمەت قىلىشلار (مەسىلەن:تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا بېرىۋاتقان ھاۋا، سۇ ۋە باشقىلارغا ئوخشاش بەدەلسىز نىئمەتلىرى) ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشتىن يەنىلا ئاجىز كەلگەن، ئۇلار 100 كوي بەرمىسە بىر كۈن ئىشلەشنى ھار ئالىدىغان ھالىتىدە، مەۋجۇداتتا ئىپادىلىنىۋاتقان كوللىكتىپ ھالەتتىكى بۇ خىل خالىسانىلىق ۋە مىننەتسىزلىكتىن قانداق مەقسەت كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى  ئويلىنىشلىرى تولىمۇ زۆرۈر بولىدۇ. بۇ خىل مەقسەت (ياكى سەۋەب) كائىناتنى ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالدى دەپ قارىغۇچىلارنىڭ "يوقلۇقتىن بار بولۇش"قىلا كارغا كېلىدىغان پەلسەپىلىرىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ماھىيەتتە، يوقلۇقتىن بار بولۇشلا ئەمەس، "بار بولغاندىمۇ نىمە سەۋەب بىلەن بار بولۇش" دېگەن تەپەككۇر يۈكسەكلىكىگە ئېلىپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قۇرئان كەرىمدە مەۋجۇداتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. يەنى بۇ يەردە ئاتېزىمچىلارغا قويۇلغان سوئال ئاددىي: سەنمۇ ئۆزلۈكىڭدىن يارىتىلىپ قالغان تۇرساڭ، كائىناتمۇ ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالغان تۇرسا، شۇنداق تۇرۇپ كائىنات نىمىدەپ ساڭا خىزمەت قىلغۇدەك؟ ياكى سېنىڭ ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ قويغىنىڭ بارمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھزۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 05:48 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 06:40:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمان بولۇپ يارالغىنىمغا يۈزمىڭ قېتىم شۈكرى ئېيتىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 07:05:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مىسرانىم مۇنبىرىغا مانا مۇشۇنداق ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىغىنى ئۇلۇغلىقىنى نامايان قىلىدىغان نادىر ماقالىلەر كىرەك بولىۋاتىدۇ. چۈنكى يېقىندىن بىرى مىسرانىمدا ئىسلامنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان ئىنكاسلارنى يازىدىغان دىنسىز ئۇيغۇرلىرىمىز پەيدا بوپ قېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەسەرلەر بەلكى ئۇلارغا ئىمان ئاتا قىلىشى مۈمكىن.......

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nurjula + 10 قوللايمەن!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109556
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 256
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 08:19:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2014-9-8 06:40 PM
مۇسۇلمان بولۇپ يارالغىنىمغا يۈزمىڭ قېتىم شۈكرى ئېيتىم ...

ئوخشاشكەنمىز   مەنمۇ شۇ

سەن ئەگەر بولساڭ يىگىت ئاسان ئىشنى مارىما ،
باشقىلار مەخپى ئىشىغا كۆز يېنىڭدىن قارىما .
ھەر ئەكەلسە ئۆز بېشىڭغا تەدبىرىڭنىڭ مىۋىسى ،
گەرچە مۈشكۈل بولسا تاغدەك يە ئۇنىڭدىن زارلىما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3570
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 523 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 09:37:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا  ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتنى ئۆزگەرىتمەكچى بولغانلار بالاغا قالىدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش