ئىشەك بىلەن تومۇزغا
ئىشەك تومۇزغىنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ،بۇ گۈزەل ناخشىغا مەپتۇن بولۇپ قاپتۇ.ئۇمۇ تومۇزغىغا ئوخشىش يېقىملىق ئاۋاز چىقارماقچى بولۇپ؛
-بۇنداق يېقىملىق ئاۋازنى قانداق چىقىرىسىلەر،سېلەر زادى نىمە يەيسىلەر؟
-شەبنەم-دەپتۇ تومۇزغا جاۋابەن.شۇنىڭ بىلەن ئىشەك شەبنەمنىڭ چۈشۈشىنى كۈتۈپتۇ،كۈتە-كۈتە ئاخىر ئاچ قىلىپ ئۆلۈپتۇ.
بۇقا بىلەن تېكە
بۇقا شىردىن قېچىپ بىر تاغ ئۆڭكۈرىگە كېرىپتۇ،ئۆڭكۈردە بىر توپ تېكە ياشايدىكەن.تېكىلەر ئۇنى تېپىپ،ئۈسۈپ ئارام بەرمەپتۇ.
-مېنىڭ سەۋرى قىلىشىم-دەپتۇ بۇقا تېكىلەرگە-سېلەردىن قورققانلىقىمدىن ئەمەس،بەلكى ئۆڭكۈر ئېغىزىدا تۇرغان شىردىن قورققانلىقىمدىندۇر-دەپتۇ.
دەريا بىلەن خۇرۇم
دەريا سۇدا لەيلەپ تۇرغان بىر پارچە خۇرۇمنى كۆرۈپ قىلىپ،ئۇنىڭدىن ئىسمىنى سوراپتۇ.
-مېنىڭ ئىسمىم قاتتىق تاسما،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ خۇرۇم.
-ئىسمىڭنى ئۆزگەرتىۋالغىن-،دەپتۇ دەريا ئۇنىڭغا سۇ چېچىپ،-مەن سېنى بىردەمدىلا يۇمشىتىپ قويىمەن.
تام بىلەن ياغاچ مىق
ياغاچ مىق تامنى زىدە قىلىپ قويۇپتۇ،تام ۋاقىراپ؛
-مەن برەر يامان ئىش قىلمىغان تۇرسام،ماڭا نىمىشقا قېقىلىسەن،-دەپتۇ.
-ئەيىپ مەندە ئەمەس،-ئارقامدا تۇرۇپ مېنى قاتتىق ئۇرۇۋاتقان ئادەمدە،-دەپتۇ مىق.
توز بىلەن ئاق تۇرنا
توز ئاقتۇرنىنىڭ پەيلىرىنىڭ رەڭگىنى ياراتماي،ئۇنى مەسخىرە قىلغان ھالدا؛
-مەن ئۇچامغا شايى-ئەتلەستىن يېپىنىمەن،سېنىڭ پەيلىرىڭ ئازراقمۇ چىرايلىق ئەمەس،-دەپتۇ.
-ئاۋازىم يۇلتۇزلارغا ئاڭلىنىدۇ،پەرۋازىم بۇلۇتلارنى قۇچىدۇ،-دەپتۇتۇرنىمۇ جاۋابەن،-سەن خورازغا ئوخشاش ئۆي قۇشلىرى بىلەن بىرگە ياشايسەن،پەقەت يەر يۈزىدىلا ماڭىسەن.
ئاشقازان بىلەن پۇت
ئاشقازان بىلەن پۇت كىمنىڭ كۈچى زور دەپ مۇنازىرلىشىپ قاپتۇ. پۇت ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ زورلىقىنى، پۈتكۈل قوساقنى ئۆزى يۆتكەپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ئاشقازان جاۋاپ بېرىپ- دوستۇم،ئەگەر مەن سېلەرگە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بەرمىسەم،سېلەر ھېچنىمىنىمۇيۆتكىيەلمەيسىلەر،دەپتۇ.
مەنبە؛<مىكرۇ مەسەللەر> ئىزۇپ(يۇنان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-7 04:39 PM