مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3256|ئىنكاس: 8

سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14839
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2603 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 04:59:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                        سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش

                                                            (نەسىر)

  سەن مىنىڭ ھەددى-ھېساپسىز ھەسرەت-نادامەتلىرىم،بەخىتسىزلىكلىرىم،يالغۇزلۇقلۇرۇم ئىچىدىن كۆتۈرۈلدۈڭ!سەنسىز تار دۇنيارىم،سەنسىز ناخۇش ھاياتىم ۋە سەنسىز قېلىپلاشقان ھەربىر كۈنۈمنىڭ پەردىللىرى ئېچىلدى.
  بىز بىپايان زىمىننىڭ ئىككى بۇرجىكىدە بىزگە چىدام،غەيرەتنىڭ ئەڭ سەمىمى،ئەڭ تاتلىق شىرىنلىرىنى ئاتا قىلغان ھېجران قولۋاقلىرىدا ئولتۇرۇپ  قەلبىمىزگە ئاللىقاچان لىق تولدۇرۇلغان  مەي جامىنى كۆتۈرگەندەك كۈتۈش ۋە بەھرىلىنىشنىڭ غەمخانىسىدە ئۈزمەكتىمىز.
  قارا،بىزگە يىڭى مەۋسۇم قۇچاق ئاچتى.بىزنىڭ يىڭى بەتلىرىمىز ئىچىلدى.بىزنى رىتىمغا ئىلىۋالغان تۇرمۇش زەنجىرلىرى چېقىلىپ مۇھەببەت سەزگۈللىرى بىزنى ئازات قىلدى.
  ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقلىرىمىزغا تاللاشلىرىمىز ھۆرمەت ۋە ئىھتىراملاردا بولدى.مەغلۇبىيەت تىز پۈكتۈرەلمىگەن يىڭىلىشلىرىمىز بىزگە مەدەت ۋە كۈچ بولۇپ قەددىمىزنى رۇسلىدى.ئۆتكۈنلىرىمىزنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى ئارقىمىزغا تاشلاش بەدىلى بىلەن بىر بىرىمىزگە قول بەردۇق.
  ئەمدى ھاياتىمىزدا ئايرىش بولمايدۇ.ئەمدى ھاياتىمىزدا ۋاز كىچىش،ئالداش،پۇشايمان بولمايدۇ.ئەمدى ھاياتىمىزدا قولۇم قولۇڭدىن ئاجرىمايدۇ.ئەمدى ھاياتىمىزدا يۈزلۈرۈڭ،كۆزلۈرۈڭ ھەتتا ھەر بىر تىنىقىڭغا قەدەر مەن بىلەن بولىدۇ.
  ساڭا ئېيىتسام،شۇ كەمگىچە مەيلى ئوڭۇمدا،مەيلى چۈشلۈرۈمدە ۋە مەيلى چاقچاقلىرىمدا بولسۇن سېنى سۆيۈمەن دىگەنلىرىم راس ئىدى.سېنى كۈتىمەن،بىر ئۆمۈر سەن بىلەن ياشايمەن ...دىگەنلىرىم راس ئىدى.ۋاپارىڭ،ساداقىتىڭ ،مېھىر-شەپقەتلىرىڭنىڭ ئاراملىرىدا پەقەت مەنلا چەكسىز بەخىت ئىمتىيازىغا قوبۇلمەن دىگەنلىرىم راس ئىدى.
   بىر بىرمىزنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ،بىر بىرىمىزنى قوغداپ،بىر بىرىمىزگە ئىززەت-ھۆرمەت ئىھتىراملىرىدا بولىدىغان بىزنىڭ بەخىتلىك،ئىللىق ئائىلىمىزدە ئىلگىرى يوقۇتۇپ قويغان يىللىرىمىزغا،ئىلگىرى يوقۇتۇپ قويغان ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزگە ،ئىلگىرى نىسىپ بولمىغان خوشاللىق ،ئىپتىخارلىقلىرىمىزغا ھاياتىمىزنىڭ كۈلگىنلىرى بىر بىرلەپ ھېساپ بىرىدۇ.
پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ،سەمىمى،چىن ئەقىدىللىرىمىزگە ئىقرا ماڭا تالىق دىلىڭ،قەلبىڭ بىلەن ئىشەنگىنكى  ئەمدى  بىر بىرمىزسىز ھېچنىمىمىز،ئەمدى بىر بىرىمىزسىز ھوزورىمىز بولمايدۇ.
  شۇنچە يىللاردىن بىرى تاقەتسىزلەنگەن بۇ پۈتۈكلەرنى ئاخىرى يازدىم،ئاخىرى سەن بىلەن پۈتتۈم.سەۋىرسىزلىك ،تاقەتسىزلىك بىلەن ئارمانلاردا بولغان ئۈمۈت،ئىلتىجالىرىمىز ئاخىرى بەرىق ئۇردى.بىزنى كىچىكىش ئەگرى-توقايلىرىدا تاۋلاپ بىزنى يەنە ئۆزىمىزگە قايتۇرۇپ بەردى.
ئاھ،نەقەدەر گۈزەل،نەقەدەر سۆيۈملۈك جەمگاھ-بۇ! بىز كۆيمەكتىمىز.تىڭىرقىغان،چاڭقىغان  ؛مەيۈسلۈك،دىلۇغۇللۇق چۇلغىغان تەڭقىس ھايات ئوربىتىللىرىدىن شۇڭغۇپ چېقىپ بارلىق ئاچچىق كەشمىشلىرىمزنى ئارقىمىزغا ئېتىپ زۇلمەت تۈنلىرىمىزنى يورىتىۋەتكەن مەڭگۈلۈك ئايدىڭغا قوشۇلۇپ پەرۋازدىمىز.

  2014 يىل.9-ئاي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-6 01:39 AM  


دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107257
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 809
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2014-5-30
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 06:37:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    كەل، تۇرارىم سەن ئۈچۈن بەرھەق!سۈكۈتتىكى چۈشكۈنلىكىم  سەنلىك ۋەتەننىڭ پەرۋازىدا شوخلىنىشقا نەقتۇر!يىل ئۇزىنىدا بىلىنگەن تۈنلەردىكى  تومۇزغىلارنىڭ ئارامسىز تۈنەكلىرى جىمىسۇن! كېچىنىڭ ئۇيقۇسىز يۇلتۇزلىرىغىمۇ تەسەللىي بېرەيلى.يوپۇرماقلارمۇ زېرىكىشلىك شىۋىرلاشلرىمىزدىن قۇتۇلسۇن، تولۇن ئاينىڭ چىرايلىق يۆزلىرىمۇ يىراقتىن بىزگە جىلۋىلىك نۇرلىرىنى چاچسۇن، كەچمىشنىڭ ھېجرانلىق تۇمانلىرىمۇ  ئوڭ-چەپلىرىمىزدىن كۆتۈرۈلسۇن، خەيرىخاھلىق نەزىرىدىكى تاڭمۇ  تەبەسسۇمى بىلەن سۆيگۈ قەسرىمىزنىڭ روجەكلىرىنى ھارارەتلىك يورۇتسۇن. ئىستەكلىك يوللىرىمىزنىڭ مۈدرۈك قەدەملىرى  مۇھاببەت   قۇدرىتىدە راۋان  ئىزلانسۇن.  تۇيغىلىمىرىمىزدا غۇچچىدە چېچەكلىگەن باھار ھېسلىرى ئەبەدىي كۆتۈرۈلمىسۇن...ئارمانلىق قىسمەتلىرىمىزدىكى ئۈمۈت بىخلانمىللىرىنىڭ ئاينشى ئۈچۈن  دىل گۈلىستانلىرىمىزدىن ئورۇن  ئاجرىتايلى، قانلىرىمىز تەپتىدە ھارارەت بېرىپ ،مېھنەتلىك ئەقىدە تەرىمىز بىلەن سۇغۇرۇپ كۆكلىگەن بوستانلىقلىرىمىزنىڭ ئۆزى بىر جەننەت!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   -مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 07:05 PM  


بۈگۈن ماڭمىساڭ ئ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31445
يازما سانى: 977
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12199
تۆھپە نۇمۇرى: 1511
توردا: 799 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 07:03:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي- ۋاي نىمانداق تاتلىق مىسرالار ھە بۇ ؟ داۋامىغا تەشنامەن.
داۋاملىق ياندىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32191
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 07:07:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ؛-ھوزورلۇنۇش ۋە ھوزورلاندۇرۇشقا باغلىق.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1606
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 695 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 12:06:07 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇيۇش ۋە سۇيۇلۇشنىڭ فىزىكىلىق ھەركەت قانۇنىيىتى ئۇخشاش

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97965
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1822
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 12:18:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئوخشاشلا  بەخت.

نە ئۈچۈن ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى غەملەرگە قىلاي پەريادلەر؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 12:59:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 07:07 PM
سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ؛-ھوزورلۇنۇش ۋە ھوزورلاندۇرۇشقا باغل ...

ئەگەشتىم

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4288
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 11:10:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۈت كۈتمە..............دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگە!


ياخشى چىقىپتۇ.

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109407
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 686
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2014-8-23
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 06:09:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخىشى  يېزېپسز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش