كۈز يامغۇرى
گۈلتان
كۈز يامغۇرى سۆيدى زىمىننى ،
دەل-دەرەخلەر يۇيۇندى بىر رەت.
ئۇچۇپ چۈشكەن ياپراق يۈزىنى،
چىرمىۋالدى لىققىدە ھەسرەت .
ئېسىڭدىمۇ بۇلتۇرقى يامغۇر ،
نى كويلارغا سالمىغان سېنى .
يۈرۈگۈڭدە بولسىمۇ سۆيگۈ،
چىرمىۋالغان پۇشايمان دېغى .
ئاھ نىمانچە پىغانلىق كېچە ،
ئاھ نىمانچە ھەسرەتلىك يامغۇر.
كۆزلىرىڭگە بۇلۇتلار چۆككەن ،
قاتىل كەبى ھەسرەتلىك سەھەر.
ئايىغىڭدا دەسسەلگەن ياپراق،
ناتىۋاننىڭ ھەسرەتلىك زارى .
چېچەكلىگەن يۈزۈڭدە يامغۇر ،
ۋاپاسىزنىڭ بولمىغاچ كارى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-8 05:25 PM