ساغلاملىق ھەققىدە ئالتۇن ھىكمەتلەر
1- ئادەم نىمە ئۈچۈن كېسەل بۇلىدۇ؟
چۈنكى كۈپۈنچە كىشىلەر ئۆز مىجەزىگە ماس كەلمەيدىغان تاماقنى يەپ كىسەل تاپىدۇ.
2-دورا ئىچىدە ئەڭ پايدىلىق دورا قايسى ؟
بارلىق دورىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ،پايدىلىق ، ئۆتكۈر دورا -مىجەزىگە ماس كېلىدىغان تاماقتۇر(يېمەكلىكتۇر)
3-ئەڭ ياخشى ئەۋزەل داۋالىنىش قايسى خىلدىكى داۋالىنىشتۇر
تاماقنى ئاز ،تەرتىپلىك يېيىش ئارقىلىق داۋالىنىش ھەر قانداق دورىدىنمۇ ئەۋزەلدۇر، تېبابەتتە شۇنداق يازغاننى كۆردۈم؛ ئاچلىق داۋا ئىكەن ھەر بىر ئىللەتكە.
4-نىمە سەۋەپتىن بەدەندە ئىللەت (كىسەل )پەيدا بۇلىدۇ؟
ناچار سۇ، ئاچچىق تۈتۈن، بەتبۇي پۇراق ۋە ھەزىم قىلىنىشى قىيىن بولغان تاماقنى ئىستىمال قىلىش بەدەندە كىسەل -ئىللەت پەيدا قىلىدۇ.
5-بەدەندىكى ئىللەت(كىسەل)كۈپۈنچە قايسى خىل تۇرمۇش ئادىتى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ؟؛كىچىسى ۋاختىدا قېنىپ ئۇخلىماسلىق، كۈندۈزى كۆپ ئۇخلاش،سۈيدۈكنى ئۇزۇنغىچە ساقلاش، قورساق توق ھالەتتە يەنە ئۈستىلەپ تاماق يېيىش،كېچىسى سۇغۇق سۇ ئىچىش ۋە جىنسى ئالاقىگە ئارتۇقچە بېرىلىش.
6-قانداق قىلغاندا كىسەلدىن نېرى تۇرغىلى ،بەدەن ساغلاملىغىنى ئاسرىغىلى بۇلىدۇ ؟
قانداق ئۇزۇقلىنىش ،قايسى خىلدىكى ئۈزىگە ماس كىلىدىغان تائاملارنى ئىستىمال قىلىشنى، ئۈزى قايسى مىجەزلىك ئىكەنلىگىنى ،قايسى خىلدىكى تائاملارۋە ئۇزۇقلۇقنىڭ زىيان قىلىپ قايسى خىل ئۇزۇقلۇقنىڭ ئۆز بەدىنىگە پايدىلىق ئىكەنلىگىنى قانچە بالدۇر بىلگەندە بەدەننى ساغلام تۇتقىلى ،كىسەلدىن نېرى بولغىلى بۇلىدۇ....
(قىسمەن ئۆزلەشتۈرۈلدى)
http://www.4tadu.com/?p=938 ؛ مەنبە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا koktugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-5 01:54 PM