مۇنبەر ئەلا ماڭا تەخىتىن
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
سەردارلارنىڭ سەردارى سەن، مۇئەللىم،
داڭدارلارنىڭ داڭدارى سەن، مۇئەللىم.
سەرخىللارنىڭ بايراقدارى ـــ سەركىسى،
تاجدارلارنىڭ تاجدارى سەن، مۇئەللىم.
ھەر سەپتىكى شاگىرتلىرىڭ شان قۇچتى،
ھوشيارلارنىڭ ھوشيارى سەن، مۇئەللىم.
يېتىشمەيدۇ سەنسىز ئالىم، داھى...لار،
ۋارىسلارنىڭ دەركارى سەن، مۇئەللىم.
سەنسىز قاپلار يۇرتنى زۇلمەت-قاراڭغۇ،
جاھالەتنىڭ گۆركارى سەن، مۇئەللىم.
كىتاب ـــ گۈلشەن، كۈن-تۈن شىرنە يىغىسەن،
جاپانىڭ تەق-تەييارى سەن، مۇئەللىم.
ئىلمىڭ نۇرى پاكلار دىللار دېغىنى،
تاڭ قۇياشى زەر تارى سەن، مۇئەللىم.
بەرجەس تۇرساڭ سۈبھى كۈلەر ئەگىشىپ،
ئەۋلادلارنىڭ بىدارى سەن، مۇئەللىم.
زەر-گۆھەرىڭ يوق، مەنىۋى غېنى-باي ـــ
زەردارلارنىڭ زەردارى سەن، مۇئەللىم.
كۈلدى ھۆرمەت كۆكىدە ئەل قۇياشى،
ھەقدارلارنىڭ ھەمكارى سەن، مۇئەللىم.
تىنماي تاڭدىن زاۋالغىچە چاپىسەن،
جەڭگاھنىڭ سەرتۇلپارى سەن، مۇئەللىم.
تەشنالارغا سۇ ئورنىدا بال سۇنغان،
ئەلنىڭ ئەزىم ئەنھارى سەن، مۇئەللىم.
چېكىسىگە قىسار «گۈل» دەپ بوغۇنلار،
گۈزەل، مۇشتاق دىلدارى سەن، مۇئەللىم.
تەڭدىشى يوق نام-ئېتىڭنىڭ جاھاندا،
نامدارلارنىڭ نامدارى سەن، مۇئەللىم.
ئابدۇرېھىم، مۇنبەر ئەلا تەختتىن،
ئۆز كەسپىڭنىڭ خۇشتارى سەن، مۇئەللىم.