بانكىر يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 07:37 PM
خوتەندىن چىققان قاشتىشىلارنى ئۇيغۇرلار ئۆزى ھەرخىل زى ...
ئالاھىدە خۇش خەۋەر
<<ئەقىدە>> ماركىلىق خوتەن قاش ئويمىلىرى داغدۇغىلىق بازارغا سېلىندى.
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى قاشتېشى بازىرىغا جايلاشقان ئەقىدە خوتەن قاشگەرلىكى دۇكىنى- قۇرۇلغان تۆت يىلدىن بۇيان بىز خوتەن قاش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا قاشگەرلىك مەدەنىيىتى بىلەن تېخىمۇ تەپسىلىي تۇنۇشتۇق .سۇجۇ،ياڭجۇ ،شاڭخەي....قاتارلىق قاشگەرلىك مەدەنىيىتى تەرەققى قىلغان چوڭ شەھەرلەردىكى ئويمىچىلىق ئەھۋاللىرىنى كۆردۇق.
دىيارىمىزنىڭ خوتەن قاشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتىرياللارنى ،تارىخى ساقلانمىلارنى كۆردۇق .مۇغۇل ئىمپىريەسىنىڭ ئىسلامچە قاش ئويمىلار توپلانمىلىرىنى تاپتۇق..........
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچىلا تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى .ئەقىدە قاشگەرلىكى دۇكىنىمىز بىر تەرەپتىن قاشگەرلىك مەدەنىيىتى ئۆگەنسەك،بىر تەرەپتىن دىيارىمىزدىكى تەتقىقاتچى، كۆھكەنلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر قاشگەرلىك مەدەنىيىتى ،تارىخى ئۈستىدە سېستىمىلىق ئىزدەندۇق.مەخسۇس ئۇيغۇر قاشتېشى تورى قۇرۇپ كەسىپداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدۇق. نۇرغۇن ئالىم-مۇتەخەسىسلەرنىڭ خوتەن قاشلىرى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلدۇق.خوتەن قاشلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئانا تىلىمىزدىكى ماقالىلەرنىمۇ توپلىدۇق.
ھەم ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇلدەك تەتقىقاتچىلار،كېرەم نەزەردەك ئويمىچىلار بىلەن تەكرار پىكىرلىشىش ئاساسىدا ئىسلام قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان،ئۇيغۇر مىللىي خاسلىقىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خوتەن قاش ئويمىچىلىق يولىغا ماڭدۇق .
تەكرار ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆز قولىمىزدىن چىققان،مىللىي خاسلىققا ئىگە خوتەن قاش ئويمىلار <<ئەقىدە>> ماركىسىدا ئاخىرى جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
بىز دىيارىمىز تارىخىدا ئۇيغۇرچە ماركىلىق خوتەن قاش ئويما بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن بولساقمۇ يەنە نۇرغۇن ئىشلاردا تېخى ئۆگىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتىمىز.
ئۆگىنىدىغان،ئىزدىنىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ ،خەلقىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلاشتا بىز يەنىلا كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىق ۋە سىجىل تەرەققىياتقا مۇھتاجمىز.
دىيارىمىزدىكى كەسىپداشلار ۋە ئويمىچىلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى،بىزنى ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمىز.
قولنى-قولغا تۇتۇپ بىرلىكتە خوتەن قاشگەرلىكىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى بەرپا قىلىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز بىز بىلەن ھەمكارلىشىڭ.
ئەقىدە قاشگەرلىكىدە بازارغا سېلىنغان مەھسۇلاتلار تۆۋەندىكىچە:
ئەقىدە ماركىلىق چار قاش چۆگۈن
ئەقىدە ماركىلىق چار قاش ئىسرىقدان
ئەقىدە ماركىلىق يېشىل قاش لوڭغا
ئەقىدە ماركىلىق ئاق قاش مارجان
ئەقىدە ماركىلىق كۈمۈش قاپلىما قاش ئۈزۈك
ئەقىدە ماركىلىق يېشىل قاش چىنە
ئەقىدە ماركىلىق يېشىل قاش ھارۋا
ئەقىدە ماركىلىق تۈرلۈك قاش بىلەيزۈكلەر
ئەقىدە ماركىلىق ئۇششاق قاش ئويمىلار
2014-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
خوتەن قاشلىرىدىن قانداق نەرسە ئويدۇرماقچى بولسىڭىز،زاكاس قىلسىڭىز بىز سۈپەتكە كېپىللىك قىلغان ئاساستا ئويدۇرۇپ بېرىمىز.
ھەمكارلاشقۇچى تەكلىپ قىلىمىز.
ئەقىدە قاشگەرلىكى
مەنزىل:جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھەرلىك قاشتېشى بازىرى 6-نۇمۇرلۇق بىنا 207-101
نۇمۇرلۇق دۇكان
ئالاقىلاشقۇچى:ئابلىكىم ئاۋۇت
رەيھانگۈل نىزام
تەپسىلاتىنى ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىزدىن كۆرگەيسىز
ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.COM
ئۇيغۇر قاشتېشى تورى ئۈندىدار سالونى
|