مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2921|ئىنكاس: 19

بىلىمخۇمار:ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 05:47:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى

بىلىمخۇمار

ئىلاۋە: مەن بۇ تېمىنى 2011-يىلى تەييارلىغان.  بۈگۈن ماڭا ئۇ لازىم بولۇپ قېلىپ، تورلارنى ئىزدىسەم، ئۇ باغداش، ئىزدىنىش ۋە مىسرانىم تورلىرىدا يوق ئىكەن.  شۇڭا مەن ئۇنى مەزكۇر تورغا بۈگۈن يوللاپ قويدۇم.  مەن كېيىن تەييارلايدىغان بىر تېمىدا مۇشۇ ماقالىدىكى مەزمۇننى تىلغا ئالىمەن.  

بۇنىڭدىن نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ماڭا ئېلخەت يېزىپ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان ئەخلاق تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بارغاندا ئۈنۈم قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى.  ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغىلى 20 نەچچە يىل بولغان مەندەك بىر ئادەم ئۈچۈن ئۇ يەردىكى مەكتەپلەردە ئەخلاق تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە توغرا ياكى مۇۋاپىق تەكلىب بېرىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس.  بۇ ئۇ ھەقتە ھېچ نېمىنى بىلمەيدىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئۇنداق ئىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، غەرپ ئەللىرى يولغا قويۇۋاتقان نۇرغۇن ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل-تەدبىرلەرنى ئۇيغۇر دىيارىدا قوللىنىش مۇمكىن ئەمەسلىكىدىندۇر.  مەن بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا، ئۇلاردا ئەخلاق ھەققىدىكى ئۇيغۇرلارغا خاس ھالدا بايان قىلىنغان، ئىلمىيلىكى يۇقىرى ۋە ئەھمىيىتى زور مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم.  مەن ئاشۇ مەزمۇنلارنى كۆرگەندە، ئىچىمدە «ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە مۇشۇنداق ماتېرىياللارنى خۇددى سىياسىي ئۆگىنىشتەك بىر شەكىلدە ئۆگىنىدىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ قىياپىتىدە نەقەدەر زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ كېتەتتى-ھە؟» دەپ ئويلىدىم.  ئەمدى يۇقىرىقى ئوقۇتقۇچىغا كەلسەك، مەن گەرچە ئۇنىڭ سورىغىنىغا ئۇدۇللا جاۋاب بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن بولساممۇ، كاللامدا «ۋەتەندىكىلەرنى بۇ ھەقتىكى بەزى پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگىلى بولارمۇ؟» دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم.  يېقىندا ئىنگلىزچە تور بەتلىرىنى ئاختۇرۇۋېتىپ، «ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى» دېگەن مەزمۇننى ئۇچۇرتۇپ قالدىم.  مەن مەزكۇر ماقالىدە ئاشۇ مەزمۇننى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

مەن رەسمىي مەزمۇننى باشلاشتىن بۇرۇن، بۇ «6 تۈۋرۈك» نى تەييارلىغان شىركەت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.  ئامېرىكىدىكى مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن باشقا ئەللەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. يەنى، بۇ تەربىيە مەكتەپ، ئاتا-ئانا، دىنىي ئورۇنلار (مەسىلەن چېركاۋلار ۋە مەسچىتلەر) ۋە جەمئىيەتتىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.  مەن ھازىرغىچە كۆرگەن بىر قىسىم ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەخلاق تەربىيىسى بىلەن دىنىي تەربىيە ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىنى دىنىي تەربىيە ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ.  ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ 76.5 پىرسەنتى خرىستىئانلار بولۇپ (http://www.adherents.com/adh_dem.html), مېنىڭ كۆزىتىشىمچە بۇ خرىستىئانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەر شەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆز چېركاۋلىرىغا بېرىپ، دىنىي تەربىيە ئاڭلاپ كېلىدۇ.  بۇلاردىن باشقا، ئامېرىكىدا يەنە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، شىركەت باشلىقلىرى، شىركەت خادىملىرى، ۋە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەر خىل تەربىيە (ئىنگلىزچە training) ئېلىپ بارىدىغان كەسپىي شىركەتلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى «مەسلىھەت بېرىش شىركەتلىرى» (ئىنگلىزچە consulting company ) دەپ ئاتىلىدۇ.  مەن مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرماقچى بولغان «ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى» نى ئەنە ئاشۇنداق، «يۈسۈپوغلى ئىنستىتۇتى» (ئىنگلىزچە Josephson Institute ، http://charactercounts.org) دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەتنىڭ تور بېتىدىن تاپتىم.  بۇ شىركەت ھېلىقى «6 تۈۋرۈك» نى كەڭلىكى بىر مېتىر، ئېگىزلىكى بىر يېرىم مېتىر كېلىدىغان قەغەز تەشۋىقات تاختىسى قىلىپ ئىشلەپ چىققان بولۇپ، ئۇلار قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى «ئادەم خاراكتېرىنى يېتىلدۇرۇش كۇرسى» (ئىنگلىزچە Character development seminar ) نى ئېلىپ بېرىش ئىكەن.  ئۇلار ئېھتىياجلىق ئورۇنلارنى ئادەم خاراكتېرىگە ئائىت تەلىم-تەربىيە ماتېرىيالى ۋە ئۇسۇل-چارىلىرى بىلەنمۇ تەمىنلەيدىكەن (http://charactercounts.org/resources/index.html).  

بۇ يەردە مەن يۈسۈپوغلى ئىنستىتۇتىنىڭ قىلغان ئىشىدىن بىر مىسال كۆرسىتىپ ئۆتەي.  بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى مايكۇل يۈسۈپوغلى (ئىنگلىزچە Michael Josephson ) نىڭ دېيىشىچە، 90-يىللارنىڭ بىرىدە كالىفورنىيە شتاتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچىدە 3 كىشى خىزمەت ئەخلاقى جەھەتتە خاتالىشىپ، قانۇن جەھەتتىن جازالىنىپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن كالىفورنىيەدىكى بىر قېتىملىق ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق، كالىفورنىيەدىكى قانۇنچىلار ئۈچۈن مەجبۇرى ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەت ئىستىلى پرىنسىپلىرى ھەققىدىكى تەلىم-تەربىيە توغرىسىدا بىر قانۇن ماقۇللىنىپتۇ.  شۇنىڭ نەتىجىسىدە كالىفورنىيە ھۆكۈمىتى مايكۇل نى تەكلىپ قىلىپ، شتات ئەمەلدارلىرىغا بىر كۈن ئەخلاق تەربىيىسى سېمىنارى (كۇرسى) ئېلىپ بېرىپتۇ.  ئامېرىكىدا سىياسىي ئۆگىنىش مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، يۇقىرىقى سېمىنارنى ئامېرىكىدىكى ئىدارە-كارخانا-مەكتەپلەردىكى خادىملار مەجبۇرى قاتناشتۇرۇلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى، دېيىشكە بولىدۇ.


ئاساسىي مەزمۇن

ئادەم خاراكتېرى ھەققىدىكى تەلىم-تەربىيە ھەممە ئادەملەرگە قارىتىلغان بولۇپ، يۈسۈپوغلى ئىنستىتۇتى ئادەم خاراكتېرى تەربىيىسى پروگراممىسى بىلەن ماتېرىياللىرىنى ھەممە ئادەملەر ئەتىراپ قىلىدىغان 6 خىل قىممەت ئاساسىدا تەييارلىغان.  بۇ قىممەتلەر سىياسىي ياكى دىنىي قىممەتلەر ئەمەس بولۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ مەلۇم بىر كىشىلەر توپىغا قارىتىلمىغان.  شۇڭا تەربىيىلىگۈچىلەر تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئاساسىدا 6 تۈۋرۈكنى ياش-ئۆسمۈرلەرگە چۈشەندۈرسە بولىدۇ.  يۇقىرىقى شىركەتنىڭ تور بېتىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ 6 تۈۋرۈكنى يادلىۋېلىشى ئۈچۈن رەڭلىك خەتلەر بىلەن تەييارلانغان بىر كىچىك رامكىمۇ بار بولۇپ، مەن ئۇنىڭ رەسىمىنى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاخىرىغا كىرگۈزۈپ قويدۇم.  تۆۋەندىكىسى ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان نۇقتىلاردىن ئىبارەت.

ئىشەنچىلىك بولۇش (Trustworthiness)

--سەمىمي بولۇڭ
--باشقىلارنى ئالدىماڭ، كۆچۈرمىكەشلىك ياكى ئوغرلىق قىلماڭ
--ئىشەنچىلىك (رەلىئابلە) بولۇڭ—قىلغان گېپىڭىزدە تۇرۇڭ
--توغرا ئىشنى قىلىش غەيرىتىگە ئىگە بولۇڭ
--بىر ياخشى ئابروي تىكلەڭ
--ساداقەتمەن بولۇڭ—ئائىلىڭىز، دوستلىرىڭىز ۋە ۋەتىنىڭىز بىلەن ھەر نەپەس بولۇڭ

باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىش (Respect)

--باشقىلارغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ
--ئالتۇن قائىدىگە ئەمەل قىلىڭ (ئالتۇن قائىدە: سىز باشقىلاردىن قانداق مۇئامىلىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ)
--باشقىلارغا سەۋرچان بولۇڭ، ئوخشىمىغان ئادەملەردىكى پەرقلەرنى قوبۇل قىلىڭ
--ئىش-ھەرىكەتتە ياخشى بولۇڭ، ناچار سۆزلەرنى ئىشلەتمەڭ
--باشقىلارنىڭ ھېسسىيات-تۇيغۇلىرىغا ئەھمىيەت بېرىڭ
--باشقىلارغا تەھدىت سالماڭ، باشقىلارنى ئۇرماڭ ياكى زەخمىلەندۈرمەڭ
--باشقىلار سىزگە ئاچچىقلانغاندا، سىزنى ھاقارەتلىگەندە، ۋە سىزنىڭ پىكرىڭىزگە قوشۇلمىغاندا، ئۇلارغا تىنچلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ

مەسئۇلىيەتچانلىق (Responsibility)

--سىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تولۇق قىلىڭ
--ئالدىن پىلانلاڭ
--قەتئىي داۋاملاشتۇرۇڭ: توختاۋسىز تىرىشىڭ
--ھەر ۋاقىت كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىڭ
--ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ
--ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئىنتىزامچان بولۇڭ (بە سەلف-دىسكىپلىنەد)
--بىر ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ياخشى ئويلىنىڭ—ئۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاڭ
--ئۆزىڭىزنىڭ سۆزى، ئىش-ھەرىكىتى ۋە پۇزىتسىيىسىگە مەسئۇل بولۇڭ
--باشقىلار ئۈچۈن بىر ياخشى ئۈلگە يارىتىڭ

ئادىللىق (Fairness)

--قائىدە بۇيىچە ئىش قىلىڭ
--باشقىلار بىلەن نۆۋەتلىشىڭ ۋە باشقىلار بىلەن تەڭ پايدىلىنىڭ
--ئوچۇق كۆڭۈللۈك بولۇڭ، باشقىلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ
--باشقىلاردىن پايدىلىنىۋالماڭ
--ئىشنى بىغەملىك بىلەن باشقىلارغا دۆڭگىمەڭ
--ھەممە كىشىلەرگە ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ

كۆڭۈل بۆلۈش (Caring)

--ئاق كۆڭۈل بولۇڭ
--باشقىلارغا ھېسداشلىق ۋە خەيرىخاھلىق قىلىدىغان بولۇڭ، ھەمدە باشقىلارغا كۆڭۈل بولۇڭ
--مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ
--باشقىلارنى ئەپۇ قىلىڭ
--ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىڭ

گراژدانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش (Citizenship)

--مەكتىپىڭىز ۋە جەمئىيىتىڭىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىڭىزنى قوشۇڭ
--باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىڭ
--جەمئىيىتىڭىزنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىڭ
--ئەتراپىڭىزدىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇڭ
--سايلامغا قاتنىشىپ بېلەت تاشلاڭ
--بىر ياخشى خوشنا بولۇڭ
--قانۇن-قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىڭ
--ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىڭ
مۇھىتنى قوغداڭ
--پىدائىي (ياكى سەييارە) ئىشلارغا قاتنىشىڭ (ۋولۇنتەئەر)


ئاخىرقى سۆز

ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بىر ئورۇندا بىللە ئىشلەيدىغان، بىر جايدا بىللە ياشايدىغان، ياكى بىر مىللەتتىن كېلىپ چىققان ئادەملەر توپىدىكىلەرنى ياخشى ئادەم، ئوتتۇراھال ئادەم، ۋە ناچار ئادەم، دەپ 3 چوڭ تۈرگە ئايرىغىلى بولىدۇ.  چىراي-تۇرقىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ياخشىلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئادەم توپى ئىچىدە ئالاھىدە يۇقىرى ھۆرمەتكە ۋە يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ.  مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، سىز ئۆزىڭىز بىلىدىغان ئاشۇنداق يۇقىرى ھۆرمەت ۋە ئابرويغا ئىگە كىشىلەرنى يۇقىرىدىكى ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ.  شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىمۇ ئاشۇ 6 تۈۋرۈك بويىچە بىر قېتىم باھالاپ بېقىڭ.  شۇ ئارقىلىق سىز نېمىنى بايقىدىڭىز؟  مەن يۇقىرى ھۆرمەتلىك ۋە يۇقىرى ئابرۇي-ئىناۋەتلىك كىشىلەردە ئاشۇ 6 تۈۋرۈكتە ئىپادىلەنگەن كىشىلىك خاراكتېرنىڭ كۆپىنچىسى تېپىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم.

مەن ئىزچىل تۈردە مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدىم.  مەن مەزكۇر ماقالىنى تەييارلاۋاتقاندا كۆز ئالدىمغا ياپونىيەلىكلار كەلدى.  مەن ياپونىيىدە 2 يېرىم يىل ياشاپ باققاچقا، ياپون مىللىتىنى خېلە ياخشى چۈشىنىپ قالغان ئىدىم.  ئوتتۇرا دەۋر ۋە ھازىرقى دەۋرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى سىياسىي قۇرۇلمىلار، ئىسپانىيە ئېمپېرىيەسى، ۋە ئەنگلىيە ئەمپېرىيەسى قاتارلىقلارنىڭ تولۇق قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن نەچچە ئەسىر ۋاقىت كەتكەنىدى.  لېكىن ياپونىيە پەقەت 80 يىلدەك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولالىدى.  بۇ قېتىم ياپونىيە قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى، دېڭىز كەلكۈنى ئاپىتى، ۋە يادرو رادىئاتسىيىسىنىڭ تارقىلىپ كېتىش ئاپىتى قاتارلىق 3 چوڭ تەبىئىي ئاپەتكە يولۇققاندا، ياپون خەلقى ئىپادىلىگەن مىللىي ئىپتىخارلىق، مىللىي روھ ۋە مىللىي ساپا پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.  مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، ياپونىيىدە يەر تەۋرىگەندە ھېلىقى پارتلاپ كەتكەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان بىر بوۋاينىڭ پىنسىيىگە چىققىنىغا ئەمدىلا 3 كۈن بولغانىكەن.  ئۆزى ئىشلىگەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ۋەقە چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، «ھازىر مېنىڭ ۋەتىنىم ئۈچۈن ئۆزەمنى قۇربان قىلىدىغان ۋاقتىم كەلدى»، دەپ ئويلاپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ھېچ كىمگە ئۇقتۇرماي، پارتلاپ كەتكەن يادرو قازىنى بار بىناغا كىرىپ كېتىپتۇ.  بىر كۈنى ئەنگلىيە ببك تېلېۋىزورى توكيودا ياشايدىغان 50 ياشلاردىن ئاشقان بىر ئايالنى زىيارەت قىلىپ، «سەن يادرو رادىئاتسىيىسىدىن قورقتۇڭمۇ؟  توكيودىن باشقا بىر جايغا كېتىشنى ئويلىدىڭمۇ؟» دەپ سورىغانىدى، ئۇ ئايال «بۇ مېنىڭ ۋەتىنىم.  ۋەتىنىم بالا-قازاغا يولۇققاندا مەن ھەرگىزمۇ ئۇنى تاشلاپ باشقا يەرگە كەتمەيمەن.  مەن ئۆلسەممۇ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ ئۆلىمەن.» دەپ جاۋاب بەردى.  ھازىر خەلقئارادىكى نۇرغۇن كىشىلەر ياپون خەلقىنىڭ بۇ قېتىم ئاپەتكە ئۇچرىغان قۇرۇلمىلارنى قايتا ياساپ چىقىش ئىشىدا يەنە بىر يېڭى دۇنيا مۆجىزىسى يارىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا.  ياپونىيەلىكلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلالايدۇ؟  مەن ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكىنى يېزىۋېتىپ، ياپونىيەلىكلار ئىچىدە بۇ 6 تۈۋرۈككە ئىگە بولۇپ بولغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.  بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ.  پەقەت «مەسئۇلىيەتچانلىق» دېگەن بىرلا تۈۋرۈككە قاراپ باقىدىغان بولساق، بىز بىر مىللەت سۈپىتىدە بۇنىڭدىن كېيىن خېلىلا تىرىشمىساق بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.  

مېنىڭ پەرىزىمچە، ئادەم خاراكتېرىنىڭ بۇ 6 تۈۋرۈكى پەقەت بىر خىللا مىللىتى بار، ھەمدە ئۆزىگە ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىپ ياشاۋاتقان ياپونىيەلىككە ئوخشاش مىللەتلەر ئارىسىدا، شۇنداقلا ئۆز دۆلىتىدىكى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە زۇلۇم سالىدىغان ئىشلار مەۋجۇت بولمىغان ئامېرىكىدەك ئەللەردە ۋۇجۇتقا كەلگەن.  باشقا خىل ئەھۋاللار ئاستىدا ياشاۋاتقان كىشىلەر ئادەم خاراكتېرىنىڭ بۇ 6 تۈۋرۈكىدىن جانلىق ھالدا پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بۇنىڭدىن كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق.

1-رەسىم

1-رەسىم

«ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى» ئەستە قالدۇرۇش جەدىۋېلى


بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ماقالىلارنىڭ تور ئادرېسلىرى:


ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ تۈزۈلىشى:
http://www.adherents.com/adh_dem.html

يۈسۈپوغلى ئىنستىتۇتى:
http://charactercounts.org

يۈسۈپوغلى ئىنستىتۇتىنىڭ ئادەم خاراكتېرىگە ئائىت تەلىم-تەربىيە ماتېرىيالى ۋە ئۇسۇل-چارىلىرى:
http://charactercounts.org/resources/index.html

ئالتۇن قائىدە:
http://www.meripet.com/Sohbet1/20110102_Qanuniyet8.htm


بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
soygum + 80 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 80   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9658
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1778 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 11:17:49 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ئەھمىيەتلىك ياخشى ماقالە ئىكەن، رەھمەت!

مېركۇرىي ئىسىملىك تورداش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8745
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2094 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 11:28:35 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىنى خىلى كۆپ قىسمىغا چۈشىدىغاندەك ھىس قىلغان قىرىنداشلار ئاشۇ تەلەپلەرگە ئۇزاق مەزگىل چىڭ تۇرۇپ رىئايە قىلالىغاندىلا ئاندىن خارەتىرى يىتىلىدۇ ، دەپ ئويلايمەن .

         مايمۇن كېشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال - خۇرام قامچىغا ،
         تۆگە كىلۇر مەردانە ھەم قوتۇر ئىشەكنىڭ كەينىدە ،
         ...

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 11:30:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بىزگە تەلىم بەرگىنىگە رەھمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2913
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 11:43:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9673
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2307 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 01:10:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلاقنى ئىلىمى ھالدا بالىلارغا ئۆتمەي پەندى نەسىھەت خاراكىترىدە ئېلىپ بېرلسە ئەمدىكى زاماندا ئىشلەنمەي قالىدۇ.ھازىرقى بالىلارنى ئۇنى قىلما بۇنى قىلما دېسەك،نېمشقا،سەۋەبى نېمە؟دەپ سورايدۇ دېمەك يېڭى دەۋردە بالىلارمۇ ئەقىللىق بولۇپ تۇغۇلماقتا.بالىلارغا ئىلىمى پاكىت،دەلىل،تەجرىبە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئادەم بولۇش پرىنسپلىرنى چۈشەندۇرۇش كېرەك.
ھېلىقى غۇنچەم دىراممسى ئۈچۈن يىغلاپ ئاتا ئانا ھەققىدىكى ناخشلارغا كۆز يشى قىلدىغان چاغلار چوڭلارنىڭ ھېسيات بۇلىقى بولۇپ قالماقتا.بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا ئانا بولغۇچى چوڭلار ئۆزلىرنى قاتتىق تەربيىلەپ بالىلارغا تەلىم بەرگۈدەك ساپانى ھازىلاشقا تەرددۇت قىلمىقى زۆرۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9673
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2307 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 01:13:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنكى دەۋىر لىكىسيە دەۋرى بولۇپ تۇرماقتا.ھازىر تور بەتلەرنى ئاچساقلا ھېلى تارىخ ،جەمئىيەتشۇناسلىق،پسخولۇگىيە،گپنوس،پۇل تېپىش توغرسىدا   ھەرخىل لىكسيە پائالىيەتلەرنى كۆرۇپ تۇرۋاتىمىز.پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇغۇچى شىركەتلەر بىزدە بارلىققا كەلمىگەن بىلەن شۇلارنى قوللغۇچى شىركەتلەر شەخسلەرمۇ كۆپەيدى.بۇنداق ئۇسۇلمۇ يېڭى زاماندا بالىلارنى تەربىيلەشكە قارىتا بەلگىلىك ئۈنۈم كۆرستىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93099
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 01:20:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىراش ۋاقىتلىرىڭىزدىن ۋاقىت چىقىرىپ ، ئىسىل تېمىلارنى يوللايدىغان ئادىتڭىزدىن تولىمۇ سۈيۈنىمەن ، ئاكا .

ئانا رازى ئاللاھ رازى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55053
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3095
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2011-9-6
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 01:25:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىمىڭىزغا تەشەككۇر بىلىمخۇمار ئاكا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13179
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 01:40:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىلىمخۇمار ئۇستاز،سىزگە ئۇيغۇر خەلقى تولىمۇ تەشەككۈر ئېيتىدۇ.ھەيرانمەن،بىز قىلغان ئىشىمىزنىڭ تايىنى يوق تۇرۇپ،نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرالمايمىز،لېكىن سىز بولسىڭىز دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىراش ئالىملارنىڭ بىرى تۇرۇپ،شۇنچە كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىڭىزنى ئاجرىتىپ يازمىلارنى يوللاپ خەلقىڭىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇۋاتىسىز. سىزنىڭ چوقۇم بىزگە ئۆرنەك بولغۇدەك ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىڭىز بار،بۇ توغرىلىق بىر تېما يوللىغان بولسىڭىز،ھەممىمىزگە مەنپەئەتى تەككەن بولاتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش