|
|
|
|
خىيالغا بەنت بولۇپ كىتىۋاتاتتىم.
تۇيۇقسىز بىر پارچە مۇزغا <<غىرت>>لا قىلىپ تېيىلىپ، كەينىمگە ئوڭدىسىغىلا چۈشتۈم.مەن ئۆزەمنى ئانچە پالاكەت دەپ ئويلىمايتتىم.لىكىن بۇ ئىشەنچىمگە رىئاللىق رەھىمسىزلەرچە زەربە بېرىپ،بېشىم يەرگە شۇنچىلىك قاتتىق تەگدىكى بىر دەمگىچە ھوشۇمغا كىلەلمەي،جايىمدىلا يېتىپ قالدىم.ھەر نىمە بولسا ئەتراپىمدا ئادەم ئاز ئىدى.خىجىلچىلىقتا ئامالىنىڭ بارىچە تېز ئورنۇمدىن تۇرۇپ،مەسخىرىگە قالماي دەپ دەرھال يولۇمغا راۋان بولدۇم.لىكىن ماڭغاچ بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا قىلاتتىم.نېمىنى ئۇنتۇپ قالغاندىمەن؟....بىر ھازادىن كىيىن ئۇنتۇپ قالغان نەرسىنى ئاخىرى ئېسىمگە ئالدىم.ئەسلى بىر نەرسىنى ئەمەس بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىكەنمەن.شۇنىڭ بىلەن دەرھال كەينىمگە ياندىمدە،يېقىلىپ چۈشكەن يەرنىڭ بېقىنىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ ،گۈرجەكتىن بىرنى ئارىيەت ئېلىپ مۇزنى پاك-پاكىز تازلىۋەتتىم.
-----------------------------------------------------------------------
مۇز
ئۇ خىيالغا بەنت بولۇپ كىتىۋاتاتتى.
-ھەي....بىر ئامال قىلىپ ئازراق ئامما پىكىرى توپلىغان بولسام،بۇ قېتىملىق ئۆسۈشۈمگە جىق پايدىسى يەتكەن بولاتتى...لىكىن قانداق قىلسام بولار؟...،-ئۇ شۇ خىياللار بىلەن كىتىۋاتاتتى.تۇيۇقسىز بىر پارچە مۇزغا <<غىرت>>لا قىلىپ تېيىلىپ،ئوڭدىسىغىلا چۈشتى.
-ۋايجان...ۋايجان..ۋايجان.....،-ئۇ يېقىلىپ باقمىغىلى خېلى زامانلار بولغاچقا ،ھەر قانچە قىلىپمۇ ئورنىدىن تۇرالمىدى. تەلىيىگە شوپۇرى كىلىپ قېلىپ،ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزىۋالدى.ئۇ ئاران ئورنىدىن تۇرىۋالغاندىن كىيىن ،غەزەپ بىلەن تېلىفۇن ئۇرۇشقا باشلىدى.
-ۋەي!!مەن ۋاڭ نازىر بولىمەن،جەنۇبى قوۋۇق يولىدىكى سېرىق قاشتېشى يولىنىڭ بېقىنىدىكى كوچىنىڭ تازلىقىغا قەيەر مەسئۇل؟؟؟؟؟بۇ يەردىكى مۇزلار تازىلانماپتۇغۇ؟؟؟ناۋادا بىرەر ھادىسە چىقسا قانداق قىلىسىلەر؟؟؟؟؟،-ئەمما ئۇنىڭ ئۇرغان تېلىفۇنى بىكارغا كەتتى.چۈنكى بۇ يەرنىڭ تازلىقىغا ھېچكىم مەسئۇل ئەمەس ئىدى.
-خەپ..مۇشۇنچىلىك مۇزغا ئامال قىلالمامدىم؟؟؟،-ئۇ شۇ ئاچچىقىدا ئىدارىگە بېرىپ يىغىن ئېچىپ،بارلىق خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ شەھەر ئىچىدىكى ھېچكىم تازىلاشقا مەسئۇل ئەمەس يەردىكى مۇزنىڭ ھەممىنى تازىلىتىپ چىقتى.ئۆزىمۇ باشتىن ئاياق مۇز تازىلاش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.شۇنداق قىلىپ ئۇ بارلىق تازىلاقسىز مۇزلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كىيىن ئاندىن مەغرۇر بىر كۈلۈپ قويۇپ،ئىشخانىغا قايتىپ كەتتى.ئويلىمىغان يەردىن ئەتىسى بۇلۇڭ پۇشقاقلاردىكى ئاممىنىڭ رەھمەت خەتلىرى،لەۋھەلىرى ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىلىشكە باشلىدى.شۇ تۈپەيلىدىن ئۇ <<ئاممىنى خوشال قىلغان كادىر>>دىگەن نامنى ئېلىپ،يۇقىرى ئۇنىڭ ئەمىلىنى بىر دەرىجە ئۆستۈردى.
----------------------------------------------------------------------
مۇز
ئۇ خيالغا بەنت بولۇپ كىتىۋاتاتتى.
-مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ يازسام بولارمۇ ياكى مەن سىزنى سۆيىمەن دەپ ئالسام جانلىق چىقارمۇ...
ئۇ شۇ خىيال بىلەن كىتىۋاتاتتى.تۇيۇقسىز بىر پارچە مۇزغا <<غىرت>>لا قىلىپ سېرىلىپ ئوڭدىسىغا چۈشتى.
ئۇ شۇنچىلىك قاتتىق چۈشتىكى،ئاغرىقنىڭ زەربىسىدە ۋايجان دىمەي كاللىسىدىكى خىيالنى ئىختىيارسىز قۇسۇپ تاشلاپ <<مەن سىنى سۆيىمەن>>دەپ توۋلاپ تاشلىدى.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇشنىمۇ ئۇنتۇپ ئولتۇرۇپلا خىيالغا كەتتى...
-ئېغىزىمدىن پارتلاپ چىققان ئىكەن،بۇ چوقۇم قەلبىمدىكى ئەڭ سۈزۈك ئىلھام!مەن سىنى سۆيىمەن دەپ يازاي!!،-دىگەن خيالغا كەتتى ئۇ.تەلىيىگە ئۇنىڭ جايىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن بىر قىز كىلىپ ئۇنى يۆلەپ قويدى.بولمىسا ئۇ بارلىق ئەسەرنى پۈتتۈرىۋەتكىچە مۇز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
ئۇ ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن،ھېلىقى قىزنى ھەيران قالدۇرۇپ،مۇزغا قاراپ خۇددى ئەڭ يېقىن دوستىغا كۈلۈمسىرىگەندەك بىر كۈلۈمسىرىۋەتكەندىن كىيىن،سومكىسىدىكى مىنىرال سۇنى ئېلىپ مۇز ئۈستىگە تۆكتى ۋە
<<باشقىلارغىمۇ ئىلھام بەرگىن>>دەپ قويۇپ ئويچان قەدەملىرى بىلەن كىتىپ قالدى.
----------------------------------------------------------------------
مۇز
ئۇلار بىرنەرسىلەرنى تالىشىپ كىتىپ باراتتى.
-نۆۋەت ساڭا كەلدى..مەن سىنى ئوتتۇز قەدەم ئىتتەردىم.ئەمدى سەن مىنى ئىتتەر،-دىدى ھۈسەن ئاكىسىنى ئىتتىرىشتىن توختىۋېلىپ.
-ياق..سەن ئەمدى تېخى يىگىرمە ئالتە قەدەم ئىتتەردىڭ،يەنە تۆت قەدەم ئىتتىرىسەن ،سەن تولا مىنى ئەخمەق قىلىمەن دىمە جۇمۇ چىم-چىم،-دىدى ھەسەن جايىدىلا توختىۋېلىپ.
-ماڭەۋە،تاز!مەن ئېنىق ساناپ تۇردۇم.مەن دەپمۇ دەل ئوتتۇز قەدەم ئىتتەردىم.،-دىدى ھۈسەن ئاكىسىنىڭ ئەيىبىنى چىشلەپ تارتقىنىغا ئاچچىقى كېلىپ.
-كىم تازكەن!!!ئىشەنمىسەڭ ئاباي سەن مىنى ئىتتەرگەن جايغا قايتىپ قايتا سانايمىز!
-سانىساق سانىدۇق!ماڭە!!!
ئۇلار ئەمدىلا بۇرىلىۋېدى،يەردىكى بىر پارچە مۇزغا <<غىرت>>قىلىپ تېيىلىپ،ئوڭدىسىغا چۈشتى.
-ۋايجان...ۋايجان..ۋايجان....بولە چىم-چىم مىنى يۆلە !كاسسام ئاغرىپ كەتتى.
-ۋايجان...ۋايجان...ۋايجان...سەن مىنى يۆلە تاز!!مىنىڭ پۇتۇم قايرىلىپ كەتتى.
-سەن مىنى يۆلە!
-سەن مىنى يۆلە!
-مەن ئاكاڭ سەن مىنى يۆلە .
-مەن ئۇكاڭ سەن مىنى يۆلە.
شۇنداق دىيىشىپ ئۇلار يەنە گەپ تالىشىپ،ياقىلىرىنى سىقىشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىشتى.ئەمما يەنە تېيىلىپ يەنە يېقىلدى.
-ئانداق بولسا،مۇشۇ يەردە گەپ قىلماي ياتىمىز !كىم گەپ قىلسا شۇ يۆلەيدۇ.ھەم ئوتتۇز قەدەم ئىتتىرىدۇ!!
قانداق چىم-چىم چىدامسەن.
-چىدىسام چىدىماۋا!!تاز !!قاراپتۇ سىنى چوقۇم يېڭىۋالىمەن.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گەپ سۆز قىلماي مۇز ئۈستىدە يېتىشتى.ئاخىرى ھەسەن يېڭىلىپ قېلىپ دىر-دىر تىترىگىنىچە ھۈسەننى ئىتتىرىپ ماڭدى.....ئۇلار ماڭغاندا مۇز ئاللىقاچان ئېرىپ كەتكەنىدى.
---------------------------------------------------------------------
مۇز
ئۇ خىياللارغا بەنت بولۇپ كىتىۋاتاتتى.
-ئۆتكەندە ۋاڭ موماينى ۋېلسىپىت سوقىۋىتىپتىكەن.ئۇ 20000يۈەن تۆلەم ئاپتۇ.ئەتىگەندە ئۇسسۇل ئوينىغىلى چىققاندا،ئېسىۋالغان يېڭى رادىئوسى بەكلا چىرايلىق ئىكەن.ئىسىت مىنى سوقسىچۇ!!!تېخى ئۇ پۈتۈن تەكشۈرۈشلەرگە بىر قېتىمدىن چۈشۈپ چىقىپتۇ.
ئۇ شۇ خىيال بىلەن كىتىپ باراتتى<<غىرت>>لا قىلىپ بىر پارچە مۇزغا تېيىلىپ ئوڭدىسىغا چۈشتى.تەلىيىگە ئۇ ئانچە قاتتىق چۈشمىدى.ئەمما ئۇ ئورنىدىن تۇرمىدى.
-بۇ يەرنىڭ تازلىقىغا كىم مەسئۇلدۇ.خەپ پۈتۈن تەكشۈرۈشكە چۈشۈپ،تۆلەم ئالمىسام،-ئۇ شۇخىيالنى قىلىپ ياتاتتى.25 ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا كىلىپ ئۇنى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويدى.
-ئىسمىڭ نېمە؟،-دىدى موماي ئۇنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىپ.
-لېي فىڭ.بولدى موما،قارىغاندا زەخمىلەنمەپسىز،مىنىڭ ئىشىم بارىدى مەن ماڭاي،-دىدى بالا سەمىمىلىك بىلەن.
-نىمە؟؟؟مىنىڭ بۆرەك ،يۈرەك،جىگەر،ئۆپكەمدە چاتاق بار!!!سەن مىنى ئىتتىرىۋېتىپ يەنە تېخى قاچماقچىما؟؟؟،-دەپ توۋلىغاچ ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىۋالدى.
بىردەمدە ئەتراپقا ئادەملەر ئولىشىپ،<<بىر قېرى موماينى ئىتتىرىۋېتىپ،قاچماقچى بولغان مەلئۇن>>راسا ئەيىپلەپ،ساقچىغا تىلىفۇن قىلىۋىدى ساقچى بىردەمدە كىلىپ ئۇلارنىڭ گېپىنى تەپسىلى ئاڭلىدى.
-مەيلى كىمنىڭ راست بولسۇن.موماينىڭ يىقىلغانلىقى ئېنىق ئىكەن.ئەگەر مەن بۇنى قويىۋەتسەم مەسئۇلىيەت ماڭا كېلىپ قالىدۇ،-دەپ ئويلىدىدە.بالىنى موماينى داۋالىتىشقا بۇيرۇدى.موماي ئارزۇسىدىكىدەك ھەممە تەكشۈرۈشلەرگە چۈشكەندىن كىيىن،يەنە 10000يۈەن تۆلەم ئېلىپ بالىنى ئاندىن قويۇۋەتتى.ئۇ يانچۇقىدىكى پۇلنى سىقىمداپ ئۆيىگە ماڭغاچ خيال سۈرىۋاتاتتى.
-ھە...ئەمدى مەنمۇ يېڭى رادىئو ئېلىپ ۋاڭ موماينىڭ كۆزىدىن ئۆت چىقىرىۋىتىمەن.
ئۇ شۇخىيال بىلەن كېتىۋاتاتتى،ھېلىقى مۇزغا يەنە <<غىرت>>تىدە تېيىلىپ ئوڭدىسىغا چۈشتى.بۇ قېتىم ئۇ بەكلا قاتتىق چۈشكەنىدى.ئورنىدىن تۇرۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ،بېشىنى كۆتۈرگىدەكمۇ ئەھۋالى يوق ئىدى.
ئانىسى بىلەن بىللە كېتىۋاتقان 18 ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا ئۇنى يۆلەي دەپ مېڭىۋېدى.
-يالغان يېتىۋالغان بولىشى مۇمكىن!ئارتۇق ئىشلارغا ئارلاشما،-ئانىسى شۇنداق دەپ ئۇنى توختىتىۋالدى.
موماينىڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەن ئىدى.دەرھال داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىغاچقا ئۇ يانچۇقىدىكى 10000يۈەن پۇلنى سىقىمدىغىنىچە جىددى قۇتقۇزۇش كارۋىتى ئۈستىدە جان ئۈزدى.
--------------------------------------------------------------------
مۇز
ئۇ خيالغا بەنت بولۇپ كىتىۋاتاتتى.
-ھەي!!!مانا قىشلىق تەتىل توشىدىغانغىمۇ ئاران 3 كۈن قالدى..تەتىللىك تاپشۇرۇققا تېخى بىر چىكىت ئۇرمۇدۇم.شۇ چاغدىلا ئىشلىۋەتكەن بولسام بۇ غەممۇ يوق.بۈگۈن راسا ئارام ئېلىۋېلىپ،ئەتىدىن تارتىپ بار كۈچۈم بىلەن ئىشلەپ تۈگىتىۋىتەي.
ئۇ شۇ خىياللار بىلەن كىتىۋاتتى.بىر پارچە مۇزغا<<غىرت>>قىلىپ تېيىلىپ ئوڭدىسىغا چۈشتى.ئۇ مىڭ تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ،يولىنى داۋاملاشتۇردى.لىكىن نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ كاللىسىغا ئۇنىڭ مومىسى كىرىۋالدى.ئۇنىڭ مومىسى مۇزغا تېيىلىپ،ئۇنى دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىدىغان بىرەرمۇ ياخشى نىيەتلىك كىشى چىقماي،قۇقۇزۇش كارۋىتىدا جان ئۈزگەن ئىدى.ئۇ كەينىگە يېنىپ ئۆيدىن گۈرجەكنى ئېلىپ چىقىپ،مۇزنى تازلاشقا كىرىشىپ كەتتى.ئىككى گۈرچەك سېلىۋىدى،مۇز ھېچقانچە چېقىلمىدى.
-بۇنى پۈتۈن تازىلىۋىتىمەن دىسەم جىق كۈچ كەتكىدەك،ئەڭ ياخشىسى مۇزغا گۈرجەكنىڭ ئىزىنى سېلىپ،تېيىلمايدىغان قىلسام بولغىدەك،-ئۇ شۇنداق ئويلىدىدە گۈرجەك بىلەن مۇز ئۈستىگە كاتەك بەلگىسى چىقىرىشقا باشلىدى.ئانچە مۇنچە ئىشلىگەندىن كىيىن،سېرىلىپ بېقىۋىدى مۇز يەنىلا سىلىق ئىدى.
-قارىغاندا بۇنى سېرىلمايدىغان قىلىشقىمۇ جىق ۋاقىت كەتكىدەك،مەن بۈگۈن ياخشى ئارام ئېلىپ،ئەتىدىن باشلاپ تاپشۇرۇق ئىشلىمىسەم بولمايدۇ،ئەڭ ياخشىسى بۇ يەرگە بىر بەلگە قىلىپ قوياي.،- ئۇ شۇنداق ئويلاپ ،ئەتراپىغا قارىۋېدى،بەلگە قىلغىدەك ھېچ نەرسە كۆرۈنمىدى.يەنە سىنچىلاپ قارىۋىدى يولنىڭ بويىدا قايسى بىر مەسنىڭ قۇسۇقى تۇراتتى.ئۇ دەرھال گۈجەكتە قۇسۇقنى ئېلىپ،مۇز ئۈستىگە تۆكتى ۋە:
-بۇنىڭغىغۇ ھەممە ئادەم دېھقەت قىلار،-دەپ ئۆزىنىڭ ئەقلىدىن مەمنۇن بولۇپ بىر كۈلۈۋەتكەندىن كىيىن،گۈجەكنى ئېلىپ ئارام ئالغىلى كىرىپ كەتتى.
-------------------------------------------------------------------
ھا..ھا..ھا...ئەتىگەن شۇنداق قاتتىق چۈشۈپ كەتتىم دىسە...بىرىنچىسى مىنىڭ كەچۈرمىشىم قالغىنى توقۇلما.
مايماق ئىجادىيىتى
|
|
|
|
|
|