ياشلىق ئىلتىجاسى
بەختىيار . ئا . ئۇلۇغيار
( مېھىربان ئانامنىڭ مىنى تەۋەللۇت قىلغانلىقىنىڭ يىگىرمە ئىككى يىللىقىغا بېغىشلايمەن. )
ئادەم ئاتا ھەۋۋا ئانامدەك ،
يۈرۈپتىكەن دادام ۋە ئانام.
بىر بىرسىگە مېھرىنى بېرىپ
ئوتىدا كۈيۈپ ، سۈيىدە ئېقىپ .
سۆيگۈ دەرىخى تىكىپ جان دادام
پەرۋىش قىپ ئانام تەرىنى قېتىپ .
باراقسانلاپ سۆيگۈ كۆچىتى ،
مېۋىلەپتۇ ئەجىر مېھنىتى .
تەڭرى ئاتا قىپتۇ بىر ئوغۇل
بۇﻟﯘپ ھايات ئۇدۇمى قۇبۇل .
شۈكرى، چەكسىز تەڭرى ھىممىتى
بوپتۇ دىلنىڭ تىلىكى ﻣﻪﻗﺒﯘل .
كۆككە يېتىپ دادامنىڭ بېشى ،
تۆكۈلگەنكەن ئانامنىڭ يېشى .
دادام دەيمىش: ئوغۇزدەك بولسۇن
ئۆمرى مەڭگۈ بەخىتكە تولسۇن ،
يۇرت غېمىدە ئۆتسۇن ياز-قىشى
ئوغلۇم كۈلسۇن، ئەل-ۋەتەن كۈلسۇن .
ئۆزى چىقىپ ئۆيدىن ئىگىزگە ،
يۆگەپ مىنى قارا كىگىزگە .
ساپ ئىمان بىلەن ئەزاننى توۋلاپ
مېھىر بىلەن باغرىغا سولاپ ،
ۋاپا بىلەن سۈيۈپ مەڭزىمگە
دەﭘﺘﯘ ئېتى بولسۇن بەختىيارـــ
قىلبىگە قاراپ ،
ئانام دەركەن : دادىسىنى تارتسۇن ،
نوزۇگۇمنىڭ قاياشى بولسۇن .
ئاللاھ ئىگەم بەرسۇن بەختىنى
ئەردەك ياشاپ تاپسۇن تەختىنى ،
دىلغا ئەجداد نىيتىنى پۈكسۇن
ئاقلىسۇن ھەم ئاق سۈت ھەققىنى .
ئەنە شۇنداق بۇيۇك ئارزۇلار ،
ئۈمىد بىلەن كۆكلىدى جانلار .
مەن شۇ چاغدىن سۆيگۈ دەرﯨﺨﻰ
يىل ھالقىسى يىگرىمە ئىككى ،
تۇﻣﯘرۇمدۇ كۈۋەجەر قانلار
بۇلۇپ ھاياتلىقىمنىڭ نامايەندىسى .
دادامنىڭ ئارزۇسى قالدى قاياقتا ،
ئانامنىڭ تىلكى ئۇچتى قاياققا .
بىلمىدىم بولدۇممۇ ئەر ياكى ئەركەك
ئەسلىدە ۋەتەنگە ئەركەكلەر كېرەك ،
بوپ قالدﯨﻢ يۇرتۇمغا ناتۇنۇش بالا
بولالماي ئەل-يۇرتقا ۋاپادار يۆلەك .
دادلىسام نەچارە بىرەيمۇ جاننى ،
ئەركەكمەن دەپ تازا چاچايمۇ قاننى .
دەرىخىم يا تېخى چىچەك ئاچمىسا
بۇ زۇلمەت يا مەندىن يىراق قاچمىسا ،
ئېھ تەڭرىم ﻛﯜچ بەرگىن باقاي ئانامنى
مەن پەقەت بىر ئوغۇل، يەنە بولمىسا .
2014-يىل 21-ئىيۇل . ئاقسۇ ئۇلۇغيار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-7 10:17 PM