مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 659|ئىنكاس: 6

سۆيۈلگەننىڭ سۆيمىكى بەرھەق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3083
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5925
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2663 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 09:47:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‏سۆيۈلگەننىڭ سۆيمىكى بەرھەق


‏ئەل ئايرىيدۇ داندىن ساماننى،
‏بىلگىلى بولۇر ياخشى ياماننى.
‏بولسا كىمدە ئاشۇنداق يۈرەك،
‏پاتقۇزىدۇ  ھەتتا  ئاسماننى .

‏ھالاۋەتسىز بولماس جەبرىلەر.
‏ئەل سۆيگەننى ھەممە قەدىرلەر.
‏ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە،
‏ئەۋلاد  تىكلەر  ساڭا  قەبرىلەر.

دەرت كەلمەس دەپ ئويلىما باشقا،
‏جاپا  كۆرۈپ  چىقمىغىن قاشقا.
‏كوزا كۈندە سۇنمايدۇ بىلسەڭ،
‏ئەل يۆلەنچۈك كۆز تولسا ياشقا .

‏كەڭرى يۈرەك كەڭرىدۇ ئالەم،
‏تۆت كۈنلۈكلا مېھماندۇر ئادەم.
‏سۆيۈلەلمەس نەپرەتكە قالار،
‏بولسا ماتەم ئوينىسا ئايەم.

‏نېمە دېسە سۆزلەۋەرسۇن خەق،
‏بىلىنىدۇ قايسى ھەق-ناھەق.
‏ئەلنى سۆيسەڭ بۇ بىر ھەقىقەت،
‏سۆيۈلگەننىڭ سۆيمىكى بەرھەق.



‏ئەپچىلەم ئىجادىيىتى
‏  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 1111
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1113 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 12:22:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



        «‏كەڭرى يۈرەك كەڭرىدۇ ئالەم،» دېگەن مىسرانى ئوڭشىسىڭىز ئوبدانلا شېئىر بولىدىكەن.
       «بولسا كۆڭلۈڭ كەڭ، كەڭرى ئالەم» دېگەندەكرەك...  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4391
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 996 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 01:09:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن ئىنىم، شېئىرلىرىڭىز بىر-بىردىن سەر خىل چىقىۋاتىدۇ، يەنىمۇ  كۆپرەك يېزىپ، بىزگە سۇنۇڭ.

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 05:48:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىئىرىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ....
بىر قارىسا رۇبائى غىمۇ ئوخشاپ قالدىكەن ...
مەزمۇنى ۋە قاپىيە جەھەتتىن رۇبائىنىڭ ئۆزىلا...

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10515
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 08:12:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏نېمە دېسە سۆزلەۋەرسۇن خەق،
‏بىلىنىدۇ قايسى ھەق-ناھەق.
‏ئەلنى سۆيسەڭ بۇ بىر ھەقىقەت،
‏سۆيۈلگەننىڭ سۆيمىكى بەرھەق

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 08:24:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستلا  ھە       «‏سۆيۈلگەننىڭ سۆيمىكى بەرھەق»...
بەك  ياخىشى  چىقىپتۇ ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.زۇنۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-12 08:24 PM  


ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 12:09:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ئەل ئايرىيدۇ داندىن ساماننى،
‏بىلگىلى بولۇر ياخشى ياماننى.
‏بولسا كىمدە ئاشۇنداق يۈرەك،
‏پاتقۇزىدۇ  ھەتتا  ئاسماننى .
...................................

ئىككىنچى مىسرانى قايتا ئىشلەپ باققان بولسىڭىز.
«بىلگىلى بولۇر ياخشى ياماننى » نىڭ ئورنىغا «ئەل كۆرىدۇ ياخشى ياماننى»   دىگەندەك.....
سەمىمى تەكىلىپ جۇمۇ، يامانلىسىڭىز بولسا قايتۇرۋالىمەن.

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش