مەنمۇ ئۈستىلمدە تۇرغان ئىقتسادى ھېساۋاتقا ئىشلتىۋاتقان خاتىرە دەپتەرنىڭ بىرىنچى ۋارىقىغا (ئەسلىدە كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى قىلمەن دېگەن ئالدراشلىقتا ئىقتسادى توپلام قىلىۋەتتىم
)
ئۇنىڭدا ئۆزلۈك ۋە كىملىك ھەققىدە ماۋۇ قۇرلارنى يېزىپتىمەن:
___ مانا بۇ ياۋرۇپا بىناكارلىق سەنئىتنىڭ ئەڭ زور ئۇتۇقلىرنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۇرگەن بۈۋى مەريەم چىركاۋى .ئاشۇ قېتىملىق تۇر جېڭىدىن كېينكى خىرستىيان ياۋرۇپاسىدا دۇنياغا كەلگەن زور قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ئىدى.ئەگەردە ئەرەب ئىسلام قوشۇنلىرى بۇنىڭدىن 1300 يىل مۇقەددىم تۇر جېڭىدا غەلبە قىلىپ فرانسىيە تۈزلەڭلىكىگە باستۇرۇپ كىرگەن بولسا ئېھتىمال ئالدىمىزدىكى بۈۋى مەريەم چىركاۋىنىڭ ئورنىدا ھەيۋەتلىك مەسچىت مۇنارى قەد كۆتۈرگەن بولاتتى.تارىخ ئەنە شۇنداق تاللاش جەريانى.بۇ جەريانغا ئاجايىپ سىر -ئەسرالار ۋە تاسادىپلىقلار يانداشقان بولىدۇ.بەزىدە قاش بىلەن كىرپىك ئارلىقىدىكى بىر دەقىقىلىق تاللاش پۇرستى ياكى ھەل قىلغۇچ قارار بىر مىللەت ياكى بىر ئىجتىمائى توپنىڭ تەقدىرىنى تامامەن ئۆزگەرتىۋىتىشى مۇمكىن.(406- بەت)
2.بۇ مېنىڭ قىزىقىشمىم بۇلارنى خۇددى چۈمۈلە توختماستىن دان يېغقاندەك،بىر تال-بىر تالدىن يىغىپ توپلىدىم.ھەر قېتىم ئوتتۇرا ئاسىياغا بولۇپمۇ شىنجاڭغا بارغىنمدا كۆزلىرىم مۇشۇ نەرسىلەردىلا بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسيالىقلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلا سەنئەتكەباي خەلقسىلەر،سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا قەلەم توختىمغان بىلەن ھۆنەر-سەنئەت تاشلانماي داۋاملىشىپ كەلدى.شۇڭلاشقا ئۆز دۇنيارىڭلارنى ھۆنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلگەنسىلەر،ھەربىر خەلقنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولىدۇ.
3.شىۋىتسيەدە ساقىلنۋاتقان قەشقەر باسما بۇيۇملىرنىڭ تىلى ناملىق بىر يىللىق تەتقىقاد دوكلاتىمنىڭ ئاخىرقى تۈزىتلگەن نۇسخسىنى بىرگىت شلىتىر خانىمغا تاپشۇردۇم.بۇ ئېنگلىز تىلدا يېزىلغان 70مىڭ خەتتىن ئارتۇق چوڭ ھەجىملىك تەتقىقاد دوكلاتى ئىدى.
__ خاتىرەمگەمۇشۇ يەرگىچە يېزپتىمەن.كەيندىىكى بەتتىن باشلاپ ئىقتسادى ھېساباتنى يېزىپ كېتىپتمەن. ئاش كەلسە ئىمان قېچپتۇ دېگەن مۇشۇمىدۇ؟ھەر ھالدا توغرا چۈشنەرسلەر