مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3002|ئىنكاس: 19

قىيامەت چۈشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101912
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 648
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 10:05:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىيامەت چۈشى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 {7 D0 a: H. P; J+ c
(ھېكايە)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  y2 K! J& y, ^/ g' G
تۇرادىن ئابدۇرېھىم تاجىدار

1.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 g8 M3 {; J! j: P; n
مەھەللە كومتىت ئىشىانىسىدىكى ئۇزۇن ئۆچرەتتىن ئاران چىققان ھەجەرخان قولىدىكى مىجىلىپ،تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكەن يۈز كويلۇق پۇللار بىلەن كۆك رەڭلىك كىنىشكىنى ،تىۋىتلىرى چۈشۈپ، ئۆڭۈپ كەتكەن قارا دۇخاۋا ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ،ئىلغۇچ بىلەن ئىلدىدە ئۈستى-بېشىدىن قۇيىلىۋاتقان تەرلەرنى سۈرتۈشكىمۇ ئالدىراپ ئۆيىگە ماڭدى.دەرۋازا ئالدىدىكى ئاق ئۈژمىنىڭ سايىسىدا مۇڭدىشىپ ئولتۇرغان خوشنا ئاياللارنىڭ :بىردەم سايىداپ ئولتۇرسىلا،بىللە كېتىمىز.دىگەن گەپلىرى بىلەنمۇ كارى بولمىدى.بىر قولىدا كونىراپ كەتكەن قارا سومكىسىنى چىڭ سىقىمدىغان پېتى ئالدىراپ ماڭاتتى.يول بويىدىكى دۇكانلاردا دوغاپ ئىچىپ ئولتۇرغان كىشىلەرگە قاراپ تۈكىرىكىنى يۇتقىنىچە ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ ئۆيگە كەلدى.ھويلىدىكى كاۋا باراڭنىڭ ئاستىدىكى كارۋاتتا مۇزەپپەر تېلفۇندا بىرسى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى. چوڭ ئوغلى مۇختار خوشنا ناھىيىدە خىزمەتتە بولغاچقا ھەجەرخان كىچىك ئوغلى مۇزەپپەر بىلەن بىللە تۇراتتى.مۇختار ئايالىدىن قورقامدۇ ياكى خىزمىتى شۇنداق ئالدىراشمۇ،ئارىلىقى 80 كىلومېتىر كېلىدىغان ناھىيىدىن يىلدا بىر كېلىدىغان قۇربان ھېيتتىلا خۇددى ئالۋاڭغا كەلگەندەك كېلىپ،بىر كېچە قونا-قونمايلا كەتكىلى ئالدىرايدۇ.ئايدا بىرەر قېتىم تېلفۇن قىلسا قىلىدۇ،بولمىسا بىچارە ھەجەرخان مەھەللە دوقمۇشىدىكى ئايسىخاننىڭ دۇكىنىدىن نىسىي بولسىمۇ تېلفۇن قىلىدۇ.چوڭ ئوغۇلنىڭ قىلىقلىرىدىن كۆڭلى ئاغرىپ تۇرغان ھەجەرخان پۈتۈن ئۈمىدىنى كىچىك ئوغلى مۇزەپپەرگە باغلىدى.شۇنى تېزراق بىر ئۆيلەپ خاتىرجەم بولسام،دەپ خىيال قىلاتتى موماي.ئۇنى دادىسىدىن كىچىك يىتىم قالدى،كۆڭلىنى رەنجىتمەيمەن دەپ شۇنچىلىك ئەتىۋارلايتتىكى،مەھەللىدىكىلەرمۇ ھەيران قالاتتى.ئۆيدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە مۇزەپپەر كىچىكىدىن تارتىپ چوڭچى بولۇپ ئۆستى.ئاز نەرسىنى ياراتمايتتى.ھەممە بالىلار بەش مو،بىر كوي ئېلىپ مەكتەپكە ماڭسا،ئۇ بەش يۈئەن ئالمىسا ماڭمايتتى.پۇل خەجلەشتىن باشقىنى ئۈگەنمىگەن مۇزەپپەر تولۇقسىز ئوتتۇرىنى ئاران تۈگەتتىدە،جەمىيەتتىكى سالپا-ساياق دوستلىرىنىڭ سېپىگە قوشۇلدى.شۇنداق چاغلاردا ھەجەرخان مەرھۇم يولدىشى ئىسمايىل مۇدىرنى ئەسكە ئالاتتى:ھەي،شۇ ئادەم بولغان بولسا بالىلار مېنى بۇنچە خاپا قىلماس ئىدى.مانا ھەش-پەش دىگىچە ئىسمايىل مۇدىرنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە 13يىل بوپتۇ.شۇ خەخنىڭ ئىشىغا ئارلاشمىغان بولسا ئۇنداقمۇ بولماستى.ئىسمايىل مۇدىر مۇشۇ مەھەللە كومتىتنىڭ ئۇزۇن يىللىق مۇدىرى بولۇپ،13 يىل ئىلگىرى ھاراق ئىچىۋالغان بىر قارا نىيەت يېرىم كېچىدە مەھەللىدىكى تۇل موماي ئاينىساخاننىڭ ئۆيىگە كىرىپ،ئۇنىڭدىن پۇل تەلەپ قىلىپ قورقۇتىۋاتقاندا،كېچىلىك چارلاشقا چىققان ئىسمايىل مۇدىر بۇ ئىشنى بىلىپ دەرھال تامدىن ئاتلاپ ھويلىغا چۈشۈپ،ئۇ قارا نىيەت بىلەن ئېلىشىدۇ.قارا نىيەت ياش ھەم كۈچلۈك بولغاچقا 50 دىن ئېشىپ قالغان مۇدىرنىڭ ئۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدۇ.ھويلىدىكى تاراق-تۇرۇق ئاۋازدىن ئويغىنىپ كەتكەن خوشنىلار دەرۋازىنى بۇزۇپ ھويلىغا كىرگەندە ئىسمايىل مۇدىر بەدىنى قىپ-قىزىل قانغا بويالغان ھالدا قارا نىيەتنىڭ پۇتىغا چىڭ ئېسىلىپ تۇراتتى.خوشنىلار قورقۇپ ھۇشىدىن كەتكەن ئاينىساخان بىلەن ئىسمايىل مۇدىرنى كۆتەرگىنىچە ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئاپاردى.ئەپسۇس،ئىسمايىل مۇدىرنىڭ ئۆپكىسىگە كىرگەن پىچاق بەك چوڭقۇر بولغاچقا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي،بامدات ۋاقتىدا بۇ دۇنيادىن كەتتى.شۇ چاغدا مۇزەپپەر تېخى ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن،مۇختار تېخى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيتتى.شۇ ۋەقەدىن كېيىن ھۆكۈمەت ھەجەرخان ئائىلىسىگە 3 كىشىلىك تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن.شۇ پۇل بولمىغان بولسا مەن قانداق قىلار ئىدىم دەپ ئويلاپ كېتىدۇ ھەجەرخان بەزى.بىچارە ھەجەرخان قاچانلاردا يېڭى كىيىم كىيگىنىنى ئەسلىيەلمەيدۇ.ئەمدى 18 ياشقا كىرگەن مۇزەپپەرنىڭ بولسا كىيىشى داڭلىق ماركا،ئىشلىتىشى ئايفون.ئانىسى ئىككىسىگە بېرىدىغان 600 كوي تۇرمۇش پۇلى ئۆيگە خىراجەت قىلىش ئەمەس، مۇزەپپەرنىڭ خىراجىتىگىمۇ يەتمەيدۇ.ھەجەرخان بىر ئاي توشقىچە دۇكانچى ئايسىخانغا نۇرغۇن قەرز بولىدۇ.مەرھۇم ئېرىنىڭ يۈزىدىنمۇ ياكى ھەجەرخاننىڭ يۇۋاشلىقىدىنمۇ،مەھەللىدىكىلەر ھەجەرخاننى بەك ھۆرمەتلەيدۇ،نىمە لازىم بولسا بېرىدۇ.تاكى ئۆزى قايتۇرۇپ بەرمىگىچە ئېغىز ئاچمايدۇ.ئوغلىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان خىراجىتىگە چىدىمىغان ھەجەرخان ئاخىرى مەھەللە كومتىتدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن 60 يېشىدا بىر شەىسى دوختۇرخانىدا تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقىلى 3 ئاي بولدى. بۈگۈن 7-ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنى،مۇزەپپەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى.يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشنى بىلمەيدىغان مۇزەپپەر ناھىيە بازىرىدىكى ئەڭ ئاۋات بولغان<يۇلتۇز>رېستۇرانىدىن ئىككى ئۈستەللىك مېھمانغا ئورۇن زاكاز قىلىپ قويغىلى بىر ھەپتە بولدى. ھەجەرخاننىڭ ئالدىراپ كېلىشىمۇ دەل مۇزەپپەرنىڭ ئەتىگەن ئانىسىغا:<چېسلاغا يەتتە بولغاندا بېرەمدىكەن ئۇ پۇلنى؟ئۆزلىرىنىڭ مائاشىنىغۇ 1-2-چېسلا ئېلىپ بولۇشىدۇ،بىزدەكلەرنى ئويلىمايدىكەندە ئۇ دىۋانىلار.پۇلنى تېزرەك ئېلىپ كېلەسە جۇمۇ،يەنە كەچكىچە ھېلىقى ۋات-ۋات خوتۇنلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرماي.ئاينىگار بىلەن بازارغا چىقىدىغانغا دىيىشىپ قويغان.بەك تېز كەل> دىگەن گېپىنىڭ سەۋەبىدىن ئىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ f& Q; K4 z4 D8 P-<بالام،شۇ پۇلنى بەرمىگەن بولسا قانداقمۇ قىلاتۇق،ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمىگىن،مەھەللە كومتىتتىكىلەرمۇ يامان قىلمىدى،داداڭدىن قالغاندىن بۇيان نىمە تارقاتسا بىزگە ئالدىدا بېرىۋاتىدۇ،سېنى نەچچە قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسا ئىشلىمىدىڭ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# J3 A3 h" L, Eداداڭنىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسا،سەن ياش بولغاندىكىن پۇلنى ئاللىبۇرۇن توختىتىۋىتەتتى.>دىدى ھەجەرخان.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 V+ |5 O! q( T3 y$ ]
          -ۋاي-ۋۇي،ئاپا،يەنە ئاغزىڭ ئېچىلدى سېنىڭ،ھەجەپ تويمايسە ئاشۇ كومتىتتىكى خەخكە.بەرگىنى شۇ ئايدا يىلدا بىرەر خالتا ئۇنغۇ،ھېلى ئۇ ئىش،ھېلى بۇ ئىش دەۋاتقان،نەدىكى مەينەت ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرسا كىم ئىشلەيدۇ ئۇ زاۋۇتۇڭدا؟ياخشىراق ئىش چىققىچە ساقلاپ باقاي،سەن ئىشلەۋاتقاندىكىن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. R! \2 ~# V& X& f7 _/ I- ماقۇل،بالام،ماقۇل،مانا ماۋۇ سەن دىگەن 300 كوي پۇل.دەپ يانچۇقىدىن پۇلنى ئېلىپ تەڭلىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" I* K5 R3 g( i5 Y/ l-ئاران مۇشۇما؟قېنى قالغىنى؟                               بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 q, Y2 V# a4 Z+ _4 j* w
-بالام،ماۋۇ مەھەللىدىكى توي-تۆكۈن،ئادىمەتچىلىك ئىشلىرىغا خوشنىمىز پاتەم ئاپاڭدىن پۇل سوراۋېرىپ 200 كوي قەرز بوپتىمەن.ئايسىخاننىڭ دۇكىنىغا 100 كوي قەرز بوپتىمەن.شۇلارنى بەرمىسەم بولماس؟مۇشۇنى يەتكۈزۈپ تۇرامسەن بالام؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# R& @" v# g" g-بۇنچىلىك پۇلۇڭ نىمىگە يېتەتتى؟نەچچە كۈندىن كېيىن سېنىڭ مائاشىڭ چىققاندىن كېيىن قەرزىڭنى شۇ چاغدا بېرىۋىتە بولدى.ئەكىلە پۇلنى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! h0 [) B9 l. O  H9 R/ E; K
مۇزەپپەر شۇنداق دەپلا ھەجەرخاننىڭ قولىدىكى قالغان پۇلنى سۇغىرىپ ئالدى.ۋە:خوش،ئاپا،كەچتە ئۆزۈڭ تاماق قىلىپ يەۋەرگىن،مەن سەل كەچرەك كىرىمەن ھە،دىگىنىچە ئاپئاق توكسىكلىتىنى ۋاقىرىتىپ چىقىپ كەتتى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 R( V7 U4 I" h9 t6 k
2بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- ^& M, g, f6 a2 c
ھەشەمەتلىك بېزەلگەن<يۇلتۇز>رېستۇرانى.زالنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدىكى ئىككى ئۈستەلدە ئولتۇرغان قىز-يىگىتلەر قىقاس-چۇقان بىلەن زالنى بېشىغا كىيگەن ئىدى.سەھنىدىكى ناخشىچى يىگىتنىڭ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپ ئېيتىۋاتقان ناخشىسى بىلەن مۇزىكا ئاۋازى قوشۇلۇپ،گويا ئادەمنى ئاجايىباتلار بىلەن تولغان باشقا بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) d0 U7 S6 z9 [2 sتۇيغۇغا كەلتۈرەتتى.ئۈستەل ئۈستىدىكى نازۇ-نېمەتلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئۈستەل يۈزى كۆرۈنمەيتتى.ھەر خىل گۆشلۈك،گۆشسىز قورۇمىلار،كاۋپ،گۆشنانلار،مېۋە-چىۋە،ئىچىملىكلەردىن بۇ سورۇننىڭ كەم دىگەندىمۇ 2000 كويغا بارىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.مۇزەپپەر ئەتىگەن ئانىسىدىن ئالغان 600 كوي پۇلغا <مۆتىۋەر>ماركىسىدىكى گاڭسار بىلەن بىر دانە پادىچىلار شىمىدىن بىرنى ئېلىپ يانچۇقىنى قۇرۇقدىغاندىن كېيىن،قىز دوستى ئاينىگارنىڭ ئۆيىدىن 500 كوي ئەپچىققۇزدى ۋە دوستلىرى تەبرىكلەپ ئەكەلگەن پۇللار بىلەن قوشۇپ ئاران ھېساۋات قىلالىدى.1900 كوينى بەرگىچە مۇزەپپەرنىڭ ئېسىگە ئەتىگەن ئۆيدە ناشتىسىز،بىر موچەنسىز قالغان ئانىسى كېلىپمۇ قويمىدى.ئەكسىچە دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىۋالغىنىغا خوشال بولۇپ،ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى. يۈزلىرىگە تورتنىڭ رەڭلىك قايماقلىرىنى سۈركىۋالغان مۇزەپپەر چاچلىرىنى ئوغۇل بالىدەك ياسىتىۋالغان،ئاق-سېرىق،يۇمىلاق يۈزلۈك قىزنىڭ ئاغزىغا ھە دەپ سەيلەرنى تەڭلەيتتى،ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە زورلايتتى.قالغان دوستلىرىمۇ ھەممىسى ئۆز جۈپتىلىرى بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشكەن ئىدى.ۋاقىت ئۇزارغانسېرى باشقا ئۈستەلدىكى مېھمانلار بىر-بىرلەپ قايتىپ،مۇزەپپەرلەر ئولتۇرغان ئىككى ئۈستەل بىلەن يەنە بىر ئۈستەلدىكى مېھمانلارلا قالدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" m* ?; K& K6 @- Y& ]8 k# y5 a8 |1 m
3بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# _% j( ~9 A; p4 A# z6 W9 \
دەرۋازىنىڭ تىرىقلىشىدىن چۆچۈپ ئويغانغان ھەجەرخان ياستۇقنىڭ بېشىدىكى سەرەڭگىنى يېقىپ بىر خىلدا چىكىلداپ مېڭىۋاتقان سائەتكە قارىدى.سائەت 12 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ قورسىقى كوركىرغىلى نەۋاخ.پۇلنىڭ ھەممىسىنى مۇزەپپەرگە بەرگەچكە ئۆيدە قاتتىق ناندىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى.ئەتىگەندە پۇل ئالىمەن،مۇزەپپەرنى يولغا سالىمەن دەپ يۈرۈپ چۈشكىچە ناشتا قىلمىغان ھەجەرخان چۈشتە يېرىم ناننى سوغۇق سۇدا يۇمشىتىپ يىگەنچە،كەچتە ھېچنىمە يىمىدى.ئايسىخاننىڭ دۇكىنىدىن كۆكتات،تۇخۇم ئەكىرىپ تاماق ئېتىشنىمۇ ئويلىدى.بىراق پۇلنى بۈگۈن ئېلىپ كونا قەرزنى بەرمەڭ بىر،يەنە نېسىيگە ئېلىشقا ئانىنىڭ يۈزى چىدىمىدى.ئارىلاپ تاماق سۇنۇشۇپ تۇرىدىغان پاتەمخانمۇ بۈگۈن مەھەللىدە كۆرۈنمەيتتى.ئاخىرى ئاچ قورساقلا يېتىپ قالدى. ئەتە دوختۇرخانىدىكى كاسسىر قىزدىن ئازراق پۇل ئېلىشنى ئويلىدى.ھەي،مۇزەپپەر،نەلەردە يۈرىدىغاندۇ؟شۇ ئارىدا ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىشقا باشلىدى.ھەجەرخان دەس ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.ئۇ مۇزەپپەر ئىشىك قاقسا ئاڭلىماي قالىمەن دەپ،ھويلىدىكى كارۋاتتىمۇ ياتماي،دەرۋازىنىڭ تۈۋىدىكى سۈت ئالمىنىڭ تۈۋىگە كونا ئەدىيالنى سېلىپ سامان ياستۇقنى قويۇپلا ياتقان ئىدى.يامغۇرنىڭ شەپىسى كەلگەندىلا ئاندىن ئەدىيالنى سۆرەپ كارۋاتقا كېلىپ ئولتۇردى.شۇندىلا تىزلىرىنىڭ سىقىراپ ئاغرىۋاتقانلىغىنى سەزدى.ئۇنىڭ كونا رېماتىزىم كېسىلى داۋاملىق مۇشۇنداق يامغۇر پەسلىدە قوزغىلاتتى.تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئېسىگە چۈشتە يۇيۇپ يېيىپ قويغان مۇزەپپەرنىڭ كىيىملىرى كەلدىدە،يامغۇردا قالمىسۇن يەنە، دەپ ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ،ئارقا ھويلىدىكى كىر يايغان يەرگە ماڭدى.كىرلارنى يىغىپ مېڭىشىغا يامغۇر شارقىراپ قۇيىۋەتتى.قوللىرى ئاغرىپ ئاران يۇيغان كىرلىرىنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ھەجەرخان كىرلارنى مەيدىسىگە چىڭ باسقىنىچە باراڭنىڭ ئاستىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك ماڭدى.ئەمدىلا ئىككى قەدەم مېڭىشىغا بىر نەرسىگە پۇتلاشقاندەك بولۇپ شۇنداق يىقىلدىكى،بېشىدىن كىرگەن ئاغرىق تاپىنىدىن چىقىپ كەتتى.ھەممىسى پۇتىدىكى تاھارەت كەشىنىڭ كاساپىتىكەندە.نەچچە يېرىدىن ئۈزۈلۈپ،يەملەپ،يىپ بىلەن ياماپ دىگىدەك كىيىۋاتقان 10 يىللىق تەۋەرۈك كەش بۈگۈن يامغۇردا چاپلىشىۋالغان لاينى كۆتىرەلمەي چەمىنىڭ ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە بولۇپ كەتكەن ئىدى.ھەجەرخان ئاستا مىدىرلاپ ئورنىدىن تۇردى،بىراق سول پۇتى دەسسىيەلمىدى.بېشى بىر يەرگە قاتتىق ئۇرۇلغانمۇ،ئوڭ قاپىغىدىن ئىسسىق بىر نەرسە سىرغىپ چۈشتى.ھەرنىمە بولسا ھەجەرخان كىيىمنى ئىككى قوللاپ چىڭ قۇچاقلاپ تۇتىۋالغاچقا،مۇزەپپەرنىڭ كىيىملىرى لاي بولمىغان ئىدى.ئۇ پۇتىنى سۆرەپ چىراقنى يېقىشقىمۇ مادارى يوق،كارۋاتقا ئاران ئۈلگۈردى.لەنىتى يامغۇرمۇ گويا ھەجەرخاننى يىقىتقىلى ياغقاندەكلا،قانداق تېز ياغقان بولسا يەنە شۇنداق تېز توختىدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' e9 n# t2 v# D  |7 m$ ^4 j
4بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 o( H5 s5 e" J- j+ a: j( Z3 b+ L" {
ئىچىملىك تەسىرىدە يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن مۇزەپپەر دوستلىرى بىلەن توختىماي ئۇسۇل ئوينايتتى.ھازىر ئۇلاردىن باشقا مېھمانمۇ قالمىغان بولۇپ،مۇلازىمەتچى بىلەن سەھنە باشقۇرغۇچى ئىككىلا يىگىت ئۇلار ئۈچۈن خوشياقمىغاندەك مۇزىكا قويۇپ بېرىپ ئولتۇراتتى.ئۇسۇل،تانسىلاردىن كېيىن نۆۋەت دىسكوغا كەلدى.مۇزەپپەر بىلەن ئايزىبا ئوتتۇرىدا،قالغانلىرى ئۇ ئىككىسىنى چۆرىدەپ <ياۋا ئادەم>گە شۇنداق سەكرەيتتىكى،باشقا كىشىلەر كۆرسە چوقۇم ئەقلىدىن ئېزىپتۇ دىيىشى ئېنىق.قىزلارنىڭ يۇمران كۆكسى،يىگىتلەرنىڭ ئۈچەيدەك تار پادىچىلار شىمى چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدىغان كاسىسى مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ ئەسەبىيلەرچە چايقىلاتتى.تۇرقىدىن ئۇلار باشقا پىلانىتتىن كەلگەن بىر توپ ياۋايى مەخلۇققا ئوخشايتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( m" ~0 J1 u* Z% W8 a4 ?( f, Bتۇيۇقسىز <گۈلدۈر-قاراس> قىلغان دەھشەتلىك ئاۋازدىن زېمىن تىترەپ كەتتى.كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدىن ھەممەيلەن گويا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك قورقۇپ لاغىلداپ تىترەيتتى.قاراڭغۇلۇق قاپلىغان زال ئادەملەرنىڭ قىيا-چىياسىغا تولدى.يىگىرمە نەچچە ئادەمنىڭ تەڭلا ۋاقىراپ جاقىرىشى گويا جاڭگالدا دۈشمىنىگە ئۇچرىغان بىر توپ ياۋا چوشقىلارنىڭ چىقىرىشىغا ئوخشايتتى.ياندىكى ئايرىمخانىدا ئۇخلاۋاتقان ئاشپەز ئۇستاملار يۈگۈرۈپ چىقىپ كارىدورنىڭ چىرىقىنى ياققاندىلا نىمە ئىش بولغىنىنى بىلدى.ئەسلىدە ئادەم بويىدىنمۇ ئېگىز 6 ياڭراتقۇنىڭ تىترىشىدىنمۇ،ھەرخىل بېزەك چىراقلارنىڭ كۆپلىكىدىنمۇ،ۋە ياكى باشقا سىرتقى كۈچ تەسىر قىلدىمۇ،تېخى يېڭىلا بېزىگەن رېستۇران زالىنىڭ تورۇسىدىكى بېزەكلەر بېسىلىپ چۈشكەن ئىدى.يىگىرمە نەچچە ئادەم گويا بىر توپ كەپتەر باسماققا چۈشكەندەكلا ھەر خىل بېزەك ۋە چوڭ-كىچىك چىراقلار دۆۋىسى ئىچىدە ياتاتتى.ئاشپەزلەر دەرھال يارىدارلارنى قۇتقۇزغاچ،خوجايىنغا ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا تېلفۇن بەردى.قىزىق ئىش،شۇنچە جىق ئادەم ئىچىدە پەقەت مۇزەپپەرنىڭلا زەخمىسى ئەڭ ئېغىر بولۇپ،بېلىنىڭ تۆۋىنى مىدىرلىمايتتى.قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن ساق قالغانلار يارىدارلارنى يۆلىشىپ ماشىنىغا سالدى.تۈن يېرىمدىكى يامغۇرلۇق كېچىدە قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ئەنسىز سېگنالى بۇ كىچىككىنە ناھىيە بازىرىنى بىر ئالدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 G- {/ e! S3 `; s5 Q8 G' X
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) L0 s( k4 R- b' e. j5
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: d; f, ?7 o6 Oھەجەرخان ئاغرىق دەستىدە كۆزىنىمۇ ئاچالماي يېرىم ئۇيقۇ ھالىتىدە ياتاتتى.ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوچۇقتەك قىلغان بىلەن چۈش كۆرۈۋاتاتتى.چۈشىدە مۇزەپپەر ئۇنى توكسىكلىتقا مىندۈرۈپ كېتىۋاتقىدەك.بىر چاغلاردا گىياھ ئۈنمەيدىغان تاقىر سايلاردىن ئۆتۈپ بىر تەرىپى ئاسمان پەلەك تاغ،بىر تەرىپى نەچچە تېرەك بويى چوڭقۇر جىلغىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كەڭلىگى 10 سانتىمېتىر كەلگۈدەك كۆۋرۈكسىمان تار يولدا مۇزەپپەر بەخىرامان كېتىۋاتقىدەك،ھەجەرخاندىمۇ قىلچىلىك قورقۇش ھېسسىياتى يوقمىش.كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا ۋە ياندىكى جىلغا ئىچىدە قايناق بازار بولۇپ ئادەملەر مىغىلدايمىش.ھەجەرخان:دادام رەھمەتلىك تولا دەيدىغان قىيامەت بازىرى دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ دىگىدەكمىش.تۇيۇقسىز توكسىكلىت يولدىن چىقىپ ئۇچىۋاتقىدەك.ھەجەرخان:بالام،مۇزەپپەر،يول بىلەن ھەيدىمەمسە دەپ شۇنداق قارىسا،مۇزەپپەرنىڭ ئورنىدا سىياقى بەتبەشىرە بىر مەخلۇق ئولتۇرغىدەك.ھەجەرخان ۋاي بالام،دەپ ئۆزىنى توكسىكلىتتىن ئېتىشىغا چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. ئۈستى بېشىدىن شۇقىراپ تەر قۇيۇلۇپ يامغۇردا قالغاندەكلا چۆپ بولۇپ كېتىپتۇ.ئورنىدىن تۇرالماي ئىنجىقلاپ ياتقاندا دەرۋازا قاتتىق ئۇرۇلدى.ھەجەرخاننىڭ قوپۇپ دەرۋازىنى ئاچقىدەك مادارى نىمىش قىلسۇن.بىردەم ئۇرۇپ بېقىپ ئېچىلمىغاندىن كېيىن دەرۋازىنىڭ ئۈستىدىن چۈشكەن بالىنى ئاران تونۇدى.ئۇ مۇشۇ مەھەللىلىك مۇزەپپەرنىڭ ئاغىنىسى ئىدى. بولغان ئەھۋالنى ئاڭلىغان ھەجەرخان:<مۇزەپپەر،بالام>دەپ توۋلىغىنىچە يەنە ھۇشىدىن كەتتى......بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! d6 ?; q6 n0 t1 N5 t2 c/ o: q
2014-يىلى5-ئاپرېل-1-ئىيۇل. ئۈرۈمچى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& Q6 g6 f: O# J: P, Y9 `: @( d; @ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-7 11:35 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  D9 Z4 J% f& ]* {6 ]( }: |بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 {1 i/ N  }; f& f& ~/ e& H

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5026
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 12:30:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ھاراق دېگەن نىجىسنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كەتكەنلەر ئاز ئەمەس !
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 N. D1 M! u, _ئانىنىڭ يۈرىكى تۇيۇدۇ دەپ ، بالىسىنىڭ پاجىئەسىنى چۈشۈدە كۆرۈپتۇ . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ y- l& f" @( E0 }

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 443
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 12:35:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيىتىمىزدە مۇشۇ ھەجەرخان ئانىدەك بالا دەردىدە يۈرىكى خۇن ياشايدىغانلار قانچىدۇ.....؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) P1 Q9 U+ z3 I5 U$ }+ A$ P% e6 ^

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" z2 u2 {2 {' r; q: P5 F( H0 }6 Kئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى  بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ...

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109692
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2014-9-4
ئاخىرقى: 2014-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 07:07:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك بىر ھىكايە ئۇقۇۋالغىنىم ئۈچۈن خوشالمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109130
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2014-8-13
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 09:38:16 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراقكەشنى ياۋا چوشقىغا ئوخشاتسام  چوشقىغا ئۇۋال بوپقالىدىكەن

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7187
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 10:18:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاينىگار.......ئايزىبا.....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 G# y/ y5 [+ Vما قىز بالىنىڭ ئىسمى ئىككى خىل يېزىلىپ قالدىمۇ قانداق؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 {' U0 b, `, `1 ]4 Qبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 t  U, M; d. [. r2 l( R
ئاخىرىنى يەنە ئازراق داۋاملاشتۇرۇپ باقسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1122 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 11:12:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئىپىك ئەسەرلەردە مانا مۇشۇ ھېكايىدەك بايان بىلەن تەسۋېرنى ئاساس قىلىپ ئەسەر يازغاندا، شۇ ئەسەر ناھايىتى تەبىئىي ھەم بەدىئىي، ئىخچام، پەلسەپىۋىيلىك خاراكتېر ئەكس ئەتكەن مېغىزدەك ئەسەرلەر روياپقا چىقىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ y3 s$ e6 S0 |( T0 l* t9 Z7 s. v    بەزى بىر قەلەمكەشلىرىمىز ئەسەرنى ھەجىمدار قىلىش ئۈچۈن، شۇ يازماقچى بولغان ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىدىن خېلىلا يىراق بولغان نۇرغۇن ۋەقەلىكنى زورمۇ-زور كىرگۈزۈپ، باشتىلا ياخشى باشلانغان ئەسەر ۋەقەلىكىنى بۇرىۋېتىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ f2 A4 k  t! t( s    شۇڭا، تۇرمۇشتىن ئالغان زور ئىلھاملىرىمىز بىلەن كەڭ دائىرىلىك بىلىم ۋە قاتتىق ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئەسەر يازغىنىمىزدا ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرىدىغان ئەسەرلەر روياپقا چىقىشى مۇمكىن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: b8 d; S* Q9 j6 x$ g! r
    ئاخىرىدا بارلىق قەلەمكەشلەرگە ئۆزۈم خۇلاسىلىگەن تۇرمۇشنى كۆپ كۆزىتىش، كۆپ ئويلاش، مۇناسىۋەتلىك كىتاب-ماتېرياللارنى كۆپ كۆرۈش، كۆپ خاتىرە قالدۇرۇش، كۆپ يېزىقچىلىق مەشىقى قىلىش... قاتارلىق ‹‹بەشنى كۆپ قىلىش››نى، ئالدىراپ يەكۈن چىقارماسلىق، ئالدىراپ ھاياجانلانماسلىق، ئالدىراپ قەلەم تەۋرەتمەسلىك... تەك ‹‹ئۈچتە ئالدىرىماسلىق››نى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 12:00:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      گەرچە بۇنداق مەزمۇندىكى ئەسەرلەر كۆپ بولسىمۇ، يەنىلا قىزىقىش بىلەن ئوقۇدۇم. ۋەقەلىك بىلەن تەسۋىرنى ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپسىز. داۋاملىق تىرىشىڭ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ m' V* z4 ?" b& r* j3 j4 G: S) M
   مەھەللە كومىتىتىمۇ ياكى كەنت ئاھالە كومىتىتىمۇ؟

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108636
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 688
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 02:47:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقتۇردۇم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 681
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3391
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 01:09:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنى ياخشى يىزىپسىز ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم.

مېھرىماھ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش