مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6478|ئىنكاس: 29

ئۆزىڭىز ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 445
نادىر تېمىسى: 39
مۇنبەر پۇلى : 16351
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7672 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 01:26:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بىر پارچە رەختنى ئەتىۋارلىق نەرسىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى قايسى؟ ئەلۋەتتە كىيىم تىكىش ياكى سومكىلارنى تىكىش، كىيىم بولسا ئادەم ئەۋرەتلىرىنى يۆگەيدۇ. ئەمسە شۇ بىر پارچە رەختنى تېخىمۇ ئەتىۋارلىق نەسىگە قانداق ئايلاندۇرىمىز؟ ياكى شۇ رەخىت قانداق ۋاقىتتا ئەڭ ئەتىۋارلىق نەرسە بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە پاكىز يۇيۇپ تازلاپ جەيناماز ئۈچۈن نىيەت قىلغاندا بۇ رەخنىڭ قىممىتى بىباھا. دىننى چۈشەنگۈچىگە نىسبەتەن ھۆرمەتلىك رەخت بولىدۇ. تالاي سەجىدىلەر ، تالاي گۈزەل ئارزۇلار، ناھەقچىلىكلەرنىڭ پىچىرلاشلىرىغا ھەم نۇرغۇن ئايەتلەرنىڭ ئوقۇلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ھەممە ئۇنى قەدىرلەپ ئاسراپ ئەڭ پاكىز ھالىتىدە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدۇ..
  بۇ يەردىكى مەسىلە رەخىتنىڭ قانداق رەخىت بولشىدا ئەمەس، شۇ رەخت قولىغا چۈشكەن كىشىنىڭ قانداق ئەتىۋارلىق قىلىشىدا.. جاھاندا نۇرغۇن رەخىتلەر بولسىمۇ داۋاملىق ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئەزىزلىنىدۇ ياكى خارلىنىدۇ.شۇنىڭدەك ئادەملەرنىڭمۇ ھەرقاچان توغرا ئىشلارغا نىيەت قىلغۇچىلىرى بولسا كاتتا نېئمەتلەرگە داخىل بولىدۇ.. جاھاندا نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئەمما ھەقىقىي يارىتىلىش ھېكمىتى بويىچە ياشاۋاتقىنى قانچىلىك؟ ياز كەلدى، ئىسسىقتا شۇنچىلىك چىدىماي سايە ئىزدەيمىز. ياز كېتىپ قىش كەلدى. ئەمما ھېلىقى سايە تاشلىغان دەرەخلەرنى ئۇنتۇيمىز. قارلار ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكىنىدە ئۇنىڭغا قاراشمۇ يوق ، سوغۇقتىن تىترەپ قۇياشنى ئەسلەيمىز.. بىزمۇ ئوخشاشلا كۈنلىرىمىز ياخشى ۋە ئىشلىرىمىز ئوڭ كېتىۋاتقىنىدا ياراتقۇچىنى ئۇنتۇپلا قالىمىز. بىرە پىشكەلچىلىكلەرگە يولۇققىنىمىزدىلا ئالقانلىرىمىز كەڭ ئېچىلىپ ، نالە- پەريادنى باشلايمىز.
   بىر پىيالە قىززىق چاي ئىچىش ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋىر تاقەتلەر كەتكىنىگە ئوخشاش ، مۆئمىنلىك داۋاسى ئۈچۈنمۇ سەبىرلەر كېتىدۇ. ھەرگىزمۇ بىرپىيالە قىززىق چاي ئىچىش ئۈچۈن قاچانلا بولسا نەق ۋاقتىدا چايغا ئېغىز تىگەلمەيسىز. ئىلمان بولۇپ قالسا تەمسىز بولىدۇ. بالدۇر ئىچىۋالسىڭىز ئېغىزىڭىزنى كۆيدۈرۋالىسىز.
  ھاياتلىق نېئمەتلىرىمۇ بەئەينى شۇنىڭدەك تەرتىپلىك بولىدۇ. ئادەمنى پەرقلەندۈرۈش كېتەمدۇ دەپ سورايسىز. ئەمما جەينامازنى سىز باشقىلاردىن بۇ نېمە دەپ سورىسىڭىز ھېچكىم سىزگە رەخت دىمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ رولىنى ئاللىقاچان ئۆزگەرتىپ بولغان. ئادەمنى ھەقىقىي ئادەم دىيىش ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئەقىدىلىك ۋە ساپ بولغان بىر يۈرەك بولىشى كېرەك.

  ئۆمۈر دىگەن سىرلىق كارۋان ، بىردا قارىساڭ ، دەششەتلىك بوراندا قېلىپ ھەممىدىن ئايرىلىپ ،ساداسىز ھالدا بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ، ساڭگىلاپ كىتىپ بارغان. بىردە قارىساڭ كولدۇمىلىرىنى جاراڭلىتىپ ، جۇشقۇن ، ھەيۋەتلىك يۈرۈش بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان..ئەي ئۆمۈر سەن نېمە دىگەن خىسلەتلىكسەن ھە.بەزىدە ئۆزۈڭنى قەدىرلەشنى بىلمەيسەن،خورلىنىپ تۈگەيسەن.بەزىدە قەدىرلەشنى بىلسەن غورۇرلىنىپ كۈندەك چاقنايسەن.كاۋانلارنىڭ بەزىلرى ئالقىش ئىپتىخارغا،بەزىلىرى لەنات - نەپرەتكە قالىدۇ -خوش ئەمسە ياخشى ئىشلارغا تۇتۇش قىلايلى. ئىشنى سۆزگە ئايلاندۇرغىچە ، سۆزنى ئىشقا ئايلاندۇرايلى..... ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم چېچىلاڭغۇ ھېسلىرى---!



ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
eiradam + 300
musilina + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
yasenm + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 410   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82685
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4575
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 02:17:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىڭدا يېقىقلىق شام چىراققا باق،
كىچىنى قىلىدۇ كۈندۈزدەك ئاپئاق.
تەپەككۇر كۆزلەردە ئۇنى بىر كۆزەت،
ئۆزىچۈن يانامدۇ ئۇشبۇ شام-چىراق.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44261
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15887 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 02:41:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ياخشلىق كەۋسىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان دىللاردىكى نىيەت ، مەقسەد ھەم ئارمان كىشىلىرمىزنى ، ئىنسانىلىققا ، ئادىمىلىككە يېتەكلەيدۇ . دىيانىتى ۋە ساداقىتى بىلەن توغرا يولدا ماڭىدۇ . ھەققانىي ھەم ئادىل بولىدۇ . ئەخلاق ھەم پەزىلىتى بىلەن ياشايدۇ .....

مۇشۇنداق ئىسىل تمىلارنى داۋاملىق تەقدىم ئىتىپ تۇرغايسىز ~~~

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3637
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4040 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 02:53:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۈللەردە قىلىنغان نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمدۇر. نىيەت ئەلا دەيمىزمۇ ئەمەلىيەتتە شۇ نىيەتنى ئۆز ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق ئىپادىلەش بەسى مۈشكۈل بىر ئىش. ئەلۋەتتە، باھانە ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەيدىغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق، باھانە كۆرسىتىش غالىبىيەتچىنىڭ ئەمەس، مەغلۇبىيەتچىنىڭ ئىشىدۇر.

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87942
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 190
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-12-1
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 03:22:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات   راسلا  شۇنداق.
ئەزىزلەر  خار  بولغان،  خار بولغانلار  ئەزىز  بولغان،  بۈگۈنكى  قاقسەنەم  نامراتلار
ئەتىسى  تىللا دەرەخلىق  بايلاغا  ئايلانغان،  شاھلا  گاداي بولغان، گادايلار  شاھ بولغان.
ئىلىمسىزلەر  ئىلىم  ئەھلىنى باشقۇرغان،  ئىلىم ئەھلى  نادانلار قۇلىدا  قالغان،
قارغۇلار  يۇرۇقلۇقتا، كۆزى ئۇچۇقلار  قاراڭغۇلۇقتا،  ئىشەكلەر  يول باشچى  بولغان،
تۈگىلەر  ئىشەككە  ئەگەشكەن،  بۆرىلەر  تاغدىن  مەھرۇم،  تۈلكىلەر  تاققا خۇجايىن بولغان،
ھەتتاكى..................خۇرازلار  مېكيانغا  ئايلانغان،  مېكيانلار  خوراز  بولۇپ كەتكەن..............
........ مانا  بۇ  ھايات،  ھايات  ئەجايىپ  سىر  ھېكمەت  بىلان  تولغان..............
ئاللاھقا  شۈكۈركى.................................................مۇسۇلمان  بۇلۇپ  يارالغىنىمىزغا.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10490
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 03:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شۇ رەخىت قانداق ۋاقىتتا ئەڭ ئەتىۋارلىق نەرسە بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە

پاكىز يۇيۇپ تازلاپ جەيناماز ئۈچۈن نىيەت قىلغاندا بۇ رەخنىڭ قىممىتى بىباھا


شاھزاد

ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3687
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10939
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 1480 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 04:06:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىمىزدە بار بولغان شۇ غايىلارنى ئاغزىمىزدا دەپلا قالماي يەنە ئەمىلىي ھەركەت قىلغاندىلا ئاندىن كۈچكە  بولىدۇ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2913
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 04:29:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسل تېمىڭىز بىلەن بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.

ئىنسان بولۇپ تۆرەلگەن ئىكەنمىز ئىنساندەك ياشىشىمىز  كىرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ،ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن ئۆزىمىزگە  ۋە باشقىلارغا مەنپەئەتلىك  ئىشلارنى كۆپ قىلىشىمىز زۆرۈر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14848
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 04:35:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مانا بۇ ‹مىسرانىم› -ئابابەكرىنىڭ ھېچكىم چىنپۈتەلمەيدىغان ھېكمەتلىرى. قەلەمدە يىتىلىپ قاپسىلەر.داۋاملىق مۇشۇنداق ئېسىل ھېسلارغا چۆمۈلۈپ تۇرۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 04:52:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تىما بوپتۇ ھارمىغايسىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش