قار پومزىكى
بىر تامچە قار بولۇپ چۈشتۈڭ لېۋىمگە،
قار ئەمەس مىڭ تونۇر تەپتى تارالدى.
بولساممۇ يار ساڭا شۇنچە پەرۋاسىز،
بىر تامچە قار بىلەن سۆيگۈ يارالدى.
پىنھانلىق ئىچىدە چەكتىم رىيازەت،
لەۋلىرىم، يۇرىكىم كۆيىدۇ قاردا.
تامچە قار دومىلاپ بولدى پومىزەك،
تۈگىمەس رېۋايەت باشلاندى مانا...
ئۇيقۇ قاچقان بۇ كېچە
شامال چېكىپ ئۆتتى دەرىزەم،
ياق يۈرەكنى چەكتى بۇ كېچە.
سۆزلەپ سالدىم ئۆزۈمگە رەت- رەت،
مۇھەببەتنىڭ دەردى ئالەمچە.
تاش شەھەرگە تۆكۈپ ھەسرەتنى،
سۆزلەپ چىقتىم ئۇزۇن رېۋايەت.
يىغلاپ سالدى ئەلەمگە ئاسمان،
ئۆزۈڭ ئىدىڭ ئەسلى شەھرىزات.
ئۇيقۇ قاچتى يەنە بۇ كېچە،
سېغىنچىمنىڭ كۆكسىدە خەنجەر.
سۆيۈلگۈم بار سۆيگەندەك سېنى،
ئەلەملىرىڭ يۈتكەنگە قەدەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-6 01:39 AM