ئۆزۈمنى ئىزدەۋاتىمەن...
ئۆلۈكۈمنى ئارتىپ ھارۋىغا،
بۇ ھاياتقا ئۆچ بولدۇم دەھشەت.
سۆڭەكلەردىن ياساپ جىنازا،
تاپاي دېدىم ئۆزۈمنى بىر رەت.
قومۇشلاردا ئاينىڭ سايىسى،
ئوت كۆيىدۇ قارىسا قۇياش.
ئىزلىرىم بار،پۇتلىرىم كۆيۈك،
بەلكىم كىرەك شۇنداقراق ياشاش.
غەملىرىمنىڭ چۆچەكلىرىدە،
مىڭبىر كېچە چالدىم ساپايى.
ياشلىرىمدا ياساپ شېۋىرغان،
سەيلە قىلماق بولدۇم دۇنيانى.
مېنى تاشلاپ كەتكەن شۇ كۈنى،
ئوخشاپ قالدىم قۇشقا (كەپتەر) گە.
يىغلاپ تۇرۇپ يىرتتىم ئۆزۈمنى،
ئىسمىمنىلا يېزىپ دەپتەرگە.
قىزغىن سالام بەردى دەرەخلەر،
كاۋىكىدا دېدى: — ئۇخلىغىن!
چۈشلىرىمدىن چىقمايدۇ بىرسى،
بولدى ھايات ئۇخلا دېمىگىن.
ئۆزلۈكۈمنىڭ چېقىق قاچىسى،
دىۋانىدەك تۇرار تەلمۈرۈپ.
كۆزلىرىمنىڭ نۇرسىز چۆللىرى،
ئىزدەر بىرسىنى ئۈنسىز دەلدۈكۈپ.
كەستىم تىلىمنى، ئويدۇم كۆزۈمنى،
قولۇمنى تىلدىم تورلاش قوغۇندەك.
قەلەندەرخانا بولماقتا ئۆيۈم،
چىرايىمدا ئاھ، پىشىپتۇ خۇندەك.
قۇچاقلاپ بىردەم ئولتۇرىۋالدىم،
ھاياتنىڭ يالغان قوشاقلىرىنى.
ماڭىلا سۈرگەن پىچاقلىرىنى،
قولۇمغا بەرگەن ياپراقلىرىنى،
قاتلاپ - قاتلاپ قوينۇمغا سالدىم.
مىڭىپ يۈرەر چۈش ئازغان كېچەمدە،
يۇلتۇزنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ ماڭا.
يولنى يېقىنراق قىلغىن جانانلار،
بىر شەربەت ئىچەي ۋىسال جامىدا.
بېشىمدا يۈرگەن سەرسان خىياللار،
ئېلىپ قاچىدۇ تامام ھەممىنى.
قاقاس چۆللەردە قۇملار بىئارمان،
تۇپراقنى سۆيۈپ، سۆيدى ئۆزىنى.
مەختۇمسۇلانىڭ چېچىدەك كېچىدە،
ئويغاتتى مېنى، قېنى دەپ غۇرۇر؟!!!
قالدىم كېكەچلەپ ئۇنىڭ ئالدىدا،
يىغلىدى دۇتار، جانان بەھۇزۇر...
تامام يىغلىدىم
ياشنى ئىرتمىدىم
جاكارلاپ دېدىم،
مەن دېگەن ئۇيغۇر.
قېنىم قىزارسۇن يۇلغۇندەك گويا،
شىردەك قەددىمنى ئەگمىسۇن توساق.
ئىسمىمنى يۇلۇپ ئېلىپ دەپتەردىن،
ساختا قەسىرنى قىلدىم مەن تالاق.
تۇيغۇلار دەۋرەپ سالدى سامالار،
ئەجەمنى توۋلاپ يۈرەر قەلەندەر.
كىم مەن؟ قەيەردىن كەلدىم؟ نېمىگە...
سۇئاللار مېنى توختىماي ئىزدەر.
ئۇيغۇرلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن،
ئۆزۈمنى تۇنۇپ يەتتىم ئاخىرى.
يېزىلىپ بولدى ئاخىرى قوشاق،
ئۈشبۇ پەيتتە يۇلتۇز يېرىلدى.
جانبەر