مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 915|ئىنكاس: 28

ھەققانىي: دۈشمىنىم (ساتىرا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 37501
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5750 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 11:08:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دۈشمىنىم

ئاپتۇرى:ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي

زۇكام بولسام ئۈچ-تۆت كۈن ‹‹ ئۆلدى›› دەپتۇ دۈشمىنىم،
‹‹ گاللىرىنى ئەزرائىل بوغدى ›› دەپتۇ دۈشمىنىم.
*
قايسى كۈنى شۇنچىكى مىت-كوت كەتسە سول پۇتۇم،
گەپ تارقىتىپ: ‹‹ بىلى چورت سۇندى ›› دەپتۇ دۈشمىنىم.
*
دوستلار ئارا چاقچاقتىن ھۇزۇرلىنىپ شوخ كۈلسەم،
‹‹ جان چىققاندا غەزەپتىن كۈلدى›› دەپتۇ دۈشمىنىم.
*
بىر ھەپتىلىك ساياھەت مەنزىلىدە ئايلانسام،
‹‹ ئۈيى ماجرا،ئۆتەڭدە قوندى››دەپتۇ دۈشمىنىم.
*
ئوڭ چېكەمدە چىكىتتەك مەڭ كۆرۈنسە،شاتلىنىپ-
‹‹ دوختۇر راك دەپ دېئاگنوز قويدى›› دەپتۇ دۈشمىنىم.
*
شېئىر يازسام ئىللەتكە دەرھال خەقنى ئېچىتىپ-
‹‹ ھەجۋى قىلىپ دەل سىنى  يازدى›› دەپتۇ دۈشمىنىم.
*
دۇتتار-تەمبۇر قولۇمدا ناخشا ئېيتسام-كۈي چالسام،
‹‹ سازنى تەتۈر پەدىگە چالدى››دەپتۇ دۈشمىنىم.
*
بىلمەپتىمەن سايەمدەك كۈندە ماڭا ئەگىشىپ،
باش قاتتۇرۇپ‹‹غىمىمنى›› بەكمۇ يەپتۇ دۈشمىنىم.
*
دۈشمەننىڭمۇ تۆھپىسى باركەن دوستلار ئاز-تولا،
بىخوتلۇقنىڭ مەزگىلى ئۆتتى دەپتۇ دۈشمىنىم.
*
بىلسەم غەمسىز-غۇبارسىز مۇشۇ ئاپپاق كۆڭلۈمنى،
قارا يىپتا-يىڭنىدە كەشتىلەپتۇ،دۈشمىنىم.
*
ياندا دۈشمەن بولمىسا دوست دىگەننىڭ نە قەدرى؟
بۇ ھېكمەتنى بىلمەكنىڭ پەيتى كەپتۇ ،دۈشمىنىم.
*
مەخپى نەشتەر سانچىغان دوستتىن دۈشمەن ياخشىراق،
ھۇشيار بولغىن ھەققانىي ئەمدى دەپتۇ ،دۈشمىنىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 01:54 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32308
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3440 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 01:43:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەخپى نەشتەر سانچىغان دوستتىن دۈشمەن ياخشىراق،
ھۇشيار بولغىن ھەققانىي ئەمدى دەپتۇ ،دۈشمىنىم


بەكمۇ توغرا دەپتۇ سىزنىڭ دۇشمىنىڭز.ھايات يولىدا سىزگە قارمۇ قارشى كەلگەن دۈشمەندىن ئارقىڭىزدىن ئەگىشىپ كەلگەن دۈشمەن خەتەرلىك.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6428
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 240762
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12525 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 01:49:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ھەققانى ئەپەندىم .

‹‹ دوختۇر راك دەپ دېئاگنوز قويدى›› دەپتۇ دۈشمىنىم.

بۇ مىسرادا بىر بۇغۇم ئارتۇق .

ئاخىردىكى ئۈچ كوبلىتنىڭ ئاخىرقى مىسراللىرى رىتىمدىن چىقىپ تېمىنىڭ ئاھاڭدارلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپتۇ ، توغرا كۆرسىڭىز  قايتا قاراپ چىقارسىز .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 01:49 PM  


مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4044 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 01:59:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېغىزى كۈلكە، دىلى جۇت كىشىلەردىن ھەممىمىزنى يىراق قىلغاي، كۆرۈنۈپ تۇرغان دۈشمەن كۆرۈنمەي كەلگەن بالا- قازادىن يامان دىگەندەك، ئەتراپىڭدا يۈرگەنلەردىن چىققان دۈشمەن ھەقىقىي چىن دۈشمەندۇر.

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27099
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 02:04:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاڭنۇر يوللىغان ۋاقتى  2014-9-8 01:49 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ھەققانى ئەپەندىم .

‹‹ دوختۇر راك دە ...

باشتىن ئاخىرى رېتىم، قاپىيە ۋە ئاھاڭدارلىقى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇغۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6526
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 02:19:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەخپى نەشتەر سانچىغان دوستتىن دۈشمەن ياخشىراق،
ھۇشيار بولغىن ھەققانىي ئەمدى دەپتۇ ،دۈشمىنىم

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3216
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9826
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3971 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 02:25:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yollar يوللىغان ۋاقتى  2014-9-8 02:04 PM
باشتىن ئاخىرى رېتىم، قاپىيە ۋە ئاھاڭدارلىقى شۇنداق ي ...

مەنمۇ شۇ قاراشتا.....

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.
attirim بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 03:14:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14861
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2614 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 03:42:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«دۈشمىنىم » دىگەن ماۋزۇنىڭ ئورنىغا «دوسلۇرۇم» ياكى «يىقىنلار» دەپ ئىلىنغان بولسا ھەقىقى ساتىرا بولغان بولاتتى دەپ ئويلۇدۇم. بۇ مىنىڭ شەخسى قارىشىم ئاپتۇرغا ۋە باشقىلارغا تاڭمايمەن.

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27099
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 04:11:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Danggal يوللىغان ۋاقتى  2014-9-8 03:42 PM
«دۈشمىنىم » دىگەن ماۋزۇنىڭ ئورنىغا «دوسلۇرۇم» ياكى «ي ...

ئۇنداق دېسە ساتىرا بولماي قەسىدە بولۇپ قالىدۇ!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش