مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13303|ئىنكاس: 82

تەقۋادار ئايال « مىكرو ھىكايە »   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1640
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1900 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 07:37:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               تەقۋادار ئايال   « مىكرو ھىكايە  »     

   بۈگۈن قىلىدىغان باشقا مۇھىم ئىشىم بولمىغاچ ،   دۇككانغا بالدۇرلا كەلدىم   .      دۇككان ئىشىكىنى ئېچىپ ،  بىر قۇر تازلىق قىلاي دەپ تۇرسام ،  بىر قولىدا  زاكىلانغان بىر بوۋاق بالىنى كۆتۈرۋالغان ،   ئۈستى بېشىنى   ئورىۋالغان ،قارىماققا  مۇسلىم  ئاياللىرىدەك كۆرۈنىدىغان  ، 24  - 25  ياشلار ئەتىراپىدىكى    بىر  چوكان كىرىپ ،  ئارتۇق گەپ قىلمايلا       تىزىپ قويولغان ئۈنچە - مارجانلارنى  كۆرۈشكە باشلىدى    ،     مەنمۇ   ئۇنىڭغا سەپ -سېلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن،    ئىشىمغا كىرىشتىم  ئالاھەزەل    10  مىنۇتتىن كىيىن ، ئۇ ئايال     بىر جۈپ  ئۈزۈكنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ   :   
   -  ئۇستام،  مەن ماۋۇ بىر جۈپ ئۈزۈكنى  سېتىۋالماقچىتىم   دېدى    .             مەن قىلىۋاتقان ئىشىمنى قويوپ   ،  ئۇ ئايالغا بۇ ماللارنى تۇنۇشتۇرغاچ    :              بۇ بىر جۈپ ئالتۇن ئۈزۈك    ،   ھازىرقى باھاسى    5680  يۈەن  ،   سىز بىلمەسلىكىڭىز  مۇمكىن، ھازىر ئالتۇننىڭ  ھەر گىرامىمۇ    290     280   يۈەندىن سېتىلىۋاتىدۇ ،   قارىسام سىزگە  يارىغاندەك قىلىدۇ، شۇڭا  باھادا ئېتۋار قىلاي  سىزگە   گىرامىنى   260   يۈەندىن بىرەي        دېدىم    .    بۇ ئايال   ماڭا قاراپ    :      خاپا بولماي ،ماۋۇ بالامغا قاراپ تۇرغان بولسىڭىز ،  يولدۇشۇم  سىرىتتا قالغان  ،   ئاۋال باھاسىنى سوراپ چىققىن  مەن پۇلىنى بىرەي دىگەنىدى ،   دېدى  .      مەنمۇ ئارتۇق ئويلاشمايلا  ،   ئۈزۈكنى ئۇ ئايالغا بەردىم   .  ئۇ ئايال، بالىنى    يان تەرەپتىكى    كىرىسلوغا قۇيۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى  .   مەن  كۆڭلۈمدە     :       بۇ ئايالنىڭ يولدىشى خېلى تەجرىبىلىك ئوخشايدۇ ،دىمىسىمۇ   ئايالىغا ئۇنچە جىق پۇل تۇتقۇزمايدۇ دە  ،  دەپ ئويلۇدۇم   .   شۇ ئارلىقتا   بىر مۇنچە  خېرىدارغا    ئۈزۈك ،  ھالغا، قاتارلىق  زىبۇ زىننەت  بۇيۇمى ساتتىم ،  بىراق  كۆزۈم  ئىشىك تەرەپتە ئىدى       .   ئىشىك تەرەپكە قارىغاچ   ،   كۆڭلۈمدە   :  بۇ ئايال مىنى ئالداپ قويمىغاندۇ ھە    ؟   تۇرقىدىن مۇسۇلمان ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ ،    ھەر قانچە بولسىمۇ       ئالدامچىلىق قىلىپ  باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالماس    ،    مەن نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم  ،   كونىلار  «    گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ  »  دەپ ئېيتىپتىكەن ، بىر ياخشى ئادەمگە  ئۇۋال قىلىپ قويماي  يەنە، دەپ ئويلۇدۇم    .  شۇ ئارلىقتا  كۆزۈم ھېلىقى زاكىلانغان بوۋاققا چۈشتى ، بوۋاق يا مىدىرلىمايىتتى ،   يا  يىغلىمايىتتى  ،     مەن ئاستا بېرىپ  بوۋاقنىڭ  يۈزىنى  ئاچتىم    ۋە تۇرۇپلا قالدىم  .  ئەسلى بۇ  بوۋاق بالا بولماستىن ،   كىچىك باللار ئوينايدىغان  قونچاق  ئىدى  .    مەن  ئالدانغانلىقىمنى بىلىپ   ،   دىلو مەلۇم قىلىش ئۈچۈن  ، تىلفۇننى قولومغا ئالدىم   .   
           
                                                           تۈگىدى   
                                         مەنبە  :  قانۇنچىلىق گېزىتىدىن   .  
   ئىزاھات  :  مەن ئالدىنقى كۈنى بۇ ئەسەرنى، قانۇنچىلىق گېزىتىدا كۆرگەنتىم .  شۇڭا     بۇ مۇنبەرگە  يوللاپ قويدۇم    .        بۇ ئەسەر مىنىڭ ئەسىرىم ئەمەس ،  پەقەت تورداشلارنىڭ  ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى  .    ئەسەردىكى   «تەقۋادار  » سۆزى  تەنە ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بولىشى مۇمكىن  .         

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101321
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 376
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2013-12-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 11:05:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدەك ئىشلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ...ھەرخىل ئادەملەر بار بۇ دۇنيادا....بەزىلەر پۇل ئۈچۈن ۋىجداننى ئەمەس ،،ئۆزىنى ۋە قېرىنداشلىرىنى سېتىشتىن يانمايدۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101321
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 376
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2013-12-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 11:05:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدەك ئىشلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ...ھەرخىل ئادەملەر بار بۇ دۇنيادا....بەزىلەر پۇل ئۈچۈن ۋىجداننى ئەمەس ،،ئۆزىنى ۋە قېرىنداشلىرىنى سېتىشتىن يانمايدۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109476
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2014-8-26
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 11:21:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ‹تەقۋا ›،مۇسۇلمانچە كىيىنگەن قىز-ئاياللىرىمىز بىر قىسمى كۈندىزى بەدىنىگە نۇرنى يولاتمايدۇ .كىچىسى كاباننا ،دسنى،ۋىناس ...........قاتارلىقلاردا نىقابلىق تاڭسا ،دىسكۈ ،ياشلىق ئۇسۇلى (سۇ ئۈزۈش كىيىمى بىلەن بىلەن ئوينايدۇ ،بەزىللىرىدە ئۇمۇ يوق ).بۇلارغا قارىسىڭىز سىرتقا كۆرۈپ قالسام دەيسسىز .لىكىن بۇ قىزلار ئويۇندىن قايتىپ سىز تونىيالمىغۇدەك ،گۇمان قىلمىغۇدەك تەقۋا ،مۇسلىمە بولۇپ ئىمانلىق يىگىتلىرىمىزنىڭ ئىنتىلىشىنى قوزغايدۇ.گىپىمگە ئىشەنمەي پەقەت بىرقىسىملا شۇنداق دىگۈچىلار بولسا .مۇشۇ كاباننا دىگەننىڭ ئالدىدا كەچ سائەت 9دىن كىيىن تۇرۇپ بىقىڭلار بىشىغا رومال دىگەننى ئوراپ ،پىگۇرىغا تومۇرلىرى كۆرۈرۈنۈپ قالغۇدەك چاپلىشىپ ئىشتان پادىچىلار ئىشتىنى شاڭكۇكۇ كىيىۋىلىپ كىرىشىدۇ ئۇنداقلار ئادەتتە ئۈچ-تۆت مۇسلىمە بىلىمەن بىر مودا قىزلار بەش -ئالتە بولۇپ كىرىشىدۇ .مەنچە بىزگە ھىجاب دىگەن نەرسە مۇسلىمەلىكنىڭ بەلگىسى ئەمەس ئۆزىنى نىقابلاشنىڭ مودىسى بولدى .شۇڭا ئۇيغۇر قىز-ئاياللارىمىزنىڭ مېللىي كىيىم-كىچەك ئەنئەنىمىزدىن يانماي .يات مېللەتنىڭ كىيىمىنى دوراپ كىيمەي خاسلىقىمىز بىلەن ياخشى -يامان بولساقمۇ ئۆزلىكىمىز بىلەن تىگىشلىك شان-شەرەپ ،ئار-نۇمۇستىن تىگىشلىكىگە ئىرىشسەك بۇ ئۇيغۇر خاراكتىرى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1911 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 11:24:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرگۈنۈڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ،كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ .
بەزى ئىشلار چىكىدىن ئاشسا ھامان ئۆزىنىڭ ماھىتىنى يوقىتىدۇ .شۇڭا ئىتىقادچىلىقتا مۆتىدىللىكنى تەكىتلەش كىرەك ھەم كونتىرول قىلىش كىرەك .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 11:24:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رايۇنىمىزدا كەڭ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ئىدىيىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۇچۇن يىزىلغان نەمۇنىلىك ئەسەر،

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھمەت94 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 11:33 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 11:32:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 11:24 PM
كۆرگۈنۈڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ،كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئ ...

بۇ ئىتىقادلىقنىڭ ئىشى ئەمەس ئىتىقادسىزنىڭ ئىشى

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1911 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 11:33:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمەت94 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 11:32 PM
بۇ ئىتىقادلىقنىڭ ئىشى ئەمەس ئىتىقادسىزنىڭ ئىشى

ھى ھى ..لىكىن بۇ شۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ ئاغزىدا ئىتىقادلىق ،ئىمانلىق..

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 11:42:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلار جىققۇ؟ بىر كۈنى بىر سودا سارايغا كىرسەم بىر ئايال شۇنداق خاپا بولۇپ كېتىپتۇ. ياغلىق چەككەن بىر ئايال دۇكان ئىچىگە كىرىپ ياغلىق كۆرىمەن دەپ پورتمالىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئىچىدە خېلى پۇل بار ئىدى دەپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 11:48:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى قايسى كۈنى مەنمۇ بىريەردە ئوقۇغان ئېدىم . بۇنداق ئىشلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ . كىشىلەرگە ئىنساپ تېلەش بىلەن ، ئاشۇ باشقىلارنىڭ ئاقكۆڭۈل ، سەمىمىلىكىدىن پايدىلنىپ كېتىۋاتقانلارغا نەپرەتلىنىمەن .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش