|
|
|
|
فىلىم نامى: ئىچىمدىكى يانغىن
ئېنگىلىزچە نامى: Incendies
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2010-يىلى
دۆلىتى: كانادا
تۈرى: ۋەقەلىك / ئۇرۇش
تىلى: فرانسۇزچە / ئەرەبچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 8.2
رازمىرى: 1280x720
چوڭلىقى: 1.5GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 02:10:53
رېژىسسور: Denis Villeneuve
باش روللاردا: Lubna Azabal, Mélissa Désormeaux-Poulin, Maxim Gaudette
فىلىم ھەققىدە:
قوشكېزەك ئاچا-ئىنى Jeanne Marwan بىلەن سىمون Simon Marwan نىڭ ئاپىسى Nawal Marwan تۇيۇقسىز ئاغىرىپ قېلىپ، گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھەمدە بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ھەمدە ئاپىسى بىر قانچە پارچە ۋەسىيەت خېتى قالدۇرىدۇ، گۇۋاھچى Jean Lebel بالىلارغا ۋەسىيەت خېتىنى بالىلارغا ئوقۇپ بېرىدۇ. ئۇلار ئاپىسىنىڭ ۋەسىيىتىدىن باشقا يەنە ئىككى پارچە خەتكە ئېرىشىدۇ، ئاپىسى ۋەسىيىتىدە بۇ ئىككى پارچە خەتنىڭ بىرىنى بالىلار ئۇزۇندىن بېرى ئۆلۈپ كەتكەن دەپ كېلىۋاتقان دادىسىغا يەنە بىرىنى بالىلار ئەزەلدىن بىلمەيدىغان بىر چوڭ ئاكىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى تاپىلايدۇ، Jeanne Marwan ۋەسىيەتنامىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن ئوتتۇرا شەرىق رايونلىرىغا بېرىپ ئائىلىسىنىڭ تارىخىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ، بۇ جەرىياندا ئىنىسى Simon Marwan ۋە گۇۋاھچى Jean Lebel لارمۇ بىرلىكتە ۋەسىيەت خېتىدىكى كىشىلەرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ، بۇ جەرىياندا بالىلار ئاپىسىنىڭ ئۆزلىرى ئەزەلدىن بىلمەيدىغان باشقىچە بىر ئايال ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ...
نېمىشقا 1=1+1 بولىدۇ؟
بۇ فىلىم 31-نۆۋەتلىك Genie مۇكاپاتلىرىدىن (كانادا يەرلىك فىلىم ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى شەرەپ)، ئەڭ نادىر فىلىم، ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور، ئەڭ مۇنەۋۋەر باش ئايال رولچى، ئەڭ نادىر سىنارىيە، ئەڭ نادىر فوتوگرافىيە، ئەڭ نادىر مۇنتاژ، ئەڭ نادىر ئاۋاز كىرىشتۈرۈش، ئەڭ نادىر ئاۋاز ئۈنۈمى تەھرىرلىكى قاتارلىق 8 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2010-يىلى تورونتو خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا ئەڭ نادىر كاندا فىلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، 83-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىغا باھالاشقا ئەۋەتىلگەن ھەمدە 83-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ نادىر چەتئەل تىلدىكى فىلىم تۈرىدە نامى ئاتالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ فىلىم ھازىرغىچە بولغان كىنو-فىلىم فېستىۋاللىرىدا 38 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ 11 تۈردە نامى ئاتالغان.
كەسمە رەسىملەر:
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.
|
|
|
|
|
|