مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە :
غەزەللەر
ئەلشىر ئىمام مۇھەممەد (سىدىقى )
1.
كۆپەيمەكتە ئارامىزدا بۇلار – بولماس قاتار چايلار ،
ھەشەمەتنىڭ قۇچاقىغا ئۆزىن ھەر ئان ئاتار چايلار  .
زورايماقتا قوشۇن خىللاپ  بىرىنى –بىرلىرى چىللاپ ،
«قۇشۇلمايمەن »دىسە تىللاپ گۇناھلارغا پاتار چايلار .
سىنىڭدىنمەن قالامتىم دەپ بۇزۇپ چوڭ يەپ-ئىچىپ خەجلەپ 
ھارامخور نەسلى شەيتاننىڭ كۈيىگە ئۈن قاتار چايلار  .
بارار ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ ئۈرۈمچى ، غۇلجىغا باشلاپ    ،
تېخى چەتئەلگە كۆز تاشلاپ ھەشەمنى ئاشۇرار چايلار     .
« كۆتۈمدە ئىشتىنىم يوقتۇر ئېتىم مارجان بۈۋى »بولمىش  ،
بۇلۇپ ئىتتىن سۆڭەككە قەرىز ئەلەم ھەسرەت يۇتار  چايلار  .
ئاجايىپ نازۇ – نىئمەتلەر يېيىلمەستىن تېخى بىر رەت   ،
كېرەكسىز يۇندا ئەخلەتنىڭ قاتارىدا ياتار چايلار        .
شاراپخورلۇق ، نۇمۇسسىزلىق ،پاساد ، غەيۋەت ئۇنىڭدا جەم ،
تۆكۈپ ئابرۇي ئىناۋەتنى ئەجەپ ئەرزان ساتار چايلار   .
يەنە بار نەپسىدىن ئەلا بىلىپ ھەردەم ساخاۋەتنى    ،
كۆڭۈللەر رىشتىنى مەھكەم ئۈزۈلمەس قىپ چاتار چايلار .
ناچار ياخشىغا ئۆزگەرسە خەلق ياخشىغا گۈل بەرسە  ،
سىنى ناخشا قىلىپ كۈيلەپ قىلار تەڭكەش دۇتار چايلار .
سىدىقى بىلكى ھەر نەرسە چېكىدىن ئاشسا گۇم بولغاي   ،
ھۇشۇڭنى تاپمىساڭ جانغا بۇلۇپ تىغدەك پاتار چايلار     .
※※※※※※※※※※※※※※※※※※※
2.
بۇ جاھاندا ئۆز ئىلىنى سۆيمىگەنلەر خارۇ-زار  ،
ئانا يۇرتقا چىن يۈرەكتىن كۆيمىگەنلەر خارۇ-زار .
ئەل – ۋەتەننىڭ سۆيگۈسىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ ،
ئەل بىلەن تەڭ قايغۇرۇپ تەڭ كۈلمىگەنلەر خارۇر-زار .
ئانا ۋەتەن تۇپراقىنى باغۇ- بوستان قىلغىلى  ،
بەلنى باغلاپ ئەر كەبى يەڭ تۈرمىگەنلەر خارۇ-زار .
سۆزلىسە ئاغزىدا چەتئەل ئۇخلىسا چۈشلەرىدە  ،
ئويغۇنۇشقا قۇربى يەتمەي جۆيلىگەنلەر خارۇ-زار   .
ئۆزگە يۇرتنى زەر گۆھەردەك ئەتىۋا كاتتا بىلىپ  ،
ئانا يۇرتنىڭ قەدىرىنى ھەم بىلمىگەنلەر خارۇ-زار  .
ئۆز دىيارنىڭ تۇزىنى يەپ تۇزلىقىغا تۈكۈرۈپ    ،
ئار – نۇمۇسنىڭ سىرىتمىقىدا ئۆلمىگەنلەر خارۇ-زار  .
ئۆز ئانا مىھرى بىلەن باغرىغا باسسا ئەركىلەپ  ،
پەيزىنى مىھرى – ۋاپانىڭ سۈرمىگەنلەر خارۇ-زار  .
ئى سىدىقى سىنى ئۆستۈرگەن ئاناڭدۇر بۇ ۋەتەن  ،
ئانىنى يۈكسەك بىلىپ چوڭ كۆرمىگەنلەر خارۇ-زار  .
※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※
3.
نىگارىم ماڭا چىن – سۆيگۈڭ كېرەك ئەلۋەتتە –ئەلۋەتتە  ،
ۋاپاسىز سۆيگۈدىن بىزار يۈرەك ئەلۋەتتە – ئەلۋەتتە     .
چالار بولسام مۇھەببەتنىڭ كۈيىنى ياڭرىتىپ ھەر ئان  ،
يۈرەك تارىمغا دىل رىشتىڭ خەرەك ئەلۋەتتە – ئەلۋەتتە  .
ئەگەر خارلانسا پاك  سۆيگۈم سىنىڭ ئارسىزلىقىڭ بىرلە  ،
مۇھەببەتنىڭ خازانىدىن دېرەك ئەلۋەتتە – ئەلۋەتتە     .
كېرەكتۇر ئىھتىيات قىلماق ئىشىق يۇلىدا ئاشىققا     ،
دۇچاردۇر كۆپ رەقىب قازغان ئورەك ئەلۋەتتە – ئەلۋەتتە  .
تىكەندىن قورقسا چىن ئاشىق ھىساپلانماس قىزىل –گۈلگە ،
رەقىبنىڭ مىكرىگە مەنھەم زېرەك ئەلۋەتتە – ئەلۋەتتە     .
سىدىقى قەدىرىگە يەتسەڭ ۋاپادارلىق ساداقەتنىڭ     ،
ئېچىلغاي سۆيگۈدىن غۇنچە پورەك ئەلۋەتتە – ئەلۋەتتە   .
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-6 01:40 AM